باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28 16:48 مەنبەسى: ئاپتورى: قاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى سىڭگىم ئېغىزى مىڭئ
تەلەي +1

                             تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى
       سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى سىڭگىم ئېغىزى مىڭئۆيىنىڭ غەربىي - شىمالىي تەرىپىگە 700 مېتىر كېلىدىغان يالقۇنتاغنىڭ بىرىكىدىغان يېرىدە. بۇ يەر شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 33 مىنۇت 44 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 55 مىنۇت 23 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 135 مېتىر ئېگىز.
سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە مۇرتۇق دەرياسى بار. يېنىدا تاغنى بويلاپ غەربكە قاراپ سوزۇلغان ئىككى تاشيول بار. غەربىي - شىمالىي ئىككى تەرىپىدە يالقۇنتاغ تىزمىسىنىڭ تاغ چوققىلىرى بار. جەنۇبىي تەرىپىدە سىڭگىم ئېغىزىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يەر يۈزىنى بىر قەۋەت تاش - شېغىللار كۆمۈۋالغان.
سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 890 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
ئارخېئولوگىيە - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىستېمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسىنىڭ تەبىئىي ئايرىمىسى خارابىلىك دەپ بېكىتىلدى.
بۇ دىنىي خارابىلىك ئاساسەن ساق ساقلىنىپ قالغان. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەكىلدىكى قارا رەڭلىك تاشلار بىلەن قورشاپ، ئۇزۇنلۇقى 44.6 مېتىر، كەڭلىكى 43 مېتىرلىق ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك تاشقى قورۇق تام شەكىللەنگەن. شەرقىي - جەنۇبىي تەرىپىگە ئىشىك ئېچىلغان. ئوتتۇرىسىدا ھەجمى 4.4 مېتىر كېلىدىغان تاش دۆۋىسى بار. تاش دۆۋىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدا تاش قورۇق تام بار. سىرتقى تەرەپنىڭ ھەممىسىدە شالاڭ تاش دۆۋىلىرى بار. قەبرىگە ئوخشايدۇ. پۈتكۈل خارابىلىكنىڭ سىرتقى قىسمىنى كۆزەتكەندە، بىر - بىرىگە ئۇدۇل قىلىنغان بىر دىنىي ئىبادەتخانىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدۇ. بۇ خارابىلىكنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش داۋامىدا دىنىي خارابىلىكنىڭ خەرىتىسى سىزىۋېلىندى.
خارابىلىكتىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسىنىڭ دەۋرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە خارابىلىك دەپ بېكىتىلدى.

                                                              ================================
                                            مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

قاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى [ 2012-09-28 16:48:59 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى مىڭئۆيى [ 2012-09-28 16:47:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى (2) [ 2012-09-28 16:46:03 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددىم ئىبادەتخانىسى (1) [ 2012-09-28 16:44:13 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى _ ئالپ ئارتۇ [ 2012-09-28 16:12:13 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھارۋىچىلىقى [ 2012-09-28 16:09:43 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] مەھمۇت مۇھىتى [ 2012-09-28 16:00:18 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] مۇسۇلمانلارنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتىنى كىم بىلىدۇ؟ [ 2012-09-28 15:57:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى [ 2012-09-27 18:50:23 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
قاش تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-09-27 16:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-28 16:09
تەۋسىيەلەر