دۇنيادىكى 7 چوڭ مۆجىزە
			
			
				يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-16 22:52  مەنبەسى:  ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى:   قېتىم
            	مىسىردىكى ئەلئىھرام قەدىمكى زاماندىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش ،
			
                                                      
	
		  | 
		  | 
	
			
				1. مىسىردىكى ئەلئىھرام.  مىسىردىكى ئەلئىھرام قەدىمكى زاماندىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش ، شۇنداقلا مۇكەممەل ساقلانغان مەدىنيەت يادىكارلىقى ، ھازىرغىچە ھېچكىم ئەلئىھرامنىڭ سىرىنى يىشەلىگىنى يوق .  قۇرۇلغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 2700-يىلدىن 2500- يىللىرى  ئورنى : مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ ئەتراپىدا.        2. مىسىردىكى پۇرۇت شەھىرى ئىسكەندىرىيەدىكى ماياك.  بۇ ماياك ئۇلۇغ ئىمپىراتۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن(ئالىكىساندىر ماكىدونىسكى)نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياسالغان . بۇ ماياك ئەسلىدە  ئىسكەندىرىيەدىكى بىر ئارالغا ياسالغان بۇلۇپ ، ماياكنىڭ ئىگىزلىكى  122 مېتىر .  ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 300 -يىلى  ئورنى : مىسىردىكى ئىسكەندىرىيە شەھىرى.      3. باغداتقا جايلاشقان بابىلۇن مۇئەللەق باغچىسى.   مۇئەللەقتىكى بۇ باغچا يېڭى بابىلۇن دۆلىتىنىڭ پادىشاھىنىڭ دەۋرىدە مىلادىدىن ئىلگىركى 600- يىللىرىنىڭ ئالدى كەينىدە ياسالغان . بۇ قۇرۇلۇش  ھەر بىر قەۋەتكىچە گۈللەر ھەم دەل دەرەخلەر بىلەن بىزەلگەچكە كىشىلەر تەرىپىدىن مۇئەللەقتىكى باغچا دەپ ئاتالغان .  ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 600 - يىلنىڭ ئالدى _ كەينىدە   ئورنى : ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتنىڭ ئەتراپىدا .      4. تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا قىسىمىدىكى مۇقەددەس ئارفىمىس ئىبادەتخانىسى.  بۇ ئىبادەتخانىنى تۈركىيەنىڭ كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان قەدىمكى لودىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىرويىس سالدۇرغان . مىلادىدىن ئىلگىركى بىر قېتىملىق ئاپەتتە كۈيۈپ كەتكەن .  ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 550 - يىللىرى  ئورنى : ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا.       5. يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى باش ئىلاھ زىۋىسنىڭ ھەيكىلى.   ئولۇمپۇس تېغىدىكى زىۋىسنىڭ ھەيكىلىنى قەدىمكى يۇناننىڭ (گىرىتسىيە)داڭلىق ھەيكالتاراش فىدىياس ياسىغان .  بۇ ھەيكەل پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان .  ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 457- يىلى   ئورنى : گىرىتسىيەدىكى ئولىمپىيە شەھىرى.      6. مۇسىراس قەبرىسى .  دىيىلىشچە بۇ قەبرىنىڭ ئىگىزلىكى 45 مېتىر ،  قەبرىنىڭ ئۈستى قىسىمى ئىھرامغا ئوخشايدىغان بۇلۇپ  ،  بۇ قەبرە مىلادىدىن ئىلگىركى 3 - ئەسىردە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان .  ياسالغان ۋاقتى :  مىلادىدىن ئىلگىركى 353 - يىللىرى   ئورنى : ھازىرقى تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا .      7. رود ئارىلىىدكى قۇياش ئىلاھى _ ئاپوللونىڭ گىگانىت ھەيكىلى.   بۇ گىگانىت ھەيكەل رود پورتىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان . ئۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قۇياش ئىلاھى ئاپوللونىڭ ھەيكىلى بۇلۇپ ساپ مىستىن ياسالغان ، ئىگىزلىكى 33 مېتىر ، ئىلگىر _ كىيىن 56 يىلدا پۈتكەن . مىلادىدىن ئىلگىركى 226 - يىلى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان .  ياسالغان ۋاقتى : مىلادىدىن ئىلگىركى 282 - يىلى ياساپ پۈتكۈزۈلگەن   ئورنى :  ئىگىي دېڭىزى گىرىتسىيەنىڭ رود پورتى.                                                                              مەنبە:پايدىلنىش ماتىريالىدىن تەھىرلىگۇچى:يانتاق
   
					 
					 
					 
					 
 
    
 
 
 
 
 | 
			
			 
			
			
			
			
			
			
			
			
				------分隔线----------------------------