![]() |
.ئوقۇتقۇچىلار 24سائەتلىك دۇجۇرنىلىك ئورنىدا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۇرۇش، مەركىزى مەكتەپتە ئۈچ نەپەردىن، قالغان تارماق مەكتەپلەردە ئىككى نەپەردىن دۇجۇرنى بولۇش، مەركىزى مەكتەپتە يىتەكچى دۇجۇرنى ۋە يىتەكچى دۇجۇرنى بولۇش. دۇجۇرنىلەر دۇجۇرنىلىك مەزگىلىدە مەكتەپنىڭ بارلىق ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ. 2.دۈجۇرنىلىك نۆۋىتى كەلگەن ئوقۇتقۇچى دۈجۇرنىلىك ئورنىدا ئۆزى تۇرۇش، باشقىلارنى ئورنىدا ۋاكالىتەن تۇرغۇزماسلىق، جىبەرلىك ۋاقتىدا ھاراق ئىچمەسلىك، جىبەرلىك ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلماسلىق. قەرت، شاخمات، ماجاڭ ئوينىماسلىق. تېلىۋىزور كۆرمەسلىك، سورۇن تۈزمەسلىك. ئۇخلاپ قالماسلىق، مەكتەپ ئەتراپىنى چارلاپ تۇرۇش، ئوت، توك، سۇ، ئوغۇرلۇقتىن ۋە ھەرخىل خەتەرلىك ھادىسلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. 3.دۈجۇرنىلەر كىچە-كۈندۈز مەكتەپ ئىچى ۋە ئەتراپىنى ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئىشخانا، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش سىنىپى، تەجىرىبخانا، قىرائەتخانا، تەنتەربىيە، مۇزىكا، ئەمگەك-تېخنىكىسى، گۈزەل-سەنئەت ئۆيلىرىنى نوقتىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش لازىم. 4.سىرتتىن ئادەم باشلاپ كىرىپ قوندۇرماسلىق، مەس كىشىلەرنىڭ كىرىپ قۇنىشىغا يول قويماسلىق. مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق قاتناش ۋاستىسىنى مەكتەپكە كىرگۈزمەسلىك. 5.دۈجۇرنىلىكتە تۇرغان ۋاقىتتا يۇقىرىدىن كەلگەن تەكشۈرۈش، تېلىفۇن روھى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل خاتىرلەش، ۋاقىت خاراكتىرلىق ھەرقانداق ئۇرۇنلاشتۇرۇش، تېلىفۇن روھىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە رەھبەرلىككە مەلۇم قىلىش، كىچىكتۈرمەسلىك، بىخەستىلىك قىلماسلىق. 6. دۈجۇرنىلىكنى ئۆتكۈزۈپ بىرىش-ئۆتكۈزىۋېلىش رەسمىيىتىنى تولۇق، ئەستايىدىل ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈزىۋېلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇش، جىبەرلىك ئۆيى تازىلانغان بولۇش، يۇقىغان، بۇزۇلغان مال-مۈلۈك بارمۇ-يوق؟، قوغدىنىش، جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئەسلىھەلىرى ساقمۇ ياكى ساق ئەمەسمۇ؟ ئۇبدان تەكشۈرۈپ تاپشۇرىۋېلىش. 7. بىرەر ئىش ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن روخسەت سورىماقچى بولسا، جىبەرلىكتىن رۇخسەت بىرىشكە قەتئى يول قويۇلمايدۇ. خۇلۇم-خوشنا، ئۇرۇق-تۇققان، بالا-چاقىلىرىنى ئورنىدا ۋاكالىتەن جىبەرلىك ئورنىدا تۇرغۇزۇپ قويۇشقا قەتئى بولمايدۇ. 8.ناۋادا جىبەرلىك مەزگىلىدە مەكتەپ ئىچىدە ھەرخىل ھادىسە كۆرۈلسە دۇجۇرنى ۋە يىتەكچى دۇجۇرنىنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەتنامىسىنىڭ روھى بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|