ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە؟
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-12 01:25 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
خەلقىمىز تارىختىىن بۇيان ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن.
 |
 |
خەلقىمىز تارىختىىن بۇيان ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن. ئوقۇتقۇچىلىق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ كەسىپ. كىمدۇ بىرى: «ئوقۇتقۇچى جاپاكەش ئىنسان، ئۇنىڭ ئەجرىسىز ھېچكىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەمەس. ئوقۇتقۇچى دېگەن كۈندە يەتتە - سەككىز سائەت دەرس ئۆتىدۇ، كېچىسىمۇ تاپشۇرۇق تەكشۈرىدۇ، ئۇنىڭ كۈنلىرى بور توزاڭلىرى ئىچىدە ئۆتىدۇ» دېگەن. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بۇ «ئۇلۇغ كەسىپ»كە ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇتۇش. دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، خەت يېزىش، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىش ئوقۇتقۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى. ئوقۇتقۇچىلىق باشقا كەسىپكە ئوخشاش بىر - ئىككى يىلدا ئۈنۈم (نەتىجە) بېرىدىغان «ئىستېمال» كەسپى ئەمەس. ئۇنىڭ نەتىجىسى تېز بولغاندا بەش - ئون يىلدا، ئۇزاق بولغاندا 70 - 80 يىلدا كۆرۈلىدىغان، پايدا - زىيىنى بىۋاسىتە ئاۋام ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان ئالاھىدە كەسىپ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىدا ئۇنىۋېرسال ساپا بولۇشتىن تاشقىرى، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولمىسا بولمايدۇ. مانا بۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ شەرەپلىكلىكى! ئوقۇتقۇچىنى باغۋەنگە، ئوقۇغۇچىنى كۆچەتكە تەمسىللىسەك، ئاشۇ ئۆسۈۋاتقان كۆچەتكە كۆيۈنگەن، سۇسىزلانغاندا ئازدۇر - كۆپتۇر سۇ بەرگەن، تاش - داڭگالنىڭ ياكى ۋەھىملىك بوران - يامغۇرنىڭ ئاستىدا قالغاندا مەدەت بەرگەن، ئۆسۈۋاتقاندا ئوغۇتلاپ پەرۋىشلىگەن، ياۋا سورت (شاخ) بايقالسا، ياخشى سورت تاللاپ ئۇلىغان، ھارام شاخلارنى ۋاقتىدا چاتىغان، دەرەخ تۈرىگە ۋە خۇسۇسىيىتىگە قاراپ پەرۋىش قىلالىغان، «مەن پەرۋىش قىلغان دەرەخنىڭ مېۋىسىگە ئۆزۈم ئېغىز تېگەلمىسەممۇ، ئەل - يۇرت ئېغىز تەگسە مەن رازى» دېيەلەيدىغان باغۋەنلەر ھەقىقىي پىداكار باغۋەندۇر. ئەگەر ئۇلۇغلاش توغرا كەلسە، ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئۇلۇغلىساق بولىدۇ. ھە دېسىلا ئوقۇغۇچىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان، ئورۇنسىز تىللاپ - ئۇرىدىغان، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان، ئوقۇغۇچىنى كەمسىتىپ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ئۇلارغا كۆيۈنمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ مۇبارەك نامغا يىراقتۇر. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق. شۇنداق ئىكەن، نۆۋىتىدە مائارىپنىڭ ساپلىقى جەمئىيەتنىڭ ساپلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مائارىپنىڭ ساپلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپلىقىدىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ مەسئۇلىيەتنى تەكىتلەش لازىم. «100 يىللىق تەرەققىيات پىلانى»دا مائارىپ ئاساس، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، مائارىپنىڭ بىزنى كەلگۈسىگە ئېلىپ بارالايدىغان ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى. بۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرۇش بىلەن بىللە، ئۇلارغا يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى شەرەپلەرنى يۈكلىدى. دېمەك، «ئەڭگۈشتەر»نىڭ نۇرلىنىش ياكى نۇرلىنالماسلىقى پۈتۈنلەي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەقىدىسىگە باغلىق. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولۇش كېرەك. تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------