تۇرپاندىكى شېھىت بۈزرۈكۋار غوجام مازىرى
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28 16:53 مەنبەسى: ئاپتورى: قاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇرپاندىكى شېھىت بۈزرۈكۋار غوجام مازىرى شېھىت بۈزرۈكۋار غوجام مازىرى تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسى جاڭزا كارىزنىڭ غەربىي تەرىپىگ
 |
 |
تۇرپاندىكى شېھىت بۈزرۈكۋار غوجام مازىرى شېھىت بۈزرۈكۋار غوجام مازىرى تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسى جاڭزا كارىزنىڭ غەربىي تەرىپىگە 3 كىلومېتىر كېلىدىغان جاڭگاللىق ئارىسىدا، بۇ يەر شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 6 مىنۇت 47 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 51 مىنۇت 20 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 94 مېتىر تۆۋەن. شېھىت بۈزرۇكۋار غوجام مازىرى بىر پارچە سايلىققا جايلاشقان. بوران يالاپ، ئۆچۇرۇپ ناھايىتى ئېغىر ۋەيران قىلىۋەتكەن. قىيان سۈيى كېلىپ شەكىللەنگەن ئېرىقچە، غول، جىرالارمۇ بار. شېھىت بۈزۈرۈكۋار غوجام مازىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 400 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. شېھىت بۈزرۈكۋار غوجام غوجام مازىرى تازا دېگەندەك ياخشى ساقلانمىغان. ئەسلىدىكى يۇمىلاق تورۇسلۇق مەقبەرە ئۆرۈلۈپ كەتكەن. يەرلىك ئاھالىلەر قايتىدىن يەنە قىزىل رەڭلىك خىش بىلەن بۇ قەبرە خاتىرە ئۆيىنى رېمۇنت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن. مازار شەرققە قارىتىپ ياسالغان. بۇ ئېھتىمال دىنىي ئېقىتاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. يۇمىلاق تورۇسلۇق ئۆينىڭ كەينىدە ياغاچ بىلەن جاھازلانغان لەمپە بار. ئالدى تەرەپتە كېسەك بىلەن ياسىغان ئۆيلەرنىڭ قالدۇقلىرى بار. ئالدىنقى رەت ئوڭ تەرەپتە بىر يۇمىلاق تورۇسلۇق قىلىپ قاتۇرۇلغان بىر قەبرە بار. بۇ غوجام مازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شەرقتىن غەربكە 28.5 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 14.6 مېتىر كېلىدۇ. مازار ئەتراپىدىكى سايلىق ئەسلىدە بىر پارچە قەبرىستانلىق ئىدى. بوران قەبرە توپىلىرىنى ئۇچۇرتۇپلا قالماي، يەر يۈزىنى ئۇچۇرتۇپ، چوڭقۇر ھاڭلارنى شەكىللەندۈرگەن. بوراننىڭ ئۇچۇرتىشى ئېغىر بولغان يەرلەردە جەسەتلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ئېچىلىپ، سىرتقا چىقىپ قالغان. ئېچىلىپ قالغان جەسەتلەر ماتا بىلەن ئوراپ قويۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ياشلىق بىر بالىنىڭ جەسىتى بۇزۇلماي ساق ساقلىنىپ قالغان. قەبرە ناھايىتى رەتلىك. مازارلىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تەخمىنەن ئون نەچچە قەبرە ئېچىلىپ قالغان ھەمدە جەسەت ئۇستىخانلىرى سىرتقا چىقىپ قالغان. شېھىت بۈزۈرۈكۋار غوجام مازىرىدىن قىزىل رەڭلىك يىرىك قۇم ساپال، قاچا قۇلىقى، بىر دانە چېقىق پۇل قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەۋرىشكىلىرى يىغىۋېلىنغان. بۇ مازارنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش، مازارلىقتىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ، قايتا - قايتا مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق بۇ مازارنىڭ ياسالغان دەۋرى ⅩⅣ ئەسىرگە تەۋە دەپ بېكىتىلدى. ================================ مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------