![]() |
خىمىيە دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن.... ![]() خىمىيە دەرسىدە خىمىيەلىك بىرىكمىلەر توغرىسىدىكى ئاساسىي بىلىملەر، ئېلېمېنتلارنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىرى، نەزەرىيە، ھېسابلاش ئۇسۇللىرى ۋە تەجرىبە ئىشلەش قائىدىلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئۆگەنگەنلىرىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن: بىرىنچى، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ھازىر ئۆتۈلۈۋاتقان خىمىيە دەرسلىكىدىكى ئۇقۇملارنى ئوقۇغۇچىلارغا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا چۈشەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى تۇنجى سائەتلىك تەجرىبە دەرسىدىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەجرىبە ئىشلەشتە دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش كېرەك. چۈنكى، خىمىيە دەرسىدە دەرس مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىدىغان يېڭى ئوقۇممۇ كۆپىيىپ بارغاچقا، قىسمەن ئوقۇغۇچىلاردا ئازراقلا دىققەت قىلمىسا، ئۇقۇملارنىڭ ماھىيىتىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى دەرس سۆزلىگەندە، تەجرىبە ئىشلىگەندە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاساسەن، دەرس مەزمۇنىدىكى ئېلېمېنىت ۋە ماددىلارنىڭ ئوخشاشمىغان ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتىنى تەجرىبە ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئوقۇتقۇچى قېلىپلىشىپ قالغان دەرس ئۆتۈش مېتودىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ئاددىي ھەم قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دەرسنى چۈشىنىشلىك، قىزىقارلىق قىلىپ ئۆتۈش بىلەن بىللە، سېلىشتۇرۇش، يىغىنچاقلاش، مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆتۈشى شۇنداقلا ھەر خىل قىزىقارلىق خىمىيەلىك ھادىسىلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش كېرەك. مەسىلەن: تۈۋسىز ئەينەك بوتۇلكىنى سۇ قاچىلانغان داسقا سېلىپ، بوتۇلكا ئىچىدىكى سۇ يۈزىنى ئۆلچەم قىلىپ، بوتۇلكىنىڭ سۇ يۈزى ئۈستىدىكى سىغىمىنى تەڭ بەش بۆلەككە بۆلۈپ، ئاندىن كۆيدۈرۈش قوشۇقىغا قىزىل فوسفور سالغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىسپىرت لامپىدا قىزدۇرۇپ، دەرھال بوتۇلكىغا سىلىپ، بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى رېزىنكا پۇرۇپكا بىلەن مەھكەم ئېتىپ، قىزىل فوسفورنىڭ كۆيۈش ۋە سۇ يۈزىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش تەجرىبىسىنى ئىشلەپ، ھاۋانىڭ پەقەت بىر خىل ئاددىي ماددا بولماستىن، بەلكى كۆپ خىل گازدىن تەركىب تاپقان مۇرەككەپ ماددا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. «ئۆزلۈكىدىن كۆيۈش» مەزمۇنىنى سۆزلىگەندە، ئاق فوسفور ئېرىتمىسىنى قەغەزگە تېمىتىپ بىردەم تۇرغۇزسا، قەغەز قارىداپ ئوت ئالىدۇ. مانا بۇ ئاددىي تەجرىبىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا «قەغەز نېمە ئۈچۈن قارىداپ، ئۆزلۈكىدىن ئوت ئالىدىغاندۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلۇپ، بۇ تەجرىبە ۋە سوئال ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا دەرس ئۆتۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەستە ساقلىشىغا ياردىمى بولىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىش بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگەنگەنلىرىنى رېئال تۇرمۇشقا تەتبىقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم بولغان ئۇقۇم، قانۇنىيەتلەرنى پىششىق ئىگىلەشكە يېتەكلىشى، خىمىيە دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ئوقۇتقۇچى خىمىيە دەرسلىكىدىكى مەزمۇنغا ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبە مۇھاكىمىگە تەشكىللىشى ۋە تەجرىبە پىلان لايىھەسىنى تۈزۈشى كېرەك.
|