![]() |
يېزا – كەنت مەكتەپلىرىدە گۈزەل سەنئەت كۇرژۇكلىرىنى قانداق تەشكىللەش كېرەك
گۈزەل سەنئەت دەرسى – ئاساس مائارىپ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان دەرسلەرنىڭ بىرى. مەكتەپلەردە گۈزەللىك تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا گۈزەل سەنئەت ئوقۇتۇشىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلادا ھەقىقىي گۈزەللىك قارىشى، ئەخلاق قارىشى تۇرغۇزغىلى، ۋەتەننى، يۇرتىنى سۆيۈش تەربىيىسىنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، «ئىككىنچى دەرسخانا » پائالىيىتىدە گۈزەل سەنئەت كۇرژۇكلىرىنى پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ياخشى تەشكىللەش كېرەك.
بىزگە مەلۇم، گۈزەل سەنئەت دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بىلەن يېتىلدۈرىدىغىنى – ئىجادىي ئىقتىدار ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى. مانا بۇ، گۈزەل سەنئەت كۇرژۇكىنى ياخشى تەشكىللەشنىڭ ئاساسى.
كۇرژۇك تەشكىللەشتە چوقۇم پىلان بولۇشى ۋە كۇرژۇك تەشكىللەشتىكى مەقسەت ئېنىق بولۇشى كېرەك.
يېزا – كەنت مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش شارائىتى گەرچە بىر ئاز جاپالىق بولسىمۇ، بىراق دەرس ئىسلاھاتىغا ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىپ كەتكىلى، يەنى «يەرلىك دەرس » تۈزۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەتكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، يېزىلاردا رەسىم سىزىش قۇراللىرى(رەسىم قەغىزى، بوياق، موي قەلەم، رەسىم سىزىش تاختىسى......) قاتارلىق ماتېرىياللارنى تېپىش قىيىن بولسىمۇ، ئەمما تەبىئىي ماتېرىياللار (سېغىز توپا، ئوت – چۆپ يوپۇرمىقى، دەل – دەرەخلەرنىڭ قوۋزۇقلىرى.........) ئىنتايىن كۆپ. شۇڭا، مۇشۇ ئەۋزەللىكنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك مەزمۇندىكى ھۈنەر – سەنئەت كۇرژۇكلىرىغا تەشكىللىسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
1. ئالدى بىلەن كۇرژۇكنىڭ تېمىسىنى ياخشى تاللاش ھەم توغرا بېكىتىش لازىم.
«گۈزەل سەنئەت» دېگەن بۇ ئۇقۇم تولىمۇ كەڭ دائىردىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار دەل مۇشۇ «تېما» ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئىجادچانلىقىنى ھەقىقىي نامايەن قىلالايدۇ. شۇڭا، شارائىت قايسى تېمىغا باب كەلسە، شۇ خىل كۇرژۇكنى تەكىللەش كېرەك.
2. كۇرژۇكقا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تاللاش لازىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۇرژۇكقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرى بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن قاتناشسا، بەزىلىرى ئويۇن ئويناش، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قاتنىشىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى كۇرژۇكقا تىزىملاشتىن ئاۋال، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ياخشى ئىگىلىشى لازىم. مەسىلەن، ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇغۇچىلارنى ئاۋال تاللاپ تىزىملاش كېرەك.
3. كۇرژۇك پىلانىنى ئەتراپلىق ياخشى تۈزۈش ۋە ھەر قېتىملىق (ھەر سائەتلىك) كۇرژۇك مەقسىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك.
ھەر قېتىملىق كۇرژۇكتا ئوقۇغۇچىلارغا كۇرژۇك مەزمۇنى ۋە مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش، كۇرژۇك پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنى مەشىققە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم تاپشۇرۇق بېرىش كېرەك.
4. ھەر قېتىملىق كۇرژۇك پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا چوقۇم ئەتراپلىق خۇلاسە قىلىش كېرەك.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىش، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، گەرچە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا قويغان تەلەپ ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ياراتقان ئىجادىيىتى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇتقۇچى خۇلاسە قىلغاندا، پەقەت «بۇ ئەسەر ياخشى، بۇ ئەسەر ناچار» دەپلا باھا بەرمەسلىكى، بەلكى ھەر بىر ئەسەر ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ياخشى بايقاپ، ئەستايىدىل كۆزىتىپ، توغرا باھالاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئېلھام بېرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىگە داۋاملىق روھىي ئوزۇق بولالايدىغان ۋە ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشكە تۈرتكە بولالايدىغان دەرىجىدە خۇلاسە قىلىشى كېرەك.
ئەگەر مۇمكىن بولسا، ھەر بىر كۇرژۇك پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا، كىچىك تىپتىكى كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەر ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشىغا ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بايقاپ چىقىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش لازىم.
5. كۇرژۇك مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىل، مول ۋە رەڭدارلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
كۇرژۇكتا ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇش، بىرلا خىل شەكىل ۋە فورمىدا ئەسەر ئىشلەشنى تەلەپ قىلماسلىق لازىم. مەسىلەن، مەلۇم بىر جىسىمنى سىزىشقا تەشكىللىگەندە، ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنى بوياقتا سىزشىنى تەلەپ قىلىۋالماسلىق، بەلكى ماتېرىيال، قانداق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىشنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىگە قويۇپ بېرىشى كېرەك.
6. كۇرژۇك تەشكىللەنگەندە، ھەر بىر مەۋسۇمدا ياكى ئاز بولغادا يىلدا بىر قېتىم مەكتەپ چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ، كۇرژۇكنىڭ خۇلاسىسىنى بارلىق ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا ۋە جەمئىيەتكە دوكلات قىلىش كېرەك.
ئەگەر شارائىت يار بەرسە، ھەر قېتىملىق بايرام ياكى تۈرلۈك تەربرىكلەش، خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
7. كۇرژۇك تەشكىللىگەندە، باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە، ھەمكارلىشىپ ئىشلەش كېرەك.
تىل – ئەدەبىيات، مۇزىكا، تارىخ قاتارلىق پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىرەر ئەسەر ياكى بىرەر تارىخىي ۋەقەلىككە ئاساسەن رەسىم ئىشلەپ، دېكوراتسىيە تەييارلاپ، مۇزىكىسىنى كىرىشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار رول ئېلىپ، بىرەر درامما ئىشلىسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
قىسقىسى، يۇقىردىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق كۇرژۇك تەشكىللىگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلاردا يۇرتىنى، مەكتەپنى سۆيۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، «ئىككىنچى دەرسخانا» پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. تەھىرلىگۇچى:قۇياش ئوغلى
|