ئۇتۇقلۇق ئۇقۇتقۇچىنىڭ 15 تۈرلۈك ئالاھىدىلىگى
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-15 18:27 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولۇش. ئوقۇتقۇچىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولسا، ئۆگىنىشنى قىزىقىش كەيپىياتىغا تولدۇرالايدۇ.
 |
 |
1. تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولۇش. ئوقۇتقۇچىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بولسا، ئۆگىنىشنى قىزىقىش كەيپىياتىغا تولدۇرالايدۇ. 2. كەسىپ بىلىملىرىگە پىششىق بولۇش. ئوقۇتقۇچى ئۆز كەسپىدە تەرەققىي قىلىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. مەيلى ئەمدىلا مۇنبەرگە چىققان يېڭى ئوقۇتقۇچى ياكى كۆپ يىل ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئوقۇتقۇچى بولۇڭ، ئۆگەنگەن كەسپىڭىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە يېتىشىپ مېڭىڭ. 3. ئوقۇتۇشنى ياخشى تەشكىللەش. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشنى ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ۋاقتىغا ئىگە قىلىدۇ. 4. ئوقۇتۇشتا جانلىق بولۇش. ئۇتۇق قازانغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشقا پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن بېرىلىدۇ، دەرسخانىدا مەلۇم مۇقىم ئورۇندا تۇرۇۋالماي، سىنىپنى ھەر بىر بۇلۇڭىغىچە جانلاندۇرالايدۇ. 5. ياخشى پوزىتسىيە بولۇش. ئوقۇغۇچىلار پائال يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئوقۇتقۇچىغا موھتاج، شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا سۆزلەيدىغان مەزمۇنغا، ئۇلارغا سۆزلىگەن چاغدىكى تەلەپپۇزىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈڭ. 6. دەرسخانىنى ئۇتۇقلۇق باشقۇرۇش. ئىنتىزاملىق، تەرتىپلىك سىنىپ مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىنىڭ ئاساسى كاپالىتى 7. ئوقۇتۇش جەريانىنى پىلانلاش. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىنى ئوقۇش باشلانغاندىلا ئوبدان پىلانلاپ، تۈرلۈك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 8. كىشىلىك مۇناسىۋەت ماھارىتى بولۇش. تەربىيە ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولۇپ، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم. 9. ئېنىق ئىپادىلەش قابىلىيىتى بولۇش. نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى، ئۆگىنىش مەقسىتىنى بىلەلمەيدۇ، ئۇلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنىق ئىپادىلىشى، چۈشىنىشلىك سۆزلىشى، ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىن ئۈلگە كۆرسىتىشى، ئۆگىنىش مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىشىگە موھتاج. 10. ئۈنۈملۈك سوئال سوراش. سوئال سوراش(بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ياكى ئايرىم ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سوراش) بىر خىل كۈچلۈك ئوقۇتۇش قورالى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئۈنۈملۈك يېتىلدۈرەلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سورىغاندا، ئۇلاردىن دەرھال جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلماسلىق كېرەك 11. ئەھۋالغا يارىشا ئوقۇتۇش. ئوقۇتۇش دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىسنىڭ بىرى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا زور پەرقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشنى ئاڭلاش، كۆرۈش سەزگۈسى ۋە قول سېلىپ ئىشلەش ماھارىتىنى ئۇنىۋېرسال تەتبىقلاش ئارقىلىق تەشكىللىشى ھەمدە ئۇلارغا ئايرىم كونسۇلتاتسىيە قىلىپ بېرىشى كېرەك. 12. سىنىپقا مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى بەخش ئېتىش. ئۇتۇق قازىنىش نىسبىتى ئىنتايىن مۇھىم. ئوقۇغۇچىلار ئىزچىل جاپالىق ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانسا، ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى ئاسانلا پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. 13. چوڭ ئۈمىد كۈتۈش. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈشى، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئۈمىدلەندۈرۈشى كېرەك. 14. كۆڭۈللۈك كەيپىيات يارىتىش. ئوقۇتقۇچى سېھرىي كۈچكە ئېگە ئۆگىنىش مۇھىتىنى ئەمەس، بەلكى، كۆڭۈللۈك ئۆگىنىش مۇھىتىنى يارىتىشى كېرەك. كۆڭۈللۈك ئۆگىنىش مۇھىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقلۇق ئۆگىنىشىنىڭ يېقىلغۇسى. 15. ئېلاستىكلىق ئوقۇتۇش. ئوقۇتۇش ئېلاستىكلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. قاتمال ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئىش كۆرمەي، بەلكى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇشىڭىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلىپ، ئادەت ۋە قائىدىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك. مەنبە : شىنجاڭ مائارىپى ژۇرنىلى تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------