ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ
نىجات مۇھەممەد
مەكتەپ ئادەم تەربىيەلەش ئورنى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي – ئەقلى، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك – تېخنىكا جەھەتلەردىن تەربىيەلەپ ئۇلارنى ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئىختىساسلاشقان كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ. مېنىڭچە، مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:
1.مەكتەپ جەمئىيەتكە ياراملىق بولغان كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىقىشى ئۈچۈن، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە كىچىكىدىن باشلاپلا ئىدىيە – ئەخلاق تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلىشى زۆرۈر. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق – تەربىيە ئىشلەشنى ئەخلاق دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ۋە سىنىپ مۇدىرىنىڭلا خىزمىتى دېمەي، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق خىزمىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
2. مەكتەپ ئادەم تەربىيەلىگۈچى ئورۇن بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشى ھەم ئوقۇتقۇچىلاردا پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاشتەك روھنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
3.مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانلىق ئۈلگىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىدا ياخشى بولغان ئەخلاق – پەزىلەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
4.مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ‹‹تۆت گۈزەل›› ۋە ‹‹بەش بولۇش›› تەربىيەسىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى كىشىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئوقۇتقۇچى ھەر سائەتلىك دەرس مەزمۇنىغا ئەخلاق تەربىيە مەزمۇنىنى بىرلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرۇپ، كۆپرەك تەربىيە بەرگەن ئوقۇتقۇچىنى گەپنى كۆپ قىلىدۇ، كۆپ گەپ قىلغاننىڭ پايدىسى يوق دەپ قارايدۇ، ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خىل قاراش بىر تەرەپلىمىلىك بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەربىيە بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى تەربىيە بەرمىگەن، ئوقۇغۇچىلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكەن ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانداق قارىشىدىن قەتئىينەزەر ئوقۇغۇچىلارغا ھەر جەھەتتىن ئۈلگە بولۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، ئومۇمنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسراشتەك گۈزەل ئەخلاق تەربىيەسىنى ئىشلەشكە تىرىشىشى، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بېرىدىغان گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى كېرەك.
5. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم كۆز قارىشىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن – تۈزۈم، ئەمىر – پەرمانلىرىغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، ھەممە ئىشتا قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان ۋە قانۇننى ئۆلچەم قىلىدىغان ئاساسىدىكى تەلىم – تەربىيەنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىشتە ئۆزىگە بولغان يۇقىرىقى بىر نەچچە تۈرلۈك شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئەخلاقىي تەربىيەنى كۈچەيتىشتە، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق تەربىيەنى ئىزچىل ئىلىپ بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق تېما قېلىنغان ماقالىلەرنى يازدۇرۇش، ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى، قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى ئەخلاق ۋە باشقا دەرسلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۇرۇپ، ئۇلارنى قانۇن بويىچە ئىش قىلىدىغان، قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدايدىغان قىلىپ تەربىيەلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكەت ئۆلچىمىنى قىبلىنەما قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلىمە بويىچە ھەرىكەت ۋە پائالىيەت قىلىدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.
دېمەك، ئوقۇتقۇچىلار ئورتاق ھالدا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغاندىلا ئوقۇغۇچىلار مۇكەممەل تەربىيەگە ئىگە بولۇپ، ئەخلاق جەھەتتە ياخشى بولغان سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئەخلاقلىق، ئىختىساسلىق، قىزىللاشقان، ئىختىساسلاشقان، مەدەنىيەتلىك ئىز باسارلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ.
(ئاپتور: قاراماي تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)
(تەھرىر : ئىزدەن)
«ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمس
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يې
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگ
- مۇئەللىم كىم(بۇ ياخشى ئەسەر بولۇپ ئوقۇپ
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆرد
- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- يىزا كەنت مەكتەپلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنى
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چ
- ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئائىلە باشلىقلىرىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زى
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- يېڭى دەرسكە ماسلاشقان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغ
- مۇئەللىم، قوپاللىقىڭىزنى ئۆزگەرتەلەمسىز؟
- دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە سەل
- مۇئەللىم كىم(بۇ ياخشى ئەسەر بولۇپ ئوقۇپ قويۇش
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم
- قاردىكى قىز
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- مەن ئۇلارنى ئۆز بالىلىرىمدەك ياخشى كۆردۈم
- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- [تەرجىمە]جۇڭگو مائارىپى بالىلارنى قانداق قىل
- ئوقۇغۇچىلاردىكى پىسخىك چارچاش ئەھۋاللىرىنى
- ئوقۇتقۇچىلار دەستورى
- مۇئەللىم ، يۇرەك سۆزلىرىمىزنى ئاڭ
- بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ياز
- ئوقۇتقۇچى دوستۇم، بالىلارنى قانچىلىك چۈشىنى
- پىسخىكىسىدا توسالغۇ كۆرۈلگەن ئوقۇغۇچىلارنى
- سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇ
- ئوقۇتقۇچىلار قىلىشقا تېگىشلىك
- ھارمىغايسىز مۇئەللىم . . .
- ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا نېمە بولدى؟
- مائارىپ = ياخشى ئادەت
- ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلگىسمۇ ياكى « ئۆ
- سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى زىددىيە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلى