ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى > تولۇق مەزمۇنى

مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم

ۋاقىت : 2014-02-10 01:21 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم

ئەركىم   
  

       بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا توردىن بىر يازمىنى تەرجىمە قىلىپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم سايراپ كەتتى. - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دەپ تېلېفۇننى ئالدىم، قارشى تەرەپ سالىمىمغا جاۋاپ قايتۇرۇپ بولۇپ، بالا-چۇلام، ئاتا-ئاناملارنى بىرەر قۇر سوراپ، ئۇلارغا ياخشى تېلەك، سالام-سەھەت يوللاپ بولۇپ، :- مېنى تونۇدۇڭىزمۇ؟ دەپ سورىدى. مەنمۇ دەرھاللا كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان، ھازىر پىنسىيىگە چىقىپ كەتكەن پەزۇل مۇئەللىمنى كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كەلدىم، دە - پەزۇل مۇئەللىممۇ ئۆزلە؟ ئامان-ئىسەن، ساق-سالامەت كېتىۋاتاملا، دېدىم، مۇئەللىمنىڭ ئاۋازدىدىن بىر خوشاللىق ئەكىس ئېتىپ كەتتى، ۋاي مەنمۇ ياخشى كېتىۋاتىمەن، بۈگۈن توردىن سىزنىڭ بىر يازمىڭىزنى ئوقۇپ، تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى كەنجى ئوغلۇمدىن سوراپ سىزگە تېلېفۇن ئۇرۇۋاتىمەن، ياخشى نەرسىلەرنى يېزىۋاتىسىز، تەرجىمە ئەسەرلىرڭىزمۇ ياخشى چىقىۋاتىدۇ، سىزنىڭ ھەر بىر يازمىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە تېلېفۇن ئۇرۇپ مۇبارەكلەپ قويغۇم كەلدى. دېدى، بۇ چاغدا مېنىڭ خىيال ئاتلىرىم ئاللىمۇ قاچان بۇنىڭدىن نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە چېپىپ كەتكەنتى، بىز بەك شوخ ئىدۇق، پەزۇل مۇئەللىم تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، خەتتالىقتىمۇ كامالەتكە يەتكەن مۇئەللىم بولسىمۇ سىنىپتىكى كەپسىز بالىلار ئۇنى بەك قاخشىتاتتۇق، بىر قېتىم ئۇ ئادىتىدىكىدەك چېكىپ بولالمىغان موخوركىسىنى ئۆچۈرۈپ تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇپ سىنىپقا كىردى، بۇنى كۆرۈپ قالغان بىر كەپسىز ئوقۇغۇچى مۇئەللىم دېققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دەرىزىدىن ئاستا چىقىپ تاماكىنىڭ ئىچىگە پوجاڭزا تىقىپ قويدى، دەرستىن چۈشكەن مۇئەللىم، ئۇ قالدۇق تاماكىنى قايتا تۇتاشتۇرۇپ بىر قانچىنى كۈچەپ تارتتى، پاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ كەينىگە يىقىلىپ كېتەي دېدى، بۇ قىزقارلىق كۆرۈنۈشنى كۆرگەن سىنىپتىكى بالىلار ئۆچەيلىرىمىز ئۈزۈلگىدەك كۈلۈشتۇق. ئۇ بىردەم زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئىشخانىسىغا جىمجىت يۈرۈپ كەتتى. يەنە بىر قېتىم، مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپلا، بۈگۈن دەرس ئاڭلىغۇسى يوقلار چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، دېگەنتى، شۇئان سىنىپتا بىرمۇ بالا قالماي چىقىپ كەتتۇق...ئۇ ئاچچىق موخوركىسىنى چەككىنىچە ئىشىك تۈۋىدە بىزنىڭ كەينىمىزدىن قارىغنىچە ئازاپلىنىپ قالدى...
         پەزۇل مۇئەللىم بىلەن بىردەم سۆزلەشكەندىن كېيىن، ئۇ خوشلاشماقچى بولدى، بىراق، مېنىڭ شۇ تاپتا ئۇنىڭغا بىر گەپنى قىلغۇم كېلىۋاتاتتى، ئاخىرى غەيرەتكە كەلدىمدە:- مۇئەللىم، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە  يۈرەك سۆزۈمنى دەۋالغۇم بار؟ دېدىم، مۇئەللىم بۇرۇنقىدەكلا مۇلايىم ئاۋازدا: -بولىدۇ، بولىدۇ، قېنى نىمە گەپتى، دەڭ، دېدى. مەن يۈرۈكۈمنىڭ تېگىدە ئۇزۇندىن بېسىلىپ ياتقان بىر جۈملە سۆزنى ئاخىرى دېدىم:
- مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم، كەپسىزلىكىمدىن، شوخلۇقۇمدىن ئۆزلەگە جىق ئاۋارىچلىقلارنى تېپىپ بەرگەنتىم، چوڭ بولۇپ ئەقلىمنى تاپتىم، پۇشايمان قىلدىم، بىراق ئۆزلەدىن كەچۈرۈم سوراش پۇرسىتى تاپالماي يۈرەتتىم، بۈگۈن تېلېفۇندا بولسىمۇ ئۆزلەدىم كەچۈرۈم سورۇۋالغۇم كەلدى، مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم، بىزنى كەچۈرسىلە!...بۇ گەپتىن كېيىن قارشى تەرەپ ئالاھىزەل بىرەر مىنۇتلارغىچە جىمىپ كەتتى، كەينىدىن يىغىدىن تىتىرىگەن بىر مۇلايىم ئاۋاز كەلدى:  رەھمەت بالام....كەچۈرۈم سورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، سىزلەرنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغىنىڭىزلارنىڭ ئۆزى بىز مۇئەلىملەرنىڭ بەختىمىز، شان-شەرىپىمىز...قەلىمىڭىزنىڭ، تەپەككۈرىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، رەھمەت...رەھمەت! خوش، ئامان بولۇڭ....
-تېلېفۇن ئۈزۈلدى، ئاۋازلىرىم بوغۇلۇپ، مېنىڭ كۆزۈمدىمۇ ياش لىغىلداپ قالغانتى، لېكىن، يېىنىكلەپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. پۇرسەت بولسا بارلىق ئۇستازلىرىمدىن كەچۈرۈم سوراشنى ۋە ئۇلارغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيىتىشنى قەلبىمگە پۈكتۈم.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«مېنى كەچۈرسىلە مۇئەللىم»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئالدىنقىسى:قاردىكى قىز
كېينكىسى: يوق
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ