پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-11 23:14 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: سەپەر كۆرۈلۈشى: قېتىم
10 – سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى. ئۇنداقتا، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان؟
تەلەي +1

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى

 

 غۇنچەم ئەخمەت

   دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ۋاقىتلىرى ئوخشىمايدۇ. پورتۇگالىيەدە ھەر يىلى 18 – ماي كۈنى؛ ئامېرىكىدا ھەر يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – سەيشەنبىسى؛ تايلاندتا 16 – يانۋار، سىنگاپوردا 31 – ئاۋغۇست، لاتۋىيەدە 10 – ئاينىڭ تۇنجى يەكشەنبىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 10 – سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى. ئۇنداقتا، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان؟

   يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئېلىمىزدە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› بار ئىدى، 1931 – يىلى مائارىپچى تەي شۇاڭچيۇ، چېڭ چىباۋ قاتارلىقلار ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش›› توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلغان ۋە ھەر يىلى 6 – ئىيۇننى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىش تەكلىپى سۇنغان. 1932 – يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 6 – ئىيوننى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلغان. كېيىن 27 – ئاۋغۇست (كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)گە ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1951 – يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 6 – ئىيوندىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ‹‹1 – ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى››غا قوشۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ مۇستەقىل پائالىيىتى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكى بولمىغاچقا، ئىجرا قىلىش جەريانىدا تاشلىنىپ قالغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلار ‹‹سېسىق توققۇزىنچى›› دەپ چەتكە قېقىلىپ، ئىجتىمائىي ئورنى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يېغىنىدىن كېيىن مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان ۋە 1981 – يىلى 3 – ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كۈنى ۋە پائالىيەت مەزمۇنىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان. تۆت يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، 1985 – يىلى 21 – يانۋار 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – قېتىملىق يىغىنىدا ھەر يىلى 10 – سېنتەبىرنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشى قارار قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

تەھىرلىگۇچى:سەپەر

更多

سەپەرنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] زەينىدىن سالىيۇف ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىپ [ 2012-09-11 23:15:55 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى [ 2012-09-11 23:14:21 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] پۈتكۈل جەمئىيەت مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇت [ 2012-09-11 23:12:13 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كې [ 2012-09-11 23:08:45 ]
[ئوقۇتۇش رەسىملىرى] دەرسلىك ئارقا سۇرەتلىرى(3) [ 2010-05-14 12:59:29 ]
[ئوقۇتۇش رەسىملىرى] دەرسلىك ئارقا سۇرەتلىرى(2) [ 2010-05-14 12:56:33 ]
[ئوقۇتۇش رەسىملىرى] دەرسلىك ئارقا سۇرەتلىرى(1) [ 2010-05-14 12:53:34 ]
[مەنزىرە رەسىملەر] گۇزەل مەنزىرىلەر(6) [ 2010-05-14 12:47:55 ]
[مەنزىرە رەسىملەر] گۇزەل مەنزىرىلەر(5) [ 2010-05-14 12:45:29 ]
[مەنزىرە رەسىملەر] گۇزەل مەنزىرىلەر(4) [ 2010-05-14 12:42:56 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر