روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 2373|ئىنكاس: 10
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۈنسىز ناخشا (مېھرى)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈنسىز ناخشا


مېھرىگۈل ھۈسەيىن

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
ياپراقلاردا تۈنىگەن شامال.
ئولتۇرۇشتۇق ياندىشىپ جىمجىت،
ئوخشاش خىيال سۈردۇق ئېھتىمال.

كەتتى تەگسىز ئۇيقۇغا دۇنيا،
تاتلىق تۇيغۇ-ھېسلار ئىلكىدە.
قالدى دەردلىك ئىككى تامچە ياش،
ئېچىلمىغان گۈلنىڭ بەرگىدە.

يۈرىكىڭگە باش قويۇپ ئۈنسىز،
ئېيتىپ بەردىم مۇڭلۇق ناخشامنى.
تېگىشمەيمەن پۈتكۈل ئۆمرۈمگە،
ئاي مۆكۈنگەن ئەشۇ ئاخشامنى!





2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى



باھا سۆز

بۇلۇپمۇ بىرنچى كۇبلىتى بەك جايىغا چۇشۇپتۇ ئاپرىن مېىرى خانىم يارايسىز  ۋاقتى: 2012-11-2 19:33

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4تەجرىبە +42 ئىناۋەت +36 تەڭگە +16 بايلىق +19 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
sahra0998 + 12 + 12 + 8 + 8 + 4 ياقتۇردۇم
سەلكىن01 + 6 + 6 + 4 + 5 + 3 يارايسىز
ADiL + 14 + 8 + 2 + 3 + 1 ياقتۇردۇم
نەۋرۇز + 10 + 10 + 2 + 3 + 2 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-11-2 19:31:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawruz0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-2 21:00  

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
بىر ئازاپ يېقىنلاپ قالغان شۇ كۈنى.
مەن دىدىم :جۇت تەگدى ئوتلۇق سۆيگۈگە.
بەك سوغاق بىز ماڭغان كوچىنىڭ چىكى.

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
قانلىق بىر يۈرەكنى سالىدۇ ئەسكە.
بىر ئوتمەن مەڭگۇلۇك ھېجرانغا قالغان،
ھە مانا ئاھانەت ياغدى بەختىمگە.

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
ئىلاھى قىسمەتتىن بىر شۇملۇق ئايان.
يۇيۇندۇم ھېجراننىڭ سۇيىدە بىر رەت،
بەخىتمەن قۇلۇڭدا قانىتى سۇنغان.

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
زۇلمەتلىك كېچىدە كۈلدۈم قاھ-قاھلاپ.
بىر نۆۋەت كۈلۈشكە بەرمىسەڭ پۇرسەت،
جەسىدىم تاۋۇتتا تۇرىدۇ ساقلاپ.
ۋاقتى: 2012-11-2 19:32:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ ئۈنسىز ناخشىسى سىزنى، بىزنى، تالايلارنى جىمجىت كېچىنىڭ راھەتبەخش قوينىغا يۇشۇرۇپ، قەلب تارىنى چەككەن ئاشۇ سېھىرلىك چاغلار مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ. يەنە بىر ئېسىل مۇھەببەت لېرىكىڭىزدىن ھۇزۇرلانماقتىمەن.يۈرىكىم ھېس-ھاياجان ئىلكىدە سوقماقتا. سىزگە ئافىرىن!

باھا سۆز

ئۈچ كۈندىن بېرى چوڭلار مائارىپ ئارخىپىنى ئىشلەيمەن دەپ، تورغا چىقالماي قالدىم.ھازىر چىقىشىم.  ۋاقتى: 2012-11-2 21:01
بامۇ سىز سەلكىن، قارىڭىزمۇ كۇرۇنمەيدۇ. يا مۇشائىرگە قاتناشمايسىز .سېغىنىپ قالدۇق.  ۋاقتى: 2012-11-2 20:57
ۋاقتى: 2012-11-2 20:14:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر تاتلىق چىقىپتۇ جۇمۇ. لېۋىمنى تامشىتىپلا قالدىم دېسە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-2 22:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمامغا كۆز يۈگۈرتكەن ۋە ئىلھام بەرگەن نەۋرۇز، نۇرى ۋە سەلكىنلەرگە رەھمەت!
ۋاقتى: 2012-11-4 00:24:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالدى دەردلىك ئىككى تامچە ياش،
ئېچىلمىغان گۈلنىڭ بەرگىدە.
ئۈمىد بىلەن يانغان مۇھەببەت،
ئۆچۈپ قالدى ھېجران دەشتىدە.
پەسلى كەچكۈز تېز كەلدى ئەجەپ،
سۆيگۈمىزنىڭ يۇمران گۈلىگە.
ۋاقتى: 2012-11-4 11:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
كۈۋەجەيدۇ تومۇرۇمدا قان.
يۈرىكىڭگە باش قويغان شۇ چاغ،
خىيالىمدا لىقلا ھاياجان.

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
ئارمانلىرىم سۆيگۈگە تۇتقۇن.
ئەسلىمەمنىڭ شېرىن دەملىرى
مېنى ساڭا ئەيلەيدۇ مەپتۇن.

تىمتاس كېچە، قۇشلار نەغمىسىز،
ئاي، يۇلتۇزلار قىسىشار كۆزنى.
ئۇنتۇمايمەن باغرىڭدا، ئەركەم،
‹‹سۆيگۈ›› دېگەن مەڭگۈلۈك سۆزنى...
ۋاقتى: 2012-11-5 21:14:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرلىرىمىز ھەجەپ   روھلان مەھەللىسىنى قىزىتىۋىتىپتىغۇ  ؟كىچىكىپ كۆرگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇس؟
ۋاقتى: 2012-11-17 11:41:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلانغا شاھىرلار يىغىلغانكەن .بەكمۇ سۆيۇندۇم
ۋاقتى: 2012-11-17 11:43:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى   يىزىپسىز   قولۇڭىزغا دەت بەرمىسۇن

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاقاش

ئالاھىدە تەۋسىيەئالدىنقى /1 كېيىنكى

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا، سىز تېخى مۇنبەرگە ئەزالىق نامىڭىزدا كىرمەپسىز مۇنبەرگە كىرىڭ ياكى ئەزا بولۇڭ

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى ( 新ICP备10200892号-9 )

GMT+8, 2015-5-15 18:50

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش