باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى (2)

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28 16:46 مەنبەسى: ئاپتورى: قاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى (2) سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى سىڭگى
تەلەي +1

             تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى (2)
  سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى تۇرپان شەھىرىنىڭ سىڭگىم يېزىسى تەۋەسىدىكى سىڭگىم ئېغىزى تاشيول چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ غەربىي - جەنۇبىي تەرىپىگە تەخمىنەن 700 مېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. بۇ يەر شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 33 مىنۇت 50 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 55 مىنۇتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 60 مېتىر ئېگىز.
بۇددا ئىبادەتخانىسى يالقۇنتاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي يانتۇلۇقىدىكى بىر پارچە تۈزگە بىنا قىلىنغان. شىمالىي تەرىپى تاغقا يۈزلەنگەن بولۇپ، مۇرتۇق دەرياسىغا قاراپ تۇرىدۇ. قۇرۇلۇش كۆلىمى ئىبادەتخانا (1)دىن كىچىكرەك.
سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 2500 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
ئارخېلوئوگىيە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سىستېمىسى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، تاشكېمىر ئىبادەتخانىسى دەپ بېكىتىلدى.
سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس. پۈتكۈل ئىبادەتخانا ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېنىق پەرق قىلغىلى بولىدۇ. ئىبادەتخانا ئىچىدىكى چوڭ تىلاۋەتخانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 18.4 مېتىر كېلىدۇ. كەڭلىكى 14.5 مېتىر كېلىدۇ. ھويلا ئىچىدە جەنۇبتىن شىمالغا قارىتىپ ياسالغان ئۆيلەردىن بىر نەچچىسى بار. ھويلا ئىشىكى غەربكە قارىتىپ ئېچىلغان. ئۇدۇلدىكى زالنىڭ سول تەرىپىدە ئۈچ ئېغىز موڭغۇل قۇببىسى شەكلىدە ياسالغان ئۆي بار. بۇلارنىڭ ئىككىسىدە تۇرخۇن بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئېغىز كېمىر ئۆي شەكلىدە ياسالغان ئۆي بار، بۇ ئۇينىڭ تورۇسى يۇمىلاق. پۈتكۈل ئۆي خارابىلىرىنىڭ ھەممىسى كېسەكتە ياسالغان. سىرتقى تامنىڭ قېلىنلىقى 1.2 مېتىر، ئۇدۇلدىكى زالنىڭ تاملىرىنىڭ قېلىنلىقى 1.4 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ ئېگىز يېرى 7 مېتىر كېلىدۇ.
سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن يۇڭ ۋە پاختا توقۇلما بۇيۇم پارچىلىرى قاتارلىق مەدەنىيەت بۇيۇملىرى تېپىلدى.
يۇڭ - پاختا توقۇلما بۇيۇمى (ئۈچ بۇرجەكلىك شەكىلدە) قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەۋرىشكىلىرى يىغىۋېلىنغان. بۇ بۇيۇمنىڭ بەل قىسمى ئۇزۇنلۇقى 0.34 مېتىر، تېگى تەرىپى ئۇزۇنلۇقى 0.53 مېتىر، بۇرجىكى ئەگمە شەكىلدە، ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەن. ئىچىگە بىر نەرسە قويۇپ ئىشلەتكەنلىكى ئېھتىمال، سىرتى كۆك رەڭدە، توقۇلۇشى ئاستى - ئۈستىگە تەكشى يوللۇق، كۆپ قىسمى يامالغان.
بۇ يەردىن تېپىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قۇرۇلۇش گەۋدىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، تەھلىل - تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسىنىڭ ۋاقتى ئىدىقۇت ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى خانلىقى دەۋرىدىن تارتىپ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە دەپ بېكىتىلدى.

                                                                  ================================
                      مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

قاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى (2) [ 2012-09-28 16:46:03 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددىم ئىبادەتخانىسى (1) [ 2012-09-28 16:44:13 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى _ ئالپ ئارتۇ [ 2012-09-28 16:12:13 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھارۋىچىلىقى [ 2012-09-28 16:09:43 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] مەھمۇت مۇھىتى [ 2012-09-28 16:00:18 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] مۇسۇلمانلارنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتىنى كىم بىلىدۇ؟ [ 2012-09-28 15:57:01 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقى [ 2012-09-27 18:50:23 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
قاش تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-09-27 16:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-28 16:09
تەۋسىيەلەر