ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى

ۋاقىت : 2014-07-03 14:41 | مەنبەسى : باغداش | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى

ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى

ئاخىرقى بېكەت-ئۇ كوچا ئاپتوبۇسلىرىنىڭ بارىدىغان ئەڭ ئاخىرقى نىشانى.
كوچا ئاپتوبۇسى ئاخىرقى بېكەتكە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن،بىر يۈئەننىڭ ئورنىغا يۈز يۈئەن بەرسىڭىزمۇ،سىزنى يالغۇز يەنىمۇ يىراققا ئاپىرىپ قويمايدۇ.
بەلكى سىزگە ئوخشاش ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغان يولۇچىلارنى ئەكىلىش ئۈچۈن باش بېكەتكە قاراپ ماڭىدۇ.كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتى
خۇددى كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ نۇرغۇن بېكەتلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ،ئاخىرقى بېكەتكە كېلىپ توختىغانغا ئوخشاش،ياشلىقتا ئويۇن-تاماشالارنى تۈگىتىپ، <ھايات> يولىدىكى <مۇھەببەت> ناملىق كوچا ئاپتبۇسىغا ئولتۇرسىڭىز،تالاي بېكەتلەردە توختاپ ئادەم چىقىرىپ،چۈشۈرۈپ،ئىگىز-پەس،ئەگرى-توقاي يوللارنى بېسىپ،ئاخىرىدا سىزنى <ئائىلە>دىن ئىبارەت ئاخىرقى بېكەتكە ئەكىلىپ تاشلايدۇ.بەزىلەر شۇ بېكەتنى ئاخىرقى نۇقتا قىلىپ،بىر لىنىيەنى بويلاپ ھايات كەچۈرسە،يەنە بەزىلەر ئاخىرقى بېكەتكە كەلگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يول ئىزدەپ،باشقا يوللارنىڭ ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرىدۇ ياكى ئارقا كوچىلارغا قاراپ ماڭىدۇ،بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئاز بىر قىسمى باشقا بىر ئاخىرقى بېكەتكە بېرىپ خاتىرجەم بولسىمۇ،كۆپ قىسمى ئۇ بېكەت،بۇ بېكەت،ئارقا كوچا،خالتا كوچىلارنى ئايلىنىپ يەنە ئەسلىدىكى بېكەتكە قايتىشنى ئويلايدۇ ۋە شۇ بېكەتتىكىلەرنى سېغىنىدۇ.نەتىجىدە بەزىلەر ئۈلگۈرەلەيدۇ،يەنە بەزىلەر قايتىپ كەلگىچە ئۇ بېكەتتىكىلەر باشقا بېكەتلەرگە ئالمىشىپ كەتكەن بولىدۇ.                                       
كىشىلىك تۇرمۇش-ھاياتلىق سەپىرىدىكى يولۇچىلارنىڭ مۇشۇنداق كېلىپ-كېتىشى بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ.                              
ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمىزدە ساۋاقداشلار ئارىسىدا مۇنداق بىر كۇبلېت خەنزۇچە    قوشاق كەڭ تارقالغان:
天上星星多
月亮就一个
世上人人多
心里就一个

بىز بۇ قوشاقنى خەت مەنىسى بويىچە ئۇدۇللا قىلىپ مۇنداق تەرجىمە قىلىۋالغانتۇق:
ئاسماندا كۆپ يۇلتۇزلار،
ئايدىن پەقەت بىرسى بار.
ئادەملەر كۆپ دۇنيادا،
كۆڭۈلدە بار بىرسىلا.

       بۇ گەرچە ئاددى بىر كۇبلېت قوشاق بولسىمۇ،شۇ مەزگىللەردە مۇھەببەتلىشىۋاتقان،ياكى يۈرىكىدە مۇھەببەت ھېسلىرى ئويغىنىۋاتقان ياشلارنىڭ ئۆزئارا يېزىشقان مۇھەببەت خەتلىرىگە،يېڭى يىللىق تەقدىم قىلىشقان ئاتكېرىتكىلىرىغا يېزىلىپ،نۇرغۇنلىغان نازۇك قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان
ھازىرقىدەك سائەت-سائەتلەپ،كېچە-كېچىلەپ تېلفۇنلىشىپ،چالا ئۇيقۇلۇقتا يېرىمىنى ئاڭلىغان،يېرىمىنى ئاڭلىمىغان،ھەقىقى مۇھەببەت،سۆيگۈ دىگەنلەردىن قىلچە ئەسەرمۇ يوق ئايىغى چىقماس مەزىسىز پاراڭلاردىن،كونا بولسىمۇ شۇ سالام خەت يازىدىغان ئىشلىرىمىز مىڭ ياخشىكەن.بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قالساق،ھەتتا بىر سىنىپتا بولساقمۇ يۈزتۇرانە دىيىشكە پېتىنالماي،خەت يازاتتۇق،ياكى يېقىن دوستلىرىدىن بىرەرىگە دىگۈزەتتۇق.ئەگەر تەلىۋىمىز ماقۇللىنىپ قالسا،ھازىرقىدەك دىسكوخانا،قاۋاقخانىلارنىڭ ئايرىم خانىلىرىغا ئەمەس،مەنزىرىلىك خەلق باغچىسىغا،ياكى كىنوخانىغا باراتتۇق.شۇ چاغلاردىكى قىزلارنى ئاپىرىدىغان ئەڭ ياخشى جاي شۇ ئىدى.بەلكىم ھازىرقىدەك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بولمىغاچ شۇڭا بارمىغانسەن،دىگەن سوئال قويۇلىشى مۈمكىن.ھازىرقىدەك بولمىسىمۇ شۇ چاغلاردىمۇ خېلى كۆپ جايلار بار ئىدى.لېكىن گەپ ئادەمدە.قىزلارمۇ ئۇنداق يەرلەرگە بېرىشنى خالىمايتتى ھەم بىزمۇ ئاپارمايتتۇق.شۇنداق شېرىن،رومانتىك مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان،ئىككى بالىغا دادا بولغان ساۋاقدىشىمنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى ئاڭلاپ،ئادەملەردە ۋاپادارلىق،ساداقەتتىن سۆز ئېچىش مۈمكىن بولمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم.                                          
        ئۇلار ئىككىسى مەكتەپتە ئوقۇغاندا ئىككى شەھەردە بولسىمۇ،ھەپتىدە بىر دىگىدەك يېزىلىپ تۇرىدىغان سالام خەتلىرىدىن،پات-پات ئەۋەتىپ تۇرىدىغان سۈرەتلىرىدىن ياتاقتىكى ھەممەيلەن ئۇنى تونۇپ كەتكەن ئىدۇق.ئىككى يىللىق ئوقۇشىمىز شۇ تەرىقىدە تۈگىدى،خىزمەتكە چىقىپ 3-يىلى ئۇلارنىڭ تويىغا قاتناشتۇق.ھازىر چوڭ بالىسى تولۇقسىزدا،كىچىكى باشلانغۇچتا ئوقۇيدىكەن.ئايالى سېستىرا ئىكەن.شۇنداق ئامراق ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىگىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدىم.بىر نەچچە ساۋاقداش يىغىلىپ ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش مەقسىدىدە خەۋەرمۇ قىلماستىن خوشنا ناھىيىگە باردۇق.ئاۋال ئايالى بىلەن كۆرۈشتۇق،مەلۇم بولدىكى ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىكەن:كىچىك ئوغلى ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى قىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ،ئائىلىسىنى بۇزۇپتۇ.ئۇ دوستۇم بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىش يولىدا بەزىدە  ئۇ قىزنى ماشىنىسىغا چىقىرۋېلىپ دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ.
        بىچارە ئايال شۇ گەپلەرنى دىگىچە كۆزىدىن دەريادەك ياش تۆكۈپ،ئەسلىدە ئادەم جىق يەردە ئىككىلىسىنى تازا تىللاپ،رەسۋا قىلىپ پۇخادىن چىقايمۇ دىگەنتىم بىراق،يەنە ئۇنىڭ يۈز-ئابرويىنى ئويلاپ قالدىم،مەيلى،بىر كۈنى يېنىمغا قايتىپ كېلىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن،بالىلىرىمنى بېقىپ ئولتۇرىۋېرىمەن،بولدى سىلەر ئۇنىڭغا باشقا گەپ-سۆز قىلماڭلار،ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايدىغان يەردىن ئۆتۈپ كەتتى ھازىر،بىكار ئاۋارە بولىسىلەر دىدى.شۇنداقتىمۇ ئاتايىن كەلگەندىكىن كۆرۈشۈپ كېتىدىغان بولدۇق.ئۇ دوستۇم قىلچە خىجىل بولماي ئاشۇ قىزنى تاماققا بىللە باشلاپ چىقىپتۇ.ئۇنى كۆرۈپلا ئىشتىھايىمىز تۇتۇلدى.ئۇ ئىككىسى گويا ئۇزۇن يىللىق ئەر-خوتۇنلاردەك بولۇپ كەتكەن بولۇپ،گەپ-سۆزلىرىدىن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن توي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق.ئاجراشقىلى تېخى بىر ئايمۇ بولمىسا،نىمانچە ئالدىراش توي ئۇ؟دىمەكچى بولغان بولساقمۇ ،دوستۇمنىڭ سايىسىدەكلا ئەگىشىپ يۈرگەن ھېلىقى قىز تۆشۈكتەك قاراپ ئولتۇرسا ھېچنىمە دىيەلمەي قايتىپ كەلدۇق.ئويلاپ قالدىم،ئاشۇمۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلىقىمۇ؟ئائىلىسى بارلىقىنى بىلمەي ئالدىنىپ كەتكەن بولسىغۇ بىر گەپ،ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ،خەخنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇپ،خوتۇن-بالىلىرىنى قان يىغلاتقان ئاشۇ خانىمچاقنى يىغلىتىدىغان ئادەم چىقماسمۇ؟                       
        ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،بۇ خىلدىكى ئائىلە تىراگېدىيەلىرى دىگەن ساماندەك.جەمىيەتتە نىمە تولا؟تۇل ئايال،يېتىم بالا تولا.تېخى مۇنداق نامەرتلەرمۇ بار.بىر ئوبدان خوتۇننى قويۇۋېتىپ،نەدىكى بىر يۈگۈرسە چۈشۈپ قالىدىغان نايناقلارنى ئەتىۋارلاپ خوتۇن قىلىدۇ.بالىلىرىنىڭ ئانىسىنى قورقۇتۇپ:"سېنى ئالىدىغانغا نەچچە بېشى باركەن ئۇنىڭ؟بالىلىرىمنى ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىغا قويىدىغان بولساڭ تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن،باقالىساڭ ئەرگە تەگمەي باق،بولمىسا ئۆزەم باقىمەن"،دەپ يولسىزلىق قىلىدۇ.شۇ بىچارە ئايالنىڭ تۇللۇقنىڭ دەردىنى قانچىلىك تارتىۋاتقانلىغىنى بىلمەيدۇ. كىچىك چاغلىرىمىزدا مېھماندارچىلىق ئويۇنى ئويناپ،قۇم،توپا-كېسەكلەردىن كىچىك ئۆيلەرنى ياساپ بۈگۈنى بۇ قىز بىلەن،ئەتىسى ئۇ قىز بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆزئارا مېھمانغا چاقىرىشىپ ئوينايتتۇق،بەزىلەر ئۆي تۇتۇش،نىكاھ،ئائىلە دىگەننى شۇ ئويۇنلارغا ئوخشىتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.           
         ئائىلە-ئۇ شۇنداق بىر جايكى،ئۇنىڭ مېھرىگە دۇنيادا ھېچنىمە تەڭلىشەلمەيدۇ.ئائىلىدىن ئىبارەت ئاخىرقى بېكەتكە كېلىپمۇ يەنە باشقا يوللارغا،باشقا ئاپتوبۇستىكىلەرگە تەلمۈرىۋاتقان نىشانسىز يولۇچىلارغا دەيدىغېنىم:ئاخىرقى بېكەتتىن يەنە باش بېكەتكە كېلىپ قايتقىچە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ،گەرچە تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىپ يەنە بېكەتكە كىرەلىگىنىڭىز بىلەن،سىزنىڭ يوقىتىدىغانلىرىڭىز ھامان ئېرىشىدىغىنىڭىزدىن كۆپ بولۇشى مۈمكىن.شۇڭا ئائىلىدىن ئىبارەت مېھرى ئىسسىق ئۇۋىنى بۇزماڭ.خۇددى باشتا ئېيتىپ ئۆتكەن قوشاقتىكىدەك:دۇنيادا ئادەملەر كۆپ بولسىمۇ،كۆڭلىڭىزدىكى ئادەم بىلەن بىللە ئۆتكەن شۇ كۈنلىرىڭىزنى قەدىرلەڭ.خالتا كوچا،ئارقا كوچىلاردا مۆدۈرۈپ يۈرمەڭ.بىلىپ قېلىڭكى،ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى،شۇ ئاخىرقى بېكەتتىن چىقمايمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز-بالىلىرىڭىزنىڭ ئانىسى بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ