پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بىلىۋېلىڭ

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-12 22:59 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر
تەلەي +1

ئەڭ ياخشى يېمەكلىكلەر: ئەڭ ياخشى گۆش غاز ۋە ئۆدەك گۆشى بولۇپ،ئۇلارنىڭ ياغ مىقدارى كالا،قوي گۆشىدىن ئاز بولسىمۇ،لېكىن خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى زەيتۇن يېغىغا يېقىنلىشىدۇ،يۈرەككە پايدىلىق.
ئەڭ ياخشى مېڭە ئاسراش يېمەكلىكى پالەك،كۈدە،كاۋا،پىياز،كۆك پۇرچاق،شوخلا،سەۋزە،سامساق،كەرەپشە،ياڭاق،قارىغاي مېغىزى،ئۆرۈك مېغىزى،سېرىق پۇرچاق قاتارلىقلار.
ئەڭ ياخشى يېمەكلىك يېغى ئۈسۈملۈك يېغى بولۇپ،ھايۋانات يېغىدىن ياخشىراق.قوناق يېغى،كۈجۈت يېغى،قىچا يېغى بەدەنگە پايدىلىق.
  ئېھتىيات قىلىڭ:قوي گۆشى بىلەن قارا ئۆرۈكنى،كالا گۆشى بىلەن زەنجىۋىلنى،ئات گۆشى بىلەن مورنى،تۆگە گۆشى بىلەن ئۈزۈمنى،توشقان گۆشى بىلەن يازلىق يېسىۋېلەكنى،غۇل پىياز بىلەن ھەسەلنى ئارلاشتۇرۇپ يېيىشكە قەتئىي بولمايدۇ.
پىسخىكا،ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ئارقىلىق ئاچچىقنى بېسىشنىڭ ئون تۈرلۈك ئۇسۇلى:
1.ئۆزىنى قاچۇرۇش.پىرىنسىپسىز مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزىتىش بېرىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىڭ.سىزنى خاپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغانئىشلاردىن يىراق تۇرسىڭىز،باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە خاپا بولۇشۇپ قالمايسىز.
2.بۇراش.دىققەت-ئېتىبارىڭىزنى بۇراپ كۆڭلىڭىزنى خۇش قىلىدىغان،ئۆزىڭىز ياقتۇرۇدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز ئاچچىقىڭىز يېنىپ قالىدۇ.
3.چەكلەش.كۆڭۈلسىز خىياللارنى مەقسەتلىك ھالدا چەكلەڭ،ئۆزىنى ئۆزى تەقىد قىلىش،ئىرادە ئارقىلىق ھېسىياتنى تىزگىنلەڭ.
4.ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش.يېقىن دوستنى تېپىپ،دەردىڭىزنى تۈكۈڭ،شۇنداق قىلسىڭىز روھىي جەھەتتىكى يۈكتىن يەڭگىللەپ،كەيپىياتىڭىز ياخشىلىنىدۇ.
5.يۆتكەش.مەلۇم بىرسىگە بولغان بىزارلىق،غەزەپلىنىش كەيپىياتىنى باشقا بىر ئوبيېكىقا يۆتكەپ،ئاچچىقىڭىزنىچىقىرىڭ.
6.ئىنكار قىلىش.ئۈمۈتۋار بولۇپ،ئۆزىڭىزدە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بارلىقىنى ئىنكار قىلىڭ.
7.يول قۇيۇش.قارشى تەرەپ كۆڭۈلىڭىزنى ئاغرىتسا،تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرماي،ئاقىلانىلىك بىلەن يول قۇيسىڭىز ئازارلىشىشتىن ساقلىنالايسىز ھەمدە تەربىيە كۆرگەنلىگىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز.
8.تەسەۋۋۇر قىلىش.ئاۋۋال كۆز ئالدىڭىزدىكى ئوسۇل ھالەتكە تەن بېرىڭ،ئاندىن ئۇ ئىشنى ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئوسۇل ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە تەسەللى بېرىڭ.
9.ئورنىغا دەسسىتىش.ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا ياكى كەسىپكە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ،يولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىڭ.
10.ئۆزىنى ئاقلاش.بىرەر باھانە-سەۋەپ كۆرسىتىپ،كەيپىياتىڭىز ۋە قىلمىشىڭىزنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاڭ.

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

kamakنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] بىلىۋېلىڭ [ 2012-09-12 22:59:07 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] تاپشۇرۇق بىرىپ خۇلاسىلاشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىللە [ 2012-09-12 22:56:07 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىلارنىڭ تالانت ئىپادىلىرىگە دىققەت قىلىپ قويۇڭ [ 2012-09-12 22:53:11 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] باللارغا ئار نۇمۇس تەربىيسى ئېلىپ بىرىش كىرەك. [ 2012-09-12 01:36:06 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] سىز بۇلارنى ئاڭلىغانمۇ ؟ [ 2012-09-12 01:31:11 ]
[ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى] ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇلۇغلىقى نەدە؟ [ 2012-09-12 01:25:58 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
kamak تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-09-12 00:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-16 22:09
تەۋسىيەلەر