![]() |
كۆك كەپتەر (ماركىس) ئەي گۈزەل كۆك كەپتەر سەپىرىڭ قايان، يېنىمدىن ئۇچۇپ ئۆت توختىغىن بىر رەت. مامۇق پەرلىرىڭدىن تاشلىغىن بىر تال، يازاي شۇ سۆيۈملۈك ئامرىقىمغا خەت. پېيىڭنى تەككۈزۈپ ئىسسىق قېنىمغا، قەغەزدە يۈرەكنى قىلاي ئىشارەت. سەن جەزمەن يەتكۈزگىن ،چۈنكى خېتىمگە يوشۇردۇم قەلبىمدىن چوڭقۇر مۇھەببەت. ئەگەر ئۇ بىر تاتلىق ئۇيقۇدا بولسا، خېتىمنى قالدۇرغىن ئاستا ئۇچۇپ كەت. تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|