روھلان مۇنبىرى
كۆرۈش: 6120|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

مېھرى : كۆڭۈل ئىزھارى (غەزەل)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-16 20:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-20 11:07  ! y' B0 g& L3 U; D) Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
' i" S0 P3 q( k7 z5 L6 oبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
كۆڭۈل ئىزھارى' {+ m1 h6 s4 F$ h4 W* Y( uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
$ G/ x2 h5 C4 J+ t$ A& Uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېھرى
7 K( ]" O* Z3 A) j, l
0 y9 v9 K1 A6 d. A% f
سالام بىرلە كۆڭۈل ئىزھار ئېتەي، دوستلارغا ھۆرمەتتە،
كۆڭۈلنى يايرىتىپ ،شاد ئەيلىگەن روھلاندا ئەلۋەتتە.

+ n  U# }: s+ `  R
كىرىپ كەلگەن چېغىم تور بەت ئارا مۇنبەرى روھلانغا،
تىلىمغا كەلمىگەن بىر سۆز ، قېلىپ ئەقلىممۇ ھەيرەتتە.
( t1 y4 K$ d  v+ }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
جاھان نەدە ،ئۆزەم نەدە، ئىچىمدە قانچىلىك ئىلمىم؟
يۈرۈپتىمەن خەۋەر تاپماي ، ئاشۇ كۈنگىچە غەپلەتتە.
9 i; t5 {' l5 U5 t* ^بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئۇچۇر دەۋرى،ئىلىم دەۋرى...شۇنىڭ بىر پاكىتى تور بەت،
تەرەققىي قىپتۇ توركەسپى  ئەقىل يەتمەس تىز سۈرئەتتە.

  @' l6 p( ^* ~# E' c
كىرىپ ھەيرانۇ- ھەس بولدۇم ، ئىلىم ئەھلىگە گۈلباغكەن،
تاپاركەن ھەر  كىشى  لازىم- زۆرۈرىنى  شۇ  سائەتتە.

" E* y* J7 O4 Y
قەدەم باسقان ئىدىم شۇندىن بېرى  مۇنبەرگە ، تور بەتكە،
ئىلىم سۆيگەن شۇ دوستلارغا  قېتىلغان  مەنمۇ غەيرەتتە.
4 U# H6 p+ a( K9 y) u7 xبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئىلىم ئالدىم ، بەھر ئالدىم ، مۇشۇنداق كەڭرى سەينادا،
يۈرەكنى سۇندى تورداشلار ،تولۇپ تاشقان مۇھەببەتتە.
1 o. E* _# y. G6 A* T* Zبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
«كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر كۆڭۈل»، «ئېلىپ - بەر» بىزگە ئابىدە،
شۇڭا يازدىم قىلىپ سوۋغا، كۆڭۈلدىكىنى ھەر بەتتە.
6 ]" @8 k. `; k- j9 [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئەمەس ئۇنچە ئېسىل يازمام، لېكىن  كۆڭلۈم پېقىر شۇنچە،
ئايان قىلدىم ئويۇمنى ھەم  شۇ يازما بىرلە پۇرسەتتە.
! ]5 w1 Q8 J! c, Q3 h8 Nبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
قوشاق يازغان ئىدىم ، دوستلار كېلىپ  بۇندا ئاۋات ئەتتى،
خىجىل بولدۇم ، تالايلار ماختىسا شۇنچىكى سۈلكەتتە.
: I& X0 k* V* n% b/ [بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
تىلەگىم شۇ ،داۋام ئەتسە قوشاقلار شۇ پېتى دائىم ،
قوشۇلسا يېڭى سەپداشلار ،قوشاقلار قاتسا جۈرئەتتە.

) X6 Q& f" X0 @$ h; U* ~$ A7 i
تىرىشتىم كەم -چالام ئىزدەپ، يېتىلدىم بەلكى روھلاندا،
دىلىم سۇ ئىچتى روھلاندا بولۇپ تۇرغان ھەر  سۆھبەتتە .

8 H: R4 s0 r2 x8 z
شۇڭا مېھرىم چېگىلدى چىڭ ، بۇ يولدا ئۆتكىنىم ئۆتكەن،
قولۇمدىن كەلگىنى چاغلىق ، ياشاي ئىنسانى  خىسلەتتە.
2 u  g2 [  y8 ~0 T1 K: Y9 R7 }بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
% Y' K. d& l1 @, m2 r5 u8 D! |بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
ئارۇز ۋەزىندە يېزىپ تورغا يوللىغان تۇنجى يازمام ، ئۇستازلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن .; c/ u; D6 f. x1 E# Eبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېھرى
2012-يىلى11-ئاينىڭ 16-كۈنى6 `5 L( U+ ^6 ]  R( v( L/ Sبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()

باھا سۆز

مېھرىنىڭ غەزىلىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسىنى،بۇندىن كىيىنكى ئارزۇ -تىلەكلىرىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.  ۋاقتى: 2012-11-22 12:14

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 12تەجرىبە +62 ئىناۋەت +170 تەڭگە +124 بايلىق +58 تۆھپە +41 يىغىش سەۋەبى
Ayshemgul + 15 + 9 يارايسىز
تىلچىن + 15 + 9 يارايسىز
روھلان + 10 + 10 + 10 + 10 + 10 يارايسىز
پاسىل + 15 + 9 ياقتۇردۇم
alahidin + 15 + 9 يارايسىز
ئوۋچى2 + 5 + 5 يارايسىز
مۇرادىل + 15 + 9 يارايسىز
lazna + 15 + 9 يارايسىز
ئا.ئاسۇق + 20 + 20 + 20 + 20 + 7 يارايسىز
ADiL + 20 + 20 + 20 + 20 + 20 يارايسىز
سەلكىن01 + 15 + 9 يارايسىز
sahra0998 + 12 + 10 + 6 + 8 + 4 يارايسىز

باھا خاتىرىسى

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋاقتى: 2012-11-16 20:55:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى خانىمنىڭ بۇ شېئرىنى قانداق تەرىپلەشنى بىلەلمەيۋاتىمەن...مۇنبەردە سەلكىن ئەپەندى ۋە مېھرى خانىمنىڭ قەلەم جەھەتتىكى ئىستىداتىغا مەن تولىمۇ قايىل....قەلىمىڭىز كۈندىن كۈنگە بەرىكەت تاپقاي......

باھا سۆز

ياقتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن خوشالمەن ، رەھمەت سىزگە!  ۋاقتى: 2012-11-16 22:59
ۋاقتى: 2012-11-16 21:12:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كۆڭۈل ئىزھارى›› ناملىق بۇ شېئىرىڭىز بىلەن غەزەلچىلىك ساھەسىگە قەدەم باسقانلىقىڭىزنى قۇتلۇقلايمەن. تىلىنىڭ ئويناقلىقى، مەزمۇنىنىڭ تېرەنلىكى بىلەن روھلانغا بولغان چەكسىز ئىنتىلىش ۋە تەشەككۈر ئۈنچىلىرىگە تويۇنغان بۇ غەزىلىڭىزنى ئوقۇپ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم. يەنە بىر نادىر تېمىڭىزنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن پەخىرلەندىم. قانداق قىلىپ غەزەل يېزىش ئويىغا كېلىپ قالغانىقىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈم بار. قاپىيە تاللاشتا ئاقايىپ ئەقىل ئىشلىتىپ، يېڭى باشلىنىشتىلا ياخشى نەتىجە ھاسىل قىپسىز، سىزنى تەبرىكلەيمەن. يەنە نۇرغۇن غەزەللىرىڭىزنى ئوقۇشقا تەشنامەن!
ۋاقتى: 2012-11-16 21:49:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرى خانىمنىڭ ئۆزى ئېيتقىنىدەك كۆمۈلۈپ قالغان يۇشۇرۇن ئىقتىدارى ئەمدى ئېچىلغىلى تۇرۇپتۇ جۇما.
; b$ ~8 A$ [: d) I. aبۇ ئەسەر مېھرى خانىم قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر يېڭى نەتىجە ھېسابلىنىدىكەن، يارايسىز.: p5 L* v' B6 G5 B/ k5 {+ Qبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مەن قاملاشماي قالغان جاي بارمىكىن دەپ شۇنچە ئىزدىسەممۇ تاپالماي قالدىم دېسە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-16 23:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ADiL يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 21:49 , R0 t. w; J' Z# v- \( e+ C. _بۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
مېھرى خانىمنىڭ ئۆزى ئېيتقىنىدەك كۆمۈلۈپ قالغان يۇشۇرۇ ...

+ f- V( o- Z) u: o3 T7 o+ R; U9 Bرەھمەت ئاتامان ، بەك يۇقۇرى باھا بېرىۋېتىپسىز .
ۋاقتى: 2012-11-16 23:37:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خۇددى خوتەنلىك بىر شائىر *****  قارقاشى   نىڭ ‹ئات ھەققىدە مۇخەممەس› دىگەن شېئىرىنى ئوقۇغاندەك بولۇپ قالدىم ............

باھا سۆز

ئەھمەدشاھ قاراقاشى  ۋاقتى: 2012-11-17 17:35
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-16 23:39:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەلكىن01 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 21:12
7 n- s, ]4 X( p8 r‹‹كۆڭۈل ئىزھارى›› ناملىق بۇ شېئىرىڭىز بىلەن غەزەلچىلى ...

2 `' h0 w' I3 ?" i3 U# I0 tسالام ، سەلكىن ئۇستاز!
# P) p( `; l* z# k' b! {$ c3 o3 H! S$ z            ئالدى بىلەن بۇ يازمامغا بەرگەن يۇقۇرى باھارىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . تەسەللىي ئىلھاملىرىڭىز ئۈچۈنمۇ ھەم شۇنداق.  * K; k2 Z% E/ Iبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
         غەزەل مەن ئۈچۈن شۇنچە  سېھىرلىك ھەم مېھىرلىك بىر شەكىل . ھەقىقىي پاساھىتىنى تاپقان بىر غەزەل ئىنسان ۋۇجۇدىنى ئەدەبىياتنىڭ باشقا ھەرقانداق بىر شەكىلدىنمۇ بەكرەك لەرزىگە سالالايدىكەن  .  تىلىمىزنىڭ قانچىلىك گۈزەل ، قانچىلىك مول ئىكەنلىكىنى غەزەلدە يەنە باشقىچە ھىس قىلىمەن .
* C1 T( B+ L6 q( e9 s        كىچىگىمدىنلا ناخشىغا بولۇپمۇ خەلق ناخشىلىرىغا بەك ئامراق ئىدىم،   مۇقام تېكىستلىرىنىڭ تەسىرىدىنمىكىن  ياكى خەلق ناخشىلىرىدىكى گۈزەل  خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەسىرىدىنمىكىن ، قوشاق ۋە غەزەل ماڭا باشقىچە يېقىن تۇيۇلىدۇ . 5 O* _) B( C& G# y5 ]% aبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
         روھلان تورىغا ، توغرىسى روھلان ئارقىلىق تور دۇنياسىغا قەدەم باسقىنىمغا بىر يېرىم يىل بولۇپتۇ، روھلاندا روھلىنىپ قەلەم ئېلىپ ، ئۇنى- بۇنى يېزىپ باققىنىم روھلانداشلار ئۈچۈن سىر ئەمەس. لېكىن ھاياجانلا بولغان بىلەن ئىش پۈتمەيدىكەن . تېگىدىن ئاساسىم يوق دىيەرلىك بولغاچقىمۇ ، يازغانلىرىم تىل ياكى ئىپادىلەش جەھەتتە شېئىرغا تېخى تازا يېقىنلىشىپ كەتمىگەندەكلا ھىس قىلىمەن ، شۇنداقلا تىت -تىت بولىمەن . تىل ھەم پىكىردە بالغەتكە تويۇنغان بەزى شېئىرلارنى كۆرسەم ، ئۆزەمنىڭ يېزىپ يۈرگەنلىرىمدىن خىجىل بولۇپمۇ قالىمەن بەزىدە. يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن غوجىمەھەممەت مەھەممەتنىڭ ،ئابدۇقادىر سادىر ئەپەندىنىڭ،   ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت مۇئەللىمنىڭ ،  مۇتەللىپ مەنسۇر«ئوۋچى» نىڭ  ...غەزەللىرىنى يېنىش- يېنىشلاپ ئوقۇپ كېتىمەن . بەزىدە ئىچىمدە ئەگىشىپ باقىمەن ، ھالىمغا باقماي!{:5_171:}  ئېيتقىنىمدەك ، قۇرۇق ھاياجانلا بولسا ھىچ ئىش ۋۇجۇتقا چىقمايدىكەن .
! o$ G9 g. t5 K. E' F* |       بۈگۈن بۇ غەزەل شۇنداق تۇيۇقسىز يېزىلىپ قالدى، قوشاق تېمىمىزغا نۇرغۇن دوستلار ئاجايىپ قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلدى، بەك خۇشال بولدۇم . ئۆزەمچە بولسا ھەر بىر تورداشنىڭ قاتقان قوشاقلىرى ئۈچۈن جاۋاپ يېزىپ ئۈلگۈرگۈم بار ، لېكىن شارائىت ۋە سەۋىيە  يېتىشىپ بولالمايدىكەن . ئاخىرىغا بارغانسېرى قوشاق ماڭىراق مەركەزلىشىپ قېلىۋىدى ، ھەممىگە جاۋاپ يۈزىسىدىن بىر نەرسە يازغۇم كەلدى، ئىچىمدىكى پىكىرنى قوشاق شەكلىدە چىقار دىۋىدىم ، ئۆزىچىلا بۇ شەكىلدە ئىپادىلىنىپ قالدى ، مەيلى دىدىم . بۇنى غەزەل بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەقەت شەكلەن ئوخشىغان بىلەن ، تىل ، تۇراق، رېتىم ، ۋەزىن جەھەتلەردە كۆپ نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس . بولۇپمۇ تىلى بەكلا يېنىك . مۇشۇ پېتى توختاپلا قالمىسام ، ئىخچام تىل بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرلەرنى ئىپادىلەشكە تىرىشىمەن .
* _3 X* o! g- P0 g    سىز ۋە باشقا ئۇستازلارنىڭ ، تورداشلارنىڭ رىغبىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇھتاجمەن . ياردىمىڭلارنى ئايمىغايسىلەر!
9 H2 b. c0 c# W, O& C  F( B! L
& b6 u+ F/ t# y7 M/ G8 y' [( P

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3ئىناۋەت +39 تەڭگە +24 يىغىش سەۋەبى
پاسىل + 15 + 6 ياقتۇردۇم
مۇرادىل + 9 + 9 يارايسىز
arzu + 15 + 9 تېخىمۇ تىرىشىڭ

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-17 00:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yarkanboy يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 23:37
" j( w5 f9 d* c7 C, S. \مەن خۇددى خوتەنلىك بىر شائىر *****  قارقاشى   نىڭ ‹ئات ھەق ...

) T$ l: _* _) |8 h4 |& v     يازمامغا نەزەر سالغىنىڭىزغا رەھمەت يەركەنت ئوغلى! 0 s( c8 z! J6 \# yبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      بايا ئاشۇ پىكىرلەرنى يېزىۋاتقىنىمدا بۇ خىيال مېنىڭ كاللامدىمۇ« يالت» قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. 8 r% v! h  {+ l4 R2 uبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
      كىچىك ۋاختىمدا چوڭ دادام( جايى جەننەتتە بولسۇن ، ئېسىل مائارىپچى ئىدى )نىڭ بىر خىزمەتدىشى(رەھمەتلىكنىڭ پېنسىيىگە چىققان ۋاقتى ئىدى)  راۋاپ بىلەن ئاشۇ «ئات ھەققىدە مۇخەممەس»نى بەك قىزىقارلىق قىلىپ ئېيتىپ بېرەتتى ، تېكىستىنى خېلىلا تولۇق بىلەتتىم . قاپىيەلىرى شۇنى قوغلاشقاندەك بىلىنگەن ئىدى ئۆزەمگىمۇ! ' }+ N5 Y: L4 P3 z4 K. T7 Hبۇ مەزمۇنلار روھلان مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن()
    بۇ ئاجايىپ يىتۈك ئەسەر ئەھمەتشاھ قاراقاشىنىڭ ئەسىرى. بۇ ئەسەرگە تەڭ تۇيغۇدا ئوقۇغىنىڭىز مەن ئۈچۈن ئالىي باھا! لېكىن ئۇنداق باھا مەن ئۈچۈن قول ئەمەس، كۆز يەتمەيدىغان يىراقلىقتا...
ۋاقتى: 2012-11-17 00:13:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز، بىز شائىر بولسامكەن دەپ شېئىر يازمايمىز، شېئىر يازسامكەن دەپ شېئىر يازىمىز. راست ئېيتىسىز، مۇنەۋۋەر شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغىنىمدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كېلىپ، ئىلھامىم ئىسيانىنى باشلايدۇ. مەنمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش، يەرلىك مۇقام سەنئىتى، ناخشا-قوشاقلىرى ئىچىدە چوڭ بولغانمەن. كىتاپ ئوقۇش ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خوشاللىقىمدۇر. شۇ سەۋەپلىك، گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقاپ، سەبداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا ‹‹پىروفىسسۇر›› دېگەن ياسالما نامغا ئىگە بولۇپ قالدىم. ياشلىق مەزگىلىدە تۇتاشقان بۇ ئوت مەڭگۈ ئۆچمەيدىكەن. بىر نەرسىلەرنى جىجاپ يۈردۈم، ئەمما، مەتبۇئاتقا يارىغۇدەك ئىجادىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدىم. مانا، روھلانغا ئەزا بولۇۋىدىم، كەلسە-كەلمەس نەرسىلىرىم ئارقىلىق ‹‹سەلكىن ئۇستاز›› بولۇپ قالدىم.فىتوپى:‹‹شېئىرنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت مەڭگۈ ھالاك بولمايدۇ›› دېگەن. بىزنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىمىزمۇ شېئىرنى چۈشەنمىگەن، ئۇنى قىزغىن سۆيمىگەنلىكىمىزدە،100ئادەم ئىچىدىن قوشاق توقۇيالايدىغان بىرسىنىڭ چىقمىغانلىقىدا. ئۆزىڭىزنى بەك ئەيىپلەپ كەتمەڭ ھەم بەك خىجىل بولۇپمۇ يۈرمەڭ. ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى نادىر تېمىدا ئەسەر يېزىپ كېتەلەيدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس. نەچچە مىڭ شائىر، يازغۇچىلىرىمىز ئىچىدە نام قازىنىپ، شان- شۆھرەتكە نائىل بولالايدىغىنى ساناقلىقلا، خالاس. ئەمما، سىز، بىزنىڭ پەخىرلىنەلەيدىغان بىردىن بىر ئىشىمىز- شېئىرنى قىزغىن سۆيۈپ، شېئىر ئىچىدە ياشىيالىغانلىقىمىزدا. داۋاملىق ئىزدەنسەك، تەپەككۇر قىلساق، بىزمۇ كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قېلىشىمىز مۈمكىن. بىراق، بۇ شائىرلىق تاماسى ئۈچۈن ئەمەس. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز شائىر ئاتىۋالالمايمىز. بۇ نامنى پەقەت خەلقلا بېرەلەيدۇ. روھلان دەل بىزنىڭ تاللىشىمىز.بۇ مۇنبەردىمۇ ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى خېلى كۆپ. مەن ئىنكاس يازغاندا، بەزى ئاددىي شېئىرلارغىمۇ ياخشى باھالارنى بېرىمەن. بەزىلەر مېنى خوشامەتچى دەپ قېلىشىمۇ مۈمكىن. بىراق، كىشى ئىلھامغا مۇھتاج. ئۇلار مېنىڭ ياخشى باھايىمدىن سۆيۈنۈپ ھەم خىجىل بولۇپ، كېيىنكى ئەسەرلىرىنى كۆپراق تۈزۈتۈپ، ياخشى يېزىپ چىقسا،بۇ مەن ئۈچۈن خۇشاللىقتۇر. ئادەم بىر كۈندە شائىر، يازغۇچى بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ئاسرىشى، كۆيۈنۈشى ۋە يېتەكلىشىگە مۇھتاج. مانا، ئالاھىدىن مۇئەللىمدەك پىشقان قەلەم ئىگىسىمۇ روھلانغا كىرىپ، بىزگە مەدەت، ئىلھام بېرىۋاتمامدۇ؟ غەزەل يازماق ھەقىقەتەن تەس. بۇ غەزىلىڭىز سىز ئۇيىلىپ، خىجىل بولغىدەك دەرىجىدە ئاددى ئەمەس. ئاممىباب شەكىلدە شېئىر يېزىش بىزگە نەچچە مىڭ يىللىق تەۋەررۈك مىراس ئەمەسمۇ؟ بۇ شەكىلنى ھازىرمۇ كۆپ سانلىق ئەدىبلىرىمىز قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
$ N- J+ T& A" E- l* n. g) e1 v# hئاخىردا گەپنى بەك ئۇزارتماي. سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز ھەممىمىزگە ئايان. سىز قىلىمەن دېگەن ئىشنى قىلالايسىز. ۋەدىڭىزنى روياپقا چىقىرىش يولىدا داۋاملىق تىرىشقايسىز!...

باھا سۆز

يەنە بىر قېتىم رەھمەت، «پىروففىسور» ئەپەندى! تىرىشىمەن .  ۋاقتى: 2012-11-17 00:17

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5تەجرىبە +26 ئىناۋەت +61 تەڭگە +47 بايلىق +37 تۆھپە +10 يىغىش سەۋەبى
پاسىل + 15 + 9 يارايسىز
مۇرادىل + 9 + 9 ياقتۇردۇم
ئا.ئاسۇق + 10 + 10 + 10 + 19 + 2 يارايسىز
ADiL + 16 + 12 + 10 + 18 + 8 ياقتۇردۇم
lazna + 15 + 9 ياقتۇردۇم

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-11-17 09:09:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ غەزەلنى دەسلەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا تېخى ھېچكىم بىر نەرسە دېمىگەن ئىكەن . مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. چۈنكى ئارۇز ۋەزىنى مەن ئۈچۈن بىر سىر، مەن بۇ سىرلار دۇنياسىدا يېتەكلەشكە مۇھتاج ئادەممەن. ئەڭ ئاددىسى كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلىرىنى ئوقۇساممۇ قايسى بەھىردە يېزىلغاندۇ؟ ئېسىت بىلگەن بولسامچۇ كاشكى دەپ كېتىمەن. ئەمما شېئىرنى سۆيۈش ۋە ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن بۇ خىل شەكىلنى سىناپ باقمىدىم . خۇلاسە كالام: مەن بۇ شېئىرغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن! ئەڭ سەمىمىي تىلىكىم : سىزگە ياخشى نەتىجە تىلەش بىلەن بىرگە بۇ قەدىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.

باھا سۆز

سەمىمىيلىكىڭىزدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم...  ۋاقتى: 2012-12-6 20:01

ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

archiver|يانفۇن نۇسخا|قاماقخانا|ئېلان بېرىڭ|بىز كىم؟|ئۈندىدار|روھلان مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-8 06:18

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش