ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

مۇئەللىم كىم(بۇ ياخشى ئەسەر بولۇپ ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ؟)

ۋاقىت : 2014-03-09 20:57 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : تۇرسۇنجان22 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
مۇئەللىم كىم؟

ئەھەد مۇھەممىدۇللا تەييارلىغان

ئىلىم سەۋەبلىك ھەر كىم ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىدۇ، غەيرىلەرگە (باشقىلارغا) تاجاۋۇز قىلمايدۇ. ئىلىم روھ لەززىتى بولغىنى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئىككىنچى بىر لەززەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىلىمنىڭ ئۆزى لەززەتلىك نەرسە بولغىنى ئۈچۈن لەززەتلىك نەرسىلەرگە ھەم سەۋەبچىدۇر. ئىلىم دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرغۇچى ئىشەنچلىك بىر قورالدۇر. ئىلىمدىن ئارتۇق بايلىق، نادانلىقتىن ئارتۇق پېقىرلىق يوقتۇر.
ئىنسانغا ئىلىم ئۆگەتكۈچى- مۇئەللىمدۇر. بىلمىگەننى بىلدۈرگۈچى يەنە ھەم مۇئەللىمدۇر. ھەر قانداق مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققۇچە نۇرغۇن مۇئەللىملىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالىم، يەنە بەزىلىرى زالىم بولۇپ، ئۇلار ھەر قايسىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ . مۇئەللىم ئالتۇن بولىدىغان بىر شاگىرتنى تۇپراق قىلىپ يەردە قالدۇرالايدۇ، تۇپراق بولىدىغان بىر بالىنى ئالتۇن قىلىپمۇ چىقالايدۇ. شۇڭا، مۇئەللىم - ئاتا-ئانىمىزدىن قالسىلا بىزنىڭ يەنە بىر ئاتا-ئانىمىز ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەردىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەخلاقى توغرىسىدا بولۇنىۋاتقان بەزى بولمىغۇر گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئىككىنىچى "ئاتا-ئانا" بولغان ئوقۇتقۇچىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ دېگەن ئويدا ئۇشبۇ تېمىنى يېزىش قارارىغا كەلدىم.
مۇئەللىم ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ساپ ئۇيغۇرچىسى ئوقۇتقۇچى، ئۇستاز دېگەنلىك. ياكى ئىلىم ئىگىسى دېگەن مەنىدە. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن باشقىلارغا ئىلىم ئۆگەتكۈچى ھېسابلىنىدۇ. مۇئاللىم بولغان كىشى ئۆز خۇلقىنى گۈزەل قىلىشى ۋە خۇلق پېئىلى بىلەن شاگىرتلارغا نەمۇنە بولمىقى لازىمدۇر. مۇئەللىملەر شاگىرتلىرىغا ھامان: " دوستلىرىڭلار ، ساۋاقداشلىرىڭلار بىلەن ھەر ۋاقىت ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار ۋە بىرەر يولسىزلىققا يولۇققاندا ئۇنى ئەپۇ قىلىڭلار " دەپ تەلىم بېرىدۇ. لېكىن ئۆزى دوستلىرى بىلەن، خىزمەتداش، كەسىپداشلىرى بىلەن يىرتقۇچلاردەك غەۋغا قىلىدۇ، ھەقمۇ ھەقسىزمۇ، نېمىنى كۆرسە ئەسلا ئەپۇ قىلمايدۇ. مۇئەللىملەر يەنە:" يالغان سۆزلىمەڭلار!" دەيدۇ، ئەمما ئۆزى ئالدىماي سۆزلەشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. بۇنداق مۇئەللىمنىڭ ساۋىقىدىن قانداق پايدا كۆرۈلىدۇ؟ بۇنداق كىشىنى شاگىرتلار مۇئەللىم ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈزلىمە يالغانچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. ھازىر مىللىتىمىز ئىچىدىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئىلىم ئەھلىلا بولالاۋاتىدۇ، لەۋزىدە تۇرىدىغان، شاگىرتلىرىغا ئۈلگە بولىدىغان ئوقۇتقۇچى بولالمايۋاتىدۇ. بۇ نېمىدېگەن خەتەرلىك ئىش -ھە!!! سىزنىڭ يانفونىڭىزدا تارىلىپ يۈرگەن بەزى پاراڭلار كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ يىرگەندۈرىدۇ. (بۇنى مەن باشقىلاردىن ئاڭلىدىم، لېكىن كۆرمىدىم. كۆرگەن بولسام بەلكىم تېخىمۇ ياخشى يازغان بولاتتىم) ئەي! ئىلىم ئەھلىلىرى ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ قانداقمۇ ئەۋلاد تەربىيەلەيدىغان " ئۇستاز " بولسۇن؟ بۇ بىر ئۇچىغا چىققان ياۋۇزلۇق!
بىز ياۋۇزلۇققا ئورىنىۋالغان، شاگىرتلىرىغا چاڭگال سالىدىغان "مۇئەللىم"لەرگە ھەرگىزمۇ تەشنا ئەمەس!!! بۇنداق ناكەستى ھارامزادىلەرگە بالىمىزنى تۇتقۇزىدىغان كالۋا ئەمەس!!! بۇنداق قېلىپتىن چىققان ، مۇئەللىمنىڭ شەنىگە داغ يەتكۈزىدىغان ساختا " مۇئەللىم" لەرنى مۇئەللىم سېپىدىن قوغلاپ چىقىرىشىمىز كېرەك. ھەقىقىي ئىلىم بېرىدىغان، ئەۋلاد تەربىيىلەشتە تىنىمسىز ئەجر سىڭدۈرۈۋاتقان مۇئەللىملەرنى ھۆرمەتلەپ، ئەلنىڭ تۆرىدىن ئورۇن بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس! مۇئەللىم دەل شۇ مىللەتنى تەربىيەلىگۈچى تۆھپىكار، ئىللەتنى تۈگەتكۈچى سەنئەتكاردۇر!

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
تۇرسۇنجان22 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2014-02-27 20:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-03-17 21:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ