ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى
يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-27 18:50 مەنبەسى: ئاپتورى: قاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى
 |
 |
ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى- جىن - تاڭ دەۋرلىرىدىكى قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جامائەت قەبرىستانلىقى بولۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىدىكى ئاستانە كەنتىنىڭ شىمالىغا ۋە قاراخوجا كەنتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرىگە تۇتىشىدۇ . كۆلىمى شەرقتىن غەربكە بەش كىلومېتىر ، جەنۇپتىن شىمالغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ . 1959 - يىلىدىن 1975 - يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزېيى 13 قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قېزىپ ، 400 يىلنامە بار مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاپقان بولۇپ ، بۇلار غەربىي جىننىڭ تەيشى 9 يىلى ( 273 - يىلى ) دىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ جيەنخۇڭ 3 - يىلى ( 782 - يىلى ) غىچە توغرا كېلىدۇ . قەدىمكى قەبرىلەر جىن ، چۈ جەمەتى ھۆكۈمرانلىقىدىكى قوچو ئۇيغۇر خانلىقى ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قوچو ئايمىقى مەزگىللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ . بىرىنچى مەزگىلگە كەلگەندە تەۋە قەبرىلەر يانتۇ قەبرە يولى بار توپا ئۆڭكۈرلۈك قەبرىلەر . ئۇلارنىڭ لەھىتى تەكشى ، قەبرە يولى قىسقىراق بولۇپ ، ئاساسەن تەكشى بولمىغان پەلەمپەي شەكلىدە . ئىككىنچى خىل شەكىلدىكىسى تىك ئازگاللىق يان لەھەتلىك قەبرىلەر بولۇپ ، ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك تىك ئازگالنىڭ بىر تەرىپىگە يان لەھەت كولانغان ياكى ئىككى تەرىپىگە يۇقۇرى - تۆۋىنىماس كەلگەن لەھەتلەر كولانغان . ئىككىنچى مەزگىلگە تەۋە لەھەتلەرنىڭ تۆت تېمى سىرتىغا يايسىمان كۆپتۈرۈلگەن ، تورۇسى تۈز ۋە يۇمۇلاق چىقىرىلغان ، قەبرىلەرنىڭ قەبرە يولى ئۇزارتىلىپ ، پەلەمپەيلىرى يوقۇتىلغان . ئۈچىنچى مەزگىلگە تەۋە قەبرىلەرنىڭ تۈزۈلىشى ئاساسەن ئىككىنچى مەزگىلدىكىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ ، پەقەت لەھەتلىرىلا بارغانسېرى چوڭايتىلىپ ، قەبرە يولى تېخىمۇ ئۇزارتىلغان .يانتۇ قەبرە يولى بار ئۆڭكۈرسىمان قەبرىلەردىن بېزەك رەسىملەر بايقالغان . بۇ رەسىملەردە قەبرە ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تۇرمۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . بەزى قەبرىلەرنىڭ تورۇسىغا ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەر كۆرۈنىشى سىزىلغان . قەبرە ئىچىدىكى جەسەتلەر بورا ئۈستىگىلا ياتقۇزۇلغان بولۇپ ، دەپنە جابدۇقلىرى ئاز ئۇچرىغان . بىرىنچى ، ئىككىنچى مەزگىللەردە ياغاچ جەسەت ساندۇقى ئىشلىتىلگەن ، ئۈچىنچى مەزگىلدە جەسەت ساندۇقى ئاز ئۇچرىغان . قەغەز جەسەت ساندۇغىمۇ ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، بۇ ئارخېئولوگىيە تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان ، ئىلگىرى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئەھۋال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . دەپنە قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا ، جەسەتلەرنىڭ ھەممىسى پۇت - قوللىرى تۈزلەپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان ، ئاز ساندىكى ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ ، كۈلى خالتا ياكى كىچىك جەسەت ساندۇقىغا سېلىنىپ ، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ يېنىغا قويۇلغان . مۇتلەق كۆپ ساندىكى قەبرىلەر ئوغرىلىنىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ، شۇنداقتىمۇ قېزىۋېلىنغان بويۇملار ناھايىتى كۆپ . ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىگە ئىشلىتىلگەن يىپەك ، پاختا ، كەندىر ، يۇڭ توقۇلمىلار بار بولۇپ يىپەك توقۇلمىلاردىن توقۇلغان كىمخاپ ، دارايى ، گۈللۈك دۇردۇن ، نېپىز شايى ، ﻫېلىلە قىسىش تاختىسى بىلەن گۈل بېسىلغان گۈللۈك يىپەك توقۇلمىلار بار .يەنە ھەر خىل يىپەك ھەم گۈللۈك توقۇلما كەشلەرمۇ بايقالغان . ئۇندىن باشقا يەنە نەچچە مىڭ پارچە ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسى ھۆججەت ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ساپال بويۇملار ، ياغاچ بويۇملار ، يىمەك - ئىچمەككە ئىشلىتىلىدىغان جۇۋاۋا ، ئۈگرە ، پىرەنىك سېلىنغان ھىجىر ، تاۋاق ، كومزەك ، لاي ھەيكەل ، ياغاچ ئويما ھەيكەللەرمۇ بار بولۇپ ، شۇ دەۋر مەدىنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان . قېزىۋېلىنغان بۇ مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى غۇزلار ، ﻫونلار ، تۈركلەر ، قاڭقىللار قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماتىرىياللارنىڭ بىرى . ئۇلار قوچونىڭ ئۈچىنچى ئەسىردىن سەككىزىنچى ئەسىرگىچە ۋاقىتتا بولغان سىياسىي ، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ، مىللەتلىرى ، مەدىنىيىتى ھەمدە ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم يىپ ئۇچى بولغان . مەزكۇر قەبرىستانلىق 1988 - يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن . ئاستانە قەبرىستانلىق ئادەتتە بىر پۈتۈن قەبرىستانلىق بولۇپ ، كېيىنكى دەۋرلەردە قوچو قەدىمكى شەھىرى خاراپلاشقاندىن كېيىن قەبرىستانلىقنىڭ ئوتۇرىسىغا ئۆي سېلىنىپ ، يول ياسىلىپ ، بىنەم ئېچىلىپ يەر تېرىلغان . شۇنىڭ بىلەن قەبرىستانلىق ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن . تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|
------分隔线----------------------------