تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددىم ئىبادەتخانىسى (1)
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28 16:44 مەنبەسى: ئاپتورى: قاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
دەرىسلىك ماتىرياللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆتۈلسا ئۈنۈمى ياخشى بولار دەپ يوللىدىم . پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.....
 |
 |
تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددىم ئىبادەتخانىسى (1) سىڭگىم ئېغىزى بۇددىزم ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورنى تۇرپان شەھىرى سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدە بولۇپ، سىڭگىم ئېغىزى تاشيول چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي تەرىپىگە تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 33 مىنۇت 50 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 55 مىنۇتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 60 مېتىر ئېگىز. سىڭگىم ئېغىزى بۇددىزم ئىبادەتخانىسىنىڭ يار شارائىتى ئۆزگىچە. بۇددىزم ئىبادەتخانىسى يالقۇنتاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي يامزىلىدىكى بىر پارچە سەل تۈز كەلگەن ئېگىزلىككە جايلاشقان. كەينى تەرىپى تاغقا يۆلىنىپ تۇرىدۇ. مۇرتۇق دەرياسىغا يۈزلىنىدۇ. ئىبادەتخانىدىكى زال (تاۋاپخانا) قۇرۇلۇش ناھايىتى ھەيۋەتلىك، كىچىكرەك بىر شەھەرگە ئوخشايدۇ. سىڭگىم ئېغىزى بۇددىزم ئىبادەتخانىسى ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 7450 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - ئارخېئولوگىيە سىستېمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا تەبىئىي ئايرىمىسى بۇددىزم ئىبادەتخانىسى دەپ بېكىتىلدى. سىڭگىم ئېغىزى بۇددىزم ئىبادەتخانىسىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. بۇزۇلۇشى ئېغىر، ئۇدۇلىدىكى تاۋاپخانا ۋە ھويلا تېمىنى سەل پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقى (بوران - يامغۇرنىڭ)دىن سىرت يەنە ئاساسەن، لاي - لاتقىلارنىڭ ئېقىتىشى خېلى ئېغىر. ئىبادەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى 74.5 مېتىر كېلىدۇ. ئۇدۇلدىكى زالنىڭ ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر كېلىدۇ، كەڭلىكى 8 مېتىر كېلىدۇ. تامنىڭ قېلىنلىقى 1.5 مېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدۇ. زالنى كېسەك بىلەن قىرلاپ ياسىغان. كېسەك 0.10×0.20×0.38 مېتىر كېلىدۇ. سىڭگىم ئېغىزى بۇددىم ئىبادەتخانىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي بۇرجىكىدىكى ئىككى كىچىك غار ئىچىدە، تام سۈرىتى بار ھەم قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن خاتىرىلەر بار. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سول تەرىپىدىن بىر دانە ياغاچ ئويما تېپىلدى. سىڭگىم ئېغىزى بۇددىزم ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسلانغاندا، تام سۈرەتلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋاقتى ئاساسەن ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى خانلىقى دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە دەپ بېكىتىلدى. ================================ مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------