باللارغا ئار نۇمۇس تەربىيسى ئېلىپ بىرىش كىرەك.
			
			
				يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-12 01:36  مەنبەسى:  ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى:   قېتىم
            	جەمىيەتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى ، ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس تەبىئىتى بولىدۇ ، 
			
                                                      
	
		  | 
		  | 
	
			
				جەمىيەتنىڭ  ئۆز  قانۇنىيىتى ، ئىنساننىڭ  ئۆزىگە  خاس  تەبىئىتى  بولىدۇ ،   بىراق  بەزى  ھاللاردا  قانۇنىيەتكە  ھۆرمەت  قىلمىغانلىقىمىز ، تەبىئىتىمىزگە  خىلاپلىق  قىلغانلىقىمىز   ئۈچۈنلا  كۆپ  يېڭىلىمىز   ۋە ئىسانىي  ئوبرازىمىزغا  داغ  تەككۈزۈمىز .  شۇنىڭعا  ئوحشاش  نومۇس  ئىنسان  تەبىئىتىنى  تەشكىل  قىلغان  ئەڭ  مۇھىم  ئالاھىدىلىك .  ئۇ ، ئىنسانىيەت  جەمىيىتىنى  گۈزەللەشتۈردىغان ، ئىنسانلارغا  ھالاللىق ، پاكلىق  ئاتا  قىلىدىغان  يىگانە  تۇيغۇ .نۇمۇس  بولعانلىقى  ئۈچۈنلا  بۇ  دۇنيا  شۇنچە  گۈزەل ۋە  نۇرانە . ئەگەر  نومۇس  بولمىغان  بولسا، ئىنسان  ھايۋانات  دۇنياسىدىن  ئىنسانىيەت  جەمىيىتىگە  ھالقىعان  ئەڭ  مۇھىم  ئەڭگۈشتەرىن  مەھرۇم  قالغان  بولاتتى .  چۈنكى ، ئىنسانلاردا  تۇنجى  قېتىم  نومۇس تۇيغۇسى  ئويغۇنۇشقا  باشلىغاندىن  تارتىپلا ئاندىن  ئۇلار  ھايۋانلاردىن  پەرقلىنىشكە  باشلىغان .  بەلكىم ، ئىنسانلارنىڭ  ئەڭ  ئىپتىدائىي  ئاتا-بوۋىسى  ئەۋرەتلىرىگە  يۇپۇرماق  تارتىشنى  بىلگەن  چاغلىرى  ئۇلاردا  نومۇس  ئېڭىنىڭ  ئويغانغان ، ئىنسانلاشقان  چاغلىرى  بولسا  كېرەك .        ھازىر  كىشىلەر  ئارىسىدا  ياتلىشىشنىڭ  ئېغىر  بۇلۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى  ئاغىرىنىشلارنى  كۆپ  ئاڭلاپ  تۇرۇمىز ، بۇنداق  ياتلىشىشتا  ئەڭ  يادرولۇق  رول  ئويناۋاتقىنى  ئۆزىگە  ئاسىيلىق  قىلىش  بىلەن  نەپسانىيەتچىلىك .   بۇ،  ئۇنىڭ  مەركىزىي  نوقتىسىدا  نومۇسسىزلىقنىڭ  موھىم  رول  ئويناۋاتقانلىقىنى  مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ .  ئەگەر  جەمىيەتكە  پاك  ئەقىدە ، ساغلام  خارەكتېر  بىلەن  قاتنىشىۋاتقانلار  ئازلاپ  كېتىۋاتىدۇ  دەپ  قارىساق ،   ئۇنىڭ  سەۋەبى  بىزدە  ئەۋلاتلارغا  بېرىدىغان  نومۇس  تەربىيەسىنىڭ  سۇسلاپ  كېتىۋاتقانلىقىدىن  بولغان ، دەپ  قاراشقا  بولىدۇ .       ھازىر  مەكتەپ ۋە جەمىيەتتىكى  ياشلار ۋە  بالىلارنىڭ  ئەھۋالىدىن  بىلىشكە  بولىدۇكى ، بىز  ئاتا-ئانا  بولغۇچىلار ، مائارىپچىلار  ھەممىمىز  ھەقىقەتەن  ناھايىتى  بىر  نازۇك  تەلىم-تەربىيە  مەسلىسىگە  سەل  قاراپتىمىز .  يەنى  نومۇسنىڭ ھايات  بىلەن ، نومۇسنىڭ  پاكلىق  بىلەن ،  نومۇسنىڭ  مەدەنىيلىك  بىلەن ،  نومۇسنىڭ  ئەقىدە  بىلەن ،  نومۇسنىڭ گۈزەللىك  بىلەن ،  ھەتتا  مىللەتنىڭ  تەقدىر-ئىستىقبالى  بىلەن  ناھايىتى  زىچ  باغلىنىشلىق  ئىكەنلىگىگە  سەل  قاراپتىمىز . مەن  بىر  ئەسەردىن « ئەگەر  مىللەتنى  ھالاك  قىلىدىغان  ئامىل  بار  دىيىلسە ، ئۇ نادانلىقمۇ  ئەمەس ، نامراتلىقمۇ  ئەمەس ، بەلكى  نومۇسسىزلىق  بولىدۇ ، ئەگەر  بىر  مىللەتنى  نىجاتلىققا  ئېرىشتۈرىدىغان  ئەڭ  مۇھىم  بىر  قۇدرەتلىك  كۈچ  بار  دېىيىلسە ،  ئۇ ،  ھەربىي  كۇچمۇ  ئەمەس ، ئىقتىسادىي  كۇچمۇ  ئەمەس ، ئىلىم-پەننىڭ  تەرەققىياتىمۇ  ئەمەس، بەلكى  نومۇسنىڭ  قۇدىرىتىدۇر » دىگەن  جۈملىلەرنى  ئوقۇغان . بۇ  جۇملە  ئادەمنى  ھەقىقەتەن  چوڭقۇر  ئويغا  سالىدۇ .  بىز  ئائىلىدە ، مەكتەپلەردە  بالىلارغا  نۇمۇس  تەربىيەسى  بېرىشكە  ئەھمىيەت  بەرمەپتۇق ، شۇنىڭ  ئۈچۈن ، بالىلاردا  ئۆزئارا كۇچلۇك  رىقابەت  ئېڭى  سۇسلاپ  كەتكەن ،   توغرا  رىقابەت  نومۇستىن  بولىدۇ ، ھەسەتخورلۇق  نومۇسسىزلىقتىن  بولىدۇ .   نومۇس  بالىلاردا  ناھايتى  مەرد-مەردانە  خارەكتېرنى  يېتىلدۇرىدۇ ،   نومۇس  ئۇلاردىكى  ھەققانىيەت  تۇيغۇسىنى  ئاشۇرۇشقا  ياردەم  بېرىدۇ .   نومۇس  ئادەمنى  ئىرادىلىك  قىلىدۇ ،  نومۇس  ئادەمنى  گۇناھكار  بۇلۇش ، ئەل  ئارىسىدا  شەرمەندە  بۇلۇشتىن  ساقلايدۇ .  نومۇس ئادەمنىڭ  نەپسانىيىتى  ئۈچۈن  ساتقىنلىق  ۋە  ئاسىيلىق  قىلىشقا  قارشى  قالقان  بولىدۇ ،   نومۇس  ئادەمگە  ئۆزىنىڭ  قەدىر-قىممىتىنى  بىلىشنى  ئۆگىتىدۇ . نومۇس  بالىلارنىڭ  ياخشىلارنى  قوللاپ ، يامانلارغا  يۈرەكلىك  قارشى  تۇرۇشىغا  ئىلھام  بېرىدۇ .   ئومۇمەن ، نومۇس  ئەۋلادلاردا  يۈكسەك  مەسئۇلىيەت  ئېڭىنى  ئويغىتىدۇ . ئەگەر  بىر  جەمىيەتتە  نومۇس  تۇيغۇسىغا  ئىگە  ئەۋلادلار  كۆپلەپ  يېتىشىپ  چىقسا ،   باشقا  تەلىم-تەربىيەلەرنىڭ  ئىقتىدارىنى  تېخىمۇ  ياخشى  جارى  قىلدۇرغىلى  بولىدۇ ، مۇبادا  بىز  نومۇس  تەربىيەسىگە  يەنىلا  سەل  قارايدىغان  بولساق ، بىزنىڭ  بارلىق  تىرىشچانلىقلىرىمىز  ئاخىرقى  ھېسابتا  ئۈنۈمگە  ئېرىشەلمەيدۇ .      تەھىرلىگۇچى:يانتاق
   
					 
					 
					 
					 
 
    
 
 
 
 
 | 
			
			 
			
			
			
			
			
			
			
			
				------分隔线----------------------------