پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-16 22:46 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يىتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن بەلكى،
تەلەي +1

ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش ۋە قابىلىيەت يىتىلدۈرۈشتىن مەھرۇم بولغان ئايال بولماستىن بەلكى، مىللەت ۋە ئۈممەت تەقەززاسىغا لايىق ھالدا ھەقىقى ئانا بولۇش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىدا ئۆگىنىدىغان، باللىرىنىڭ تەرەققىيات ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال غورۇر ۋە ئىززەتنى ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىپ، باللىرىنى ئېتىقادلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختى ئۈچۈن يۇقىرى مەنىۋىي مەقام بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرىدىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن جەمئىيەتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا جەمئىيەتنىڭ ھۇجەيرىسى بولغان ئائىلىنى قولىغا ئېلىپ، كەلگۈسىدىكى گۈزەل جەمئىيەتنىڭ ئىنسانىي ئاساسنى قۇرۇۋاتقان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ئائىلىدە تەييارنى يەپ ئولتۇرىدىغان ئايال بولماستىن، بەلكى بىلگۈچىلىكى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئائىلسىنىڭ بەركىتى، ئەرنىڭ ئارقا تېرىكى، كەلگۈسىدىكى ئالىم ياكى ھاكىم ئەۋلادلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ تۆھپىسىز ئايال بولماستىن،مېھرى ئارقىلىق باللىرىغا مۇھەببەت ئۆگەتكەن،ئاياللىق كۈچى ئارقىلىق ئەرلىرىگە مەدەت بەرگەن،دىيانىتى ئارقىلىق ئاۋۋال ئائىلىگە،شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېتىقاد بېغىشلىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ماددىي باياشاتلىقنىڭ كۈشەندىسى بولماستىن، ئائىلىنى بازار ۋە ئىستىمالنىڭ تەلتۆكۈس قۇلى بولۇپ قىلىشتىن ساقلايدىغان، ئائىلىنى ھارام ۋە مەكرۇلاردىن خالى قىلىدىغان، ئائىلىنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيتىنى ئىبادەتكە ئايلاندۇرىدىغان ئايال.
ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال ھەرگىزمۇ رومانتىك تۇرمۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال بولماستىن، بەلكى ئائىلە ئەزالىرىنى داستىخان ئەتراپىغا يېغىپ، ئائىلىنى جەلىپكار قىلىدىغان سۆيگۈ سەنئەتكارى ۋە ۋاپا قەھرىمانى.
ۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال قانداقتۇر ئاددى بىر ئۆينىڭ ساھىپخانى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەتنىڭ بەرپاچىسى، ئۇ ئائىلىنى بىر كىچىك جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق مەنىۋىي كۈچ، ئەقىدە ھاسىل قىلىپ ھەقىقى جەننەتكە كۆۋرۈك ياسايدۇ.
                                                                 مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى 2012-يىللىق 1-سان
 

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

kamakنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۆيدە ئولتۇرىدىغان ئايال [ 2012-09-16 22:46:35 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇتۇقلۇق ئۇقۇتقۇچىنىڭ 15 تۈرلۈك ئالاھىدىلىگى [ 2012-09-15 18:27:07 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئايال بولۇش بىر ئىلىم ، كېلىن بولۇش بىر سەنئەت [ 2012-09-15 18:23:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئادەم بەدىنىگە دائىر سانلىق قىممەتلەر [ 2012-09-15 18:18:36 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بىلىۋېلىڭ [ 2012-09-12 22:59:07 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] تاپشۇرۇق بىرىپ خۇلاسىلاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىللە [ 2012-09-12 22:56:07 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنىڭ تالانت ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ [ 2012-09-12 22:53:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] باللارغا ئار نۇمۇس تەربىيسى ئېلىپ بىرىش كىرەك. [ 2012-09-12 01:36:06 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] سىز بۇلارنى ئاڭلىغانمۇ ؟ [ 2012-09-12 01:31:11 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە؟ [ 2012-09-12 01:25:58 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
kamak تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-09-12 00:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-16 22:09
تەۋسىيەلەر