روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 11388|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

دولان ئۇسسۇلى قوپال ئۇسسۇلمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دولان ئۇسسۇلى قوپال ئۇسسۇلمۇ؟
تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

دولان ئۇسسۇلى قەدىمىيلىككە، تەبىئىيلىككە، كۈچلۈك سەھرا ۋە ئىپتىدائىي يايلاق، ئەمەلىي تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇسسۇلدىكى ھەقىقىي، كۈچلۈك ھېسسىيات ئۆزگىچىلىكى ھەم ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ئەڭ قەدىمىي شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دولان ئۇسسۇلى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوۋچىلىق ۋە ئىپتىدائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئاساسىي خام ماتېرىيال قىلىپ، ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن سەنئەتلىك  خۇسۇسىيىتىينى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدا قەدىمكى ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىكلەردىنجىنسىي ئەزالارغا چوقۇنۇش، تۇتىم ھايۋانلىرى ۋە خىسلەتلىك قۇش ئىلاھىغاوقۇنۇش، شامان، مانى، زەردۇش دىنى قاتارلىقلارغا چوقۇنۇپ، دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئەنئەنىسى مۇكەممەل ساقلانغان. تۈرلۈك مۇراسىم پائالىيەتلىرى ۋە دىنى پائالىيەتلەر  دولان ئۇسسۇلىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان.
تۇتېم ۋە تۇتېمغا ئالاقىدار مۇراسىملار ئىپتىدائىي سەنئەتنى شەكىللەندۈرگەن.قەدىمقى ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇلىرى، ھايات تەسەۋۋۇرلىرىنى ھەر خىل ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە تاۋۇشلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ ئاستا-ئاتد سىستېمىيلاشقان ھەرىكەت شەكىللىرى ۋە مۇڭ-كۈي شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىنتىدائىي سەنئەتنىڭ دەسلەپكى بىخلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. دولان ئۇسسۇلىمۇ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا تەدرىجى مۇكەممەللىشىپ رەسمىي سەنئەتلىك ھالەتكە كەلگەن.
دولان ئۇيغۇرلىرى- قەدىمدىن تارتىپ ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ماھىر خەلق بولۇپ، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە مۇزىكا ئۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى كەلگەن.
ئۇسسۇل سەنئىتى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قەدىمىي سەنئەت شەكىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ تاۋۇشلۇق تىل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن. ئىپتىدائىي ئىنسانلار تەبئىەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ۋە تەبىئەت بىلەن كۆرەش قىلىش، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئەمگەك پائالىيەتلىرى جەريانىدا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى، غەلبە-شادلىقلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ تەبئىەت، جەمئىيەت ۋە ھاياتلىق ھەقىقىدىكى ئىدىيىۋى ھېسسىياتلىرىنى، كۆز قاراشلىرىنى بەدەن تىلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن.
ئىپتىدائىي ئۇسسۇللار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېتىقاد شەكىللىرىنى، كۆپ قىرلىق، كۆپ مەنبەلىك، ئۆزگىرىشچان ھېسسىياتلىق قەلبىنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسلىق مەنىۋىي پائالىيىتى بولۇپ، ئىنسانلاردا تىل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، ئىپتىدائىي كىشىلەر ھەرىكەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يولىنى ئاچقان. بۇ خىل ھەرىكەتلىك تىل ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىنىشى بولغان.
ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەزكەز قىلغان ھالدا جۇشقۇن، نەپىس، ئەۋرىشىم، نازاكەتلىك، مەردانە ھەرىكەت شەكىللىرىنى بەلگە قىلغان ئاساستا بارلىققا كەلگەن. تۇرمۇشتىكى قوپال،چاكىنا، خۇنۇك ھەرىكەتلەرنى ئۇسسۇللۇق ھەرىكەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىەتمىگەن. ھەر  بىر سەنئەتلىك ئۇسسۇل ھەرىكىتى گۈزەللىك، نەفىسلىك، رىتىمدارلىق، نىسبەتلىك، لىرىكىلىق، گارمۇنىيىلىك، جۇلالىق بولۇشتەك تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى، شەكىل گۈزەللىكى قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇسسۇللۇق پىكىر، ھېسسىيات مەزمۇنلىرىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ھەرىكەتچان شەكىل ئارقىلىق ئوبراز يارىتىش ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى. ئۇسسۇلدا ئۇسسۇلچىنىڭ چىراي ئىپادىسى، بەدەن ھالىتى ۋە مۇناسىپ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىلىپ ھېسسىيات ۋە ئوبراز ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇسسۇل سەنئىتىدە سەنئەت ئوبرازى يارىتىشنىڭ ماددىي ۋاستىسى ئادەم بەدىنى، ئۇسسۇل گۈزەللىكى ماھىيەتتە بەدەن گۈزەللىكىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر خىل شەكىل گۈزەللىكىدىن ئىبارەت. ئۇسسۇل ئۆزىنىڭ بۇ خىل گۈزەللىكى بىلەن كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ. ئىنسانلارنىڭ پىنھان ھېسسىياتلىرى ئۇسسۇل ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ، ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى ئەڭ يوقۇرى پەللىگە كۆتۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇلنى ھېسسىياتنى ئىپادىلەشنىڭ ئەڭ بىۋاستە شەكلى دەپ قاراشىمۇ بولىدۇ. ئىنسانلار ھېسسىياتىدىكى ھەرقانداق ھاياجىنىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدۇ. گۈزەل، نەفىس، ھەرىكەت- ئۇسسۇلدىكى لىرىك گۈزەللىكنىڭ ماددىي پوستى. ئۇسسۇل ئوينىغۇچى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلەپ، بەدەن ھەرىكىتى مەدەنىيەتىنى يارىتىدۇ.
ئۇسسۇل سەنئىتى ئىنساننىڭ بەدەن گۈزەللىكى ئارقىلىق بەدئىي ئوبراز يارىتىپ، ئۇسسۇللۇق مەنزىرە ھاسىل قىلىپ ئىستېتىك قىممەت ۋە ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئۇ بەدەن ياراتقان سەنئەتتىن، بەدەن گەۋدىلەندۈرگەن مەدەنىيەتتىن، بەدەن سۆزلىگەن نۇتۇقتىن ئىبارەت. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەر خىل بەدەن ھەرىكىتى ئارقىلىق پىكىر- ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ئەرلىك جاسارەت بىلەن ئاياللىق نازاكەتنىڭ سېھىرلىك جۇلاسىنى  نامەيەندە قىلىدىغان سەنئەت ئىكرانى بولغاچقا، ئۇنىڭدا پۈتكۈل خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىغا يۇشۇرۇنغان مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇيغۇر ئۇسسسۇلى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مول ئەقىل-پاراسىتى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىسىنىڭ مېۋىسىدۇر. ئۇنىڭدا بەدەن تىلى ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياشاش ئادىتى، ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى توغرىسىدىكى ساددا ئويلىنىشلىرى  ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
دولان ئۇسسۇلى بىلەن دولان مۇقامىلىرى بىر پۈتۈن گەۋدە. دولان مۇقاملىرىدا ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەزمۇن ئاساسەن دولان ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق رۇشەنلەشتۈرگەن. دولان ئۇسسۇلىدا مۇزىكىلىق قۇرۇلما بەش باسقۇچتىن، ئۇسسۇللۇق فورماتسىيە تۆت مۇقىملىقتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەر باسقۇچ ئۇسسۇلدىكى قەدەم بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئاساسەن جۈپ-جۈپ بولۇپ ئوينايدۇ، قول ھەرىكەتلىرى ھەمدە داپنىڭ رىتىمىمۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ باشقا تۈر ۋە شەكىللىرىگە ئوخشىمايدۇ.
دولان ئۇسسۇلى-دولان ئۇيغۇرلىرىغا خاس بولغان قەدىمكى چالغۇلار بىلەن ئورۇنلىنىدىغان ۋە «دولان مۇقامى»لىرىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان تۆت باسقۇچلۇق دولان مەشرەپ ئۇسسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.«دولان مۇقامى»ـ «مۇقەددىمە»، «چېكىتمە»، «سەنەم»، «سەلىقە»، «سېرىلما»دىن ئىبارەت بەش بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇقەددىمىدىن كېيىنىكى ئاھاڭلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇسسۇل تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىنىدۇ. دولان ئۇسسۇلىنىڭ   مۇقەددىمىسى  ناھايىتى قەدىمىي زامانلارغا تۇتۇشىدىغان سەنئەت ھادىسىسى بولۇپ، چاچما ئۇدار شەكلى ئاساسىدا ئىختىيارى ئويناش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ باسقۇچى شۇ سورۇنغا نىسبەتەن ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەييارلىق ھالىتىدە ھازىرلىنىش مەنىسىنى ئىپادىلىسە، دولان ئۇسسۇللىرىدا ئىپادىلىنىدىغان مەزمۇن نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر قېتىملىق ئوۋغا تەييارلىنىش يۈزىسىدىن ئادەم چاقىرىش ۋە توپلاش كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇسسۇل باشلىنىشتىن بۇرۇن سازاندىلەر ئىچىدىكى بىر  ياكى بىر نەچچە نەغمىچىلەر ئەڭ يوقۇرى ئاۋاز بىلەن «ۋاي ئاللا...! ۋاي ئاللا...! ۋاي ئاللا...!» دەپ نەغمە قىلىپ توۋلايدۇ. ئارقىدىنلا ئىختىيار قىلغان كىشىلەر بىر-بىرىنى تەۋەززۇ بىلەن ئۇسسۇل ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئارقا-ئارقىدىن كىشىلەر ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، بىر مەيدان ئۇسسۇلغا قېرى-ياش، ئەر-ئايال بولۇپ 100دىن 150 كىچە كىشى جۈپى-جۈپى بىلەن بىر-بىرىگە بېقىشىپ، بىر-بىرىنى ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.مەيداندا مەيلى 100 كىشى ياكى 200 كىشى بولسۇن خۇدى بىر كىشى ئوينىغاندەك رەتلىك ئوينىلىدۇ.
دولام مەشرىپىنىڭ بىر قېتىمدىكى ئۇسسۇلى تۆت باسقۇچلۇق شەكىل بىلەن ئاياغلىشىدۇ ھەمدە باسقۇچنىڭ مەزمۇنى يەنىلا ياۋايى ھايۋانلار بىلەن كۆرەش قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.                                      بىرىنچى باسقۇچ - چېكىتمە (ئىز ئىزدەش دېگەن مەنىدە) دېيىلىدۇ. بۇ   4/3ئۇدارلىق ئاستا ئۇسسۇللۇق ئاھاڭدۇر. «چېكىتمە» دېگەن سۆز داپنىڭ چېكىپ چېلىنىشا ئاساسەن قۇيۇلغان نام بولۇپ، مۇقامنىڭ ئەركىن ئۇدارلىق ئاھاڭىدىن رىتىملىق ئاھاڭغا ئۆتكەنلىكىنى ئىپادىلايدۇ. بۇ باسقۇچتا ئۇسسۇلچىلار داپنىڭ رىتىملىق ئۇرۇلۇشىغا ماسلاشتۇرۇپ پۇت ۋە قولىنى ھەرىكەتلەندۇرىدۇ. ئەرلەر ئىككى قولىنى ئۇزۇن سۇزۇپ ئوڭ ۋە سول تەرىپىنى ئاختۇرىدۇ. بۇ جاڭگالدىكى چاتقاللارنى قول بىلەن قايرىپ تۇرۇپ، ياۋايى ھايۋانلارنى ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئايللار بولسا بىر قولىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ، بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئوينايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ياردەملىشىپ مەشئەل «چۇچۇلا» كۆتۈرۈپ يولنى يۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئىپادىلىسە، قولنىڭ ئىككى ياققا رىتىملىق ئېچىلىشى ئەرلەرگە يېقىندىن ماسلاشقان ھالدا مەشئەلنى قولدىن- قولغا ئالماشتۇرغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ - سەنەم (ئېلىشىش. تىركىشىش ۋە چىرمىشىش دېگەن مەنىدە) دېيىلىدۇ. بۇ4/4   ئۇدارلىق تېزرەك ئورۇنلىنىدىغان ئۇسسۇللۇق ئاھاڭ. سەنەم دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا «مەبۇت، گۈزەل يۇرت» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، ئەينى دەۋردە كىشىلەر ئۆزلىرى گۈزەل دەپ قارىغان ھەم چوقۇنغان بۇتنى «سەنەم» دەپ ئاتاشقان. كېيىنچە «سەنەم» سۆزى «گۈزەللىك» مەنىسىگە كۆچۈپ، دولان مۇقاملىرى، قۇمۇل مۇقاملىرى ۋە ئون ئىككى مۇقام قاتارلىق چوڭ تىپتىكى كىلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ ئەلنەغمىلىرىگە ۋە خەلق ئۇسسۇللىرىغا سىڭىپ كىرگەن. مۇزىكا بۇ باسقۇچتىن ئۆتكەندە، ئاھاڭنىڭ يۆتكىلىشى بىلەن ئۇسسۇل جىددىيلىشىدۇ. بۇ. تېپىلغان ياۋايى ھايۋان بىلەن  قاتتىق كۆرەش باشلانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭدا ئۇسسۇل ئوينىغۇچىنىڭ ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە بۇرۇلۇشى، ھايۋان بىلەن جىددىي ئېلىشقانلىقىنى. چەبدەسلىك بىلەن سولدىن ئوڭغا ئايلانغانلىقىنى، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلغانلىقىنى، كېيىنىكى ھەرىكەت ئازدۇرۇلغان ھايۋاننى قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ئوقيا ئېتىپ يىرتقۇچ ھايۋانغا ئەجەللىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن بۇ باسقۇچ ئاخىرلىشىدۇ.
ئۈچۈنچى باسقۇچ - سەلىقە (سەن ئۇنى يوقات دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ 2/4  ئۇدارلىق تېز سۈرئەتتىكى ئۇسسۇللۇق ئاھاڭ. «سەلىقە» «زوق، زوق بېغىشلىماق، شوخ، شوخ پەدە» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇ سۆزمۇ كېيىنىكى مەزگىللەردە دولان مۇقاملىرى ۋە ئون ئىككى مۇقاملاردا ئۇسسۇللۇق ئاھاڭلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نام سۈپىتىدە قۇيۇلغان. نەغمىنىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇسسۇل شەكلىمۇ ئۆزگىرىدۇ. بۇ باسقۇچ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ مەغلۇپ بولۇپ قاچقانلىقىنى، ئەر-ئايال ئوۋچىلارنىڭ ھالقىسىمان دائىرە ياساپ، يىرتقۇچ ھايۋاننى قورشىۋالغانلىقىنى ۋە قورشاۋدا قالغان ھايۋاننى قاتتىق دۇمبالاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ - سىيرىلما (غەلبە، تەنتەنە، خوشاللىق دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ 2/4   ئۇدارلىق تېز ساما ئاھاڭىدۇر. «سىيرىلما» سۆزى «سىرىلىش» سۆزى بىلەن مەنىداش بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى ئىچىدىكى مېلودىيە ئۆزگىرىشى ئاددىي بولغان يىنىك ئۇسسۇللار «سىيرىلما ئۇسسۇلى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسسۇللار مۇزىكىغا ماس ھالدا يەڭگىل سىلىق ئوينىلىدۇ. دولان ئۇسسۇلىنىڭ سىيرىلما ھەرىكىتىمۇ ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇنىڭدا نەغمە ئاھاڭىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوۋچىلارنىڭ ئاخىرقى غەلبىگە تەنتەنە قىلىپ چەكسىز خوشاللىققا چۆمگەنلىكى ئىزھار قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسسۇللار قوپال، تەرتىپسىز، قالايمىقان ئوينالماستىن، بەلكى، نەفىس، گۈزەل، ئەۋرىشىم ۋە نازۇك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
دېمەك، دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئوينىلىشى ۋە مۇشۇنداق راۋاجلىنىشى، دولان خەلقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ياكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى بىر قېتىملىق كەسكىن كۈرىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ. ئەمما، دولان ئۇسسۇلىدا ئەكىس ئەتكەن مەزمۇن يوقۇرىقى مەزمۇنلارنى ئىپادىلەش جەريانىدا قوپال، تەرتىپسىز، چاكىنا ھەرىكەت شەكىللىرىنى ئەمەس، بەلكى تولىمۇ نەفىس، ئەۋرىشىم، جەلبكار ھەرىكەت شەكىلىنى مەزمۇن ئىپادىلەشنىڭ ۋاستىسى قىلغان.
دولان ئۇسسۇلى باشقا ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىغا ئوخشاش ئۇسسۇل تىلى ھەرىكەت رىتىمىغا ئىگە بولۇپ، سەنئەتكار دولانلارنىڭ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ مەردانە قىياپىتى ۋە تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈشتەك ئادىمىيلىك كەيپىياتىنى، ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن قۇيۇق مىللى ئالاھىدىلىكىلىرىنى، سىھىرلىك تىلسىملارنى يۇشۇرۇپ ياتقان تارىم-تەكلىماكاندا ئېلىپ بارغان ھاياتلىق كۆرەشلىرىنى، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى، قايغۇ-شادلىقلىرىنى، شېرىن ۋىسال دەملىرىدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى، جۇدالىق سەرگۈزەشتىلىرىنى سەنئەتلىك ھالەتتە ئىپادىلەپ كەلگەن.
دولان ئۇسسۇلى-قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنى يارىتىپ جاھان ئەھلىنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلىكى بولغان دولان خەلقىنىڭ قەدىمىي يەرلىك ئۇسسۇلى. دولان خەلقىنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئۆچمەس تارىخى يادنامىسى. مەدەنىي ھاياتنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان دولان ئۇسسۇلى قوپال ئۇسسۇل بولماستىن، بەلكى نەفىس، ئەۋرىشىم، گۈزەل ھەم نازاكەتلىك ئۇسسۇلدۇر.
مەنبە: ئىجادىيىتىم
بۇ ئەسەرنى باشقا تور بىكەتلەرگە كۆچۈرشكە بولمايدۇ، كۆچۈرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5تەجرىبە +11 ئىناۋەت +51 تەڭگە +35 بايلىق +8 تۆھپە +3 يىغىش سەۋەبى
شاشتېكىن + 15 + 9 ماختاشقا تېگىشلىك!!!!
QQ_AB3149 + 3 + 3 + 3 رەھمەت سىزگە
Meptun + 10 + 9 قوللايمەن
TURAN01 + 15 + 9 يارايسىز
سەلكىن01 + 8 + 8 + 8 + 5 + 3 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-2 20:45:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئۇسسۇلى مەيلى ياشلار، ياشانغانلار ياكى ئەرلەر ۋە ياكى ئاياللار بولسۇن شۇنداق يارىشىدىغان ئۇسسۇلدە بۇ.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-2 21:32:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئۇسسۇلى - ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋىي بايلىقى.
ۋاقتى: 2012-8-3 14:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسۇل ھەر بىر مىللەتلىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىگى مۇجەسسەملەنگەن بىر خىل ئالاھىدە بولغان سەنئەت ، ئۇ ھەرگىزمۇ باشقا نەرسە بولماستىن بىر سەنئەت بايلىقىدۇر.مەادەنىيەت بايلىقى ، قوپال دىگەنلەر ماڭا ئوخشاش ئۇسۇل ئوينىيالمايدىغانلارنىڭ سۆزىمۇ...نېمە...
ۋاقتى: 2012-8-7 01:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەۋەس ئۇستاز سىزگە كۆپ رەھمەت. دۇلان ئۇسۇلىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ئىزلەنمە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپسىز. پاكىتلار ئېنىق ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، ماقالىنىڭ تەسىرچانلىق تۇيغۇسى ئېشىپلا قالماي، تىل ئىشلىتىش سەنئىتى جەھەتتىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىڭىز. ئۆتكۈر تىل ۋاستىسى ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئىستېتىك زوق بېغىشلاپتۇ. دۇلان ئۇسسۇلىنى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئوينىغۇسى، ئۆگىنىۋالغۇسى كېلىدۇ. ھازىر دۇلان ئۇسۇلى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، دۇلان ئۇسسۇلىنىڭ مەھەللىۋىيلىكتىن سەھنىلەرگە يۈزلىنىشى، ‹‹مەشرەپ››نىڭ ئاساسلىق ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىغا ئايلىنىشى، شۇنداقلا، مەمىلكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەنئەنىۋى ناخشا،ئۇسسۇل سەنئىتىدە زور ئۇتۇق قازىنىشى بۇ نوقتىنى يەنىمۇ ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. سىز دۇلان دىيارىدىن بولغاچقا، بۇ ھەقتىكى تەسىرات، چۈشەنچىلىرىڭىز بىزدىن خېلىلا چوڭقۇر. دۇلان مۇقامى ئاۋات دىيارىنىڭ سەمەرىلىك شەجەرىسىدۇر. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىڭىزنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشنى ئۈمىت قىلىمەن. ئاخىردا بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن ۋە سىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن!...
ۋاقتى: 2013-7-21 21:19:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دولان ئۇسسۇلىنىڭ ئوينىلىشى ۋە مۇشۇنداق راۋاجلىنىشى، دولان خەلقىنىڭ ئەينى يىللاردىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ۋە ياكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى بىر قېتىملىق كەسكىن كۈرىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ»
كۆپ ئەجىر قىپسىز ئۇستاز. رەخمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2013-7-22 20:41:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇل ناھايتى جۇشقۇن ، مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ناھايتى جۇشقۇنلۇقنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭمۇ كىيىنىش شەكلىدە بەدەنلىرىنى ئېچىۋېتىدىغان ئىش بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئۇسۇلى دېسە مۇشۇ دولان ئۇسۇلىنى دېسە بولىدۇ .
ۋاقتى: 2013-7-23 00:14:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىتەن چۇڭقۇر ئىزدىنىپسىز ، بۇرۇن ئاتا -بوۋلىرىمىز ئوينىغان دولان ئۇسسۇلى مەردانىلىق بىلەن ئوۋئۇستىدىن غالىپ كەنگگنلىكى تەسۋېر لەنگەن ئۇسسۇل ھەركەتلىرى بولسا ناھايىتى چەبدەس ۋە ياۋايى ھەركەتلار چىقىپ تۇراتى ، ھازىرقى ياشلار  ئوينىلۋاتقان دولان ئۇسسۇلى بولسا خۇددى تەنتەربىيەگە ئوخشايدۇ ، ئىشەنمىسىڭىز ئەملى پاكىت بىلەن چۇشەندۇرۇپ قوياي .
ۋاقتى: 2013-10-30 18:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قايسى ھاماقەت دەلتە تاپقان گەپ بۇ؟ ئۇسسۇلدىن دولان ئۇسسۇلى، تانسىدىن ۋالىس...ئادەمنىڭ قېنىنى قىزىتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، رەسمىي ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ...
ۋاقتى: 2013-10-31 14:12:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولان ئۇسۇلى قەدىمدىن بىزگە مىراس قالغان ،بىر خىل جەڭگىۋار ،شوخ ئوينىلىدىغان  ئۇسۇللارنىڭ بىرى..

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号 )

GMT+8, 2015-4-29 04:13

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش