![]() |
ماتېماتىكا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرىكۆتۈرۈشتىكى ئۇسۇللار ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى باشقا پەنلەر ئوقۇتۇشىغاقارىغاندا مۇرەككەپرەك پەن بولۇپ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ توغرابولمىغانلىقىدىن ماتېماتىكىنى ھەر قانچە ئۆگەنسىمۇ نەتىجىسى چىقمايدۇ، دەپ قارايدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتەمۇھىم دەپ قارىغان نۇقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن: 1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكىغا بولغانقىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. پسىخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىزىقىشھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاساسى، ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا،ئوقۇغۇچىلار بىر قاتار قائىدە - قانۇنىيەت، ئاكسىئوما، تېئورېمىلاردىن پايدىلىنىپ،مەسىلە يېشىشنىڭ تەسلىكىنى كۆرۈپلا ماتېماتىكا ئۆگىنىشتىن رايى يانىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تارىخنى، ماتېماتىكا ئالىملىرىنىڭ قىزىقارلىق ئىش - پائالىيەتلىرىنى، ماتېماتىكىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى پايدىلىنىش قىممىتىنى، باشقا پەنلەربىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى زۆرۈر،ئوقۇتقۇچىنىڭ تىلى راۋان، تەپەككۇرى جانلىق، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى خىلمۇخىل بولسا، يېڭىدەرستىكى مىساللارنى ئامال بار ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ سۆزلىسە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ. 2.ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىلىق ئۇقۇملارنىڭماھىيىتىنى ئىگىلەشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈش زۆرۈر. ماتېماتىكائوقۇتۇشىدا ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم مەسىلە يېشىش ۋە ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئاساسى. ماتېماتىكا ئۆگىنىش جەريانىدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار مەسىلىنى يېشىشكىلا ئەھمىيەتبېرىپ، ئۇقۇمنى ئۆزلەشتۈرۈشكە سەل قارىغاچقا، ئاسانلا خاتا نەتىجىگە ئېرىشىپقالىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار ماتېماتىكىلىق يېڭى ئۇقۇتمىلارنى ئۆتكەندە،ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشقا، ئەستە ساقلاشقا ۋە ئەمەلىيقوللىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىشى، ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان،چۈشىنىش تەس بولغان ئۇقۇملارنى تەھلىل قىلىشقا، سېلىشتۇرۇپ پەرقنى تېپىپ چىقىشقايېتەكلىشى زۆرۈر. مەسىلەن: ‹‹ئىككى سان يىغىندىسىنىڭ كۇۋادراتى›› بىلەن ‹ئىككى سانكۇۋادراتلىرىنىڭ يىغىندىسى›› ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدىغان ئۇقۇم بولۇپ، مەسىلەيەشكەندە سەللا دىققەت قىلمىغاندا، خاتا نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلارتېئورېما، ئاكسىيوما ۋە فورمۇلالارنى ئۆگەنگەندە، يادقا ئېلىۋېلىشقا كۈچەپ،ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ۋە ماھىيىتىنى ئۆگىنىشكە سەل قارايدۇ. شۇڭامەسىلە يەشكەندە تېئورېما، ئاكسىئوما، فورمۇلالارنى بىلىپ، ئەمەلىي مەسىلىگەتەتبىقلىيالماسلىقتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ يۈزىنىھېسابلاشنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سىنىپنىڭ ياكى بىرەر ئېغىز ئۆينىڭ كۆلىمىنى توغراھېسابلىيالمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي بىلىمبېرىش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇلاردا ئاساسىي ماھارەت، ئاساسىي قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكەئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. 3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشەببۇسكارلىقبىلەن ئۆگىنىشىگە يېتەكلەش. ماتېماتىكا ئوقۇتۇشى جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى يېڭى دەرسلىكئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە دەرسلىكتىكى بارلىق نۇقتىلارنى ئۆزىلا سۆزلىمەستىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە ۋە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە، خۇلاسە چىقىرىشقايېتەكلىشى زۆرۈر. 4.كۆپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئۇلاردىن قانۇنىيەتيەكۈنلەشكە ئادەتلەندۈرشمۇ زۆرۈر.
|