![]() |
دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇيغۇرتىلى ئوقۇتۇشىغا سەل قارىماسلىقى كېرەك
يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن بىر قېيىن ئۆتكەل بولدى. مۇنداقچە قېلىپ ئىيىتقاندا، يېڭىچە ئوقۇتۇش تەلەپلىرى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن تولىمۇ تۇيۇقسىز ھەم چۈشنىكسىزلا بىر نەرسىدەك بىلىندى. بولۇپمۇ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكى ئىلگىرىكى كونا دەرسلىككە ئوخشاش «ئەدەبىيات» ۋە «ئۇيغۇرتىلى» دەپ ئارىپ، نەزەرىيە، مەشىق ۋە تېكىستلەر بويىچە تۈزۈلمىگەن بولغاچقا، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قايسى ئۇسۇل بىلەن قانات يايدۇرۇشتا، نېمىلەرنى سۆزلەشتە، بالىلارغا نېمىلەرنى بىلدۈرۈشتە سەل گاڭگىراپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. يېڭى تۈزۈلگەن تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدە گەرچە ئۇيغۇر تىلى قىسىمى مۇكەممەل، سىستېمىلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۈرمەي ئۆتۈپ كېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
مەن بۇ ماقالەمدە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردىن ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
1) ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى بىلىملەر بىر ئادەمنىڭ تىل – ئەدەبىيات ئۇنىۋىرسال بىلىمىنى سىناشتىكى مۇھىم ئۆلچەم. تىل – ئەدەبىيات ئوقۇغۇچىلارغا چوقۇم توغرا، راۋان، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەندىن سىرت، يەنە ئۇلارغا تىلشۇناسلىق ھەققىدىكى مۇھىم بىلىملەرنى بىلدۈرۈشنى ئۆزىنىڭ بىر مۇھىم نىشانى قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى قائىدە – قانۇنىيەتلەرنى ۋە تىلشۇناسلىق بىلىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەتمەي مۇمكىنمۇ؟!
2) تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تىكىستلەرنىڭ ھەر بىر جۈملسىنى تەھىلىل قىلغاندا تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرىنى تىلغا ئالماي، ئۇيغۇرتىلى گرامماتىكىسىغا ئائىت بىلملەرنى سۆزلىمەي ئۆتۈپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئوقۇغۇچىلار تىكىستلەرنى ئوقۇش بىلەنلا چەكلەنسە ئۇلارنىڭ ئوقۇش، چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن باشقا قايسى ئىقتدارى شەكىللىنىدۇ؟
3) ئەدەبىيات نەزەرىيىسى، يېزىقچىلىق ساۋاتلىرىنى تېكىستلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش، يەنى مەلۇمبىر تىكىستتە ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىكى قايسى قانۇنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىنى، يېزىقچىلىقنىڭ قانداق ئۇسۇل چارىلىرىنىڭ تىكىستتە گەۋدىلەنگەنلىكىنى نۇقتىلىق تەھىلىل قىلىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلى ئىمىلا قائىدىسىگە ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىگە ئائىت مەزمۇنلارنى بىلدۈرۈشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
4) يېڭىدىن تۈزۈلگەن تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئىمتىھان ئالغاندا، تىلشۇناسلىق ۋە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئائىت مەزمۇنلار يەنىلا 30-40 پىرسەنتىنى ئىگلەيدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سەۋىيىسىنى سىناشتىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى بولغان سىناق ئىمتىھانلىرىنىڭ نەتىجىسىنى يۇقرىى ككتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا ئائىت مەزمۇنلارنى سۆزلىمەي بولمايدۇ. قىسقىسى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا تىل – ئەەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى تىكىستلەرنى ياخشى ئوقۇتقاندىن سىرىت، تىكىست تەھىلىللىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى بىلىملەرنى بىلدۈرۈپ مېڭىشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك. تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى
|