![]() |
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك 10-سىنتەبىر 28- ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر يۈرۈش پىكىرنى چىقاردى، ئۇنىڭدىكى ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يەنىلا تارتتى. ئوقۇتقۇچىلار تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش ئوقۇتقۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەمدە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۇزاق مەزگىل، ئۆمۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئوقۇتقۇچىلار مائاشىغا قارىتا، دۆلەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى مەمۇرلارنىڭ مائاشىدىن تۆۋەن بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە كۆپ قېتىم ھۆججەت چىقىرىپ بۇ سىياسەتنى كۈچەيتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت كونكرېت تەدبىر سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى قۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى ۋە ئىككى ئاساسەن خىزمىتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ سەۋىيەسىنى، رايون، شەھەر، يېزا مەكتەپلەر ئارىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا، غەربىي رايون يېزىلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بىر قەدەر ئاجىز، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى مەسىلىسى كۈنسېرى دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىدى. باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ يېقىندا ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار تەربىيەلىنىشنى ھەر ۋاقىت كۈچەيتىپ، چىرايلىق گەپ قىلىشى، سۆز-ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشى، ئۆز بىلىمى، پەزىلىتى ۋە خاسلىقى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يول باشلىغۇچى بولۇشى كېرەك. بۇ يىل 5-ئايدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى جامۇس شەھەرلىك 19-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ لىلىنىڭ ئۆز جېنىدىن كېچىپ ئوقۇغۇچىسىنى قۇتقۇزغانلىقى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، ئۇ بۇنىڭ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» دېگەندەك شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاق ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرما بولىدىغىنى، نۆۋەتتە ھەقلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار سوۋغات قوبۇل قىلىش، ئىلىم جەھەتتە دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقىغا زىت ھادىسىلەرمۇ ئۈزۈلمەي كۆرۈلمەكتە. ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى قارالمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تەھىرلىگۇچى:سەپەر
|