ئايال بولۇش بىر ئىلىم ، كېلىن بولۇش بىر سەنئەت
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-15 18:23 مەنبەسى: ئاپتورى: kamak كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نۇقسانسىز ، كۆيۈمچان ئايال بولماس .
 |
 |
ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىدىنمۇ ئۇلۇغ ، نۇقسانسىز ، كۆيۈمچان ئايال بولماس . شۇڭا ئۇلار ئانىسىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە ئايالىنى دەڭسەيدۇ . ئانىسىغا سېلىشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ قارىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ . قىسقىسى ، ئېرىنى سويۇشنى بىلگەن ئايال چوقۇم ئالدى بىلەن ئېرىنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ياخشى كۆرۈشى ، ھۆرمەتلەشنى بىلىشى زۆرۈر . ئۇنداقتا ، كېلىن بولغۇچى قېينىئانىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە مېھرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ؟ . كېلىن ئېرىگە بولغان مۇھەببىتىنى دائىم قېينىئانىسىغا بىلدۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىللە ، قېينانىسىنى خۇددى ئۆز ئانىسىدەك كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك ؛ . قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ياخشى گېپىنى كۆپ قىلىپ بېرىش كېرەك ، چۈنكى ھەر قانداق ئانا ئوغلىنىڭ غەيۋىتىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ؛ . كېلىن قېيناتا - قېينانىسىنىڭ ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى ، بەزى مەسىلىلەردە پىكرى بىلەن ئۆزىنىڭ قارىشى زىت بولغان تەقدىردىمۇ قېينانىسىغا يول قويۇشى كېرەك ؛ . كېلىن ھەر ۋاقىتتا قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ گەپ قىلىشى كېرەك ، ئەگەر ئېرى بىلەن قېينانىسى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلسە ، كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرۇپ ئېرىنى بېسىشى كېرەك . چۈنكى نۇرغۇن قېينانىلار ئوغلىنىڭ ‹‹ ئۆزگىرىپ كېتىشى ›› نىڭ سەۋەبىنى كېلىنىدىن كۆرىدۇ ، شۇڭا كېلىن چوقۇم قېينانىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ؛ . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ئېرىگە بەكمۇ يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەسلىكى لازىم ، بولمىسا قېينانىسىدا ھەسەت قوزغاپ قويىدۇ ؛ . كېلىن قېينانىسىغا ئۆز قىزىدەك كۆيۈنۈشى ، ئۆز ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى كېرەك . لېكىن يېقىنچىلىق قىلىپ چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك ؛ . كېلىن قېينانىسىغا ئۇنىڭ تۇرمۇشتىكى مۇھىم ئورنىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك . شۇنداق بولغاندىلا قېينانىنىڭ قەلبىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ ، ئۇلاردىن رازى بولىدۇ ؛ . كېلىن قېينانىسىنىڭ ئالدىدا ياغاچتەك قېتىۋالماسلىقى ، چوڭ ئىشلاردا مەيدانى مۇستەھكەم ، كىچىك ئىشلاردا دۆت بولۇۋېلىشى كېرەك . بۇنداق بولغاندا قېينانا كېلىنىگە ھەم قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ ؛ . كېلىن قېينانىسى بىلەن ئازارلىشىپ قالسا ئېرىگە چاقماسلىقى كېرەك . ئۇنداق قىلغاندا قېينانا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يىرىكلىشىپلا قالماي ، ئېرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ . شۇڭا ئېرىگە قېينانىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك ۋاقىتلىرىنى دائىم سۆزلەپ بېرىشى كېرەك ، شۇندىلا ئەر ئايالىنىڭ ئىقتىدارلىقىغا قايىل بولىدۇ ھەم ئۇنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك قەدىرلەيدۇ ؛ . ئەگەر قېينانا ھەق گەپ ئۇقمايدىغان ، جاھىل بولسا ، كېلىن چوقۇم قېينانىسىغا ئۆزى ۋە قېينانىسىنىڭ ئوغلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ، قەدىرلەيدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يىرىكلەشسە ، ئائىلىنىڭ ئومۇمى كەيپىياتىغا ، پۈتۈنلىكىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك ؛ تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------