باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

تۇرپاندىكى پاقىلىق ئانىجان خوجام مازىرى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28 16:51 مەنبەسى: ئاپتورى: قاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
تۇرپاندىكى پاقىلىق ئانىجان خوجام مازىرى ئانىجان خوجام مازىرى تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە تەخمىنەن
تەلەي +1

                            تۇرپاندىكى پاقىلىق ئانىجان خوجام مازىرى
         ئانىجان خوجام مازىرى تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل يېزىسىنىڭ شەرقىي شىمالىي تەرىپىگە تەخمىنەن 3 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەر شەرقىي مېردىئان 89 گرادۇس 5 مىنۇت 18 سېكۇنت، شىمالىي پاراللېل 42 گرادۇس 5 مىنۇت 47 سېكۇنتتا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 87.05 مېتىر تۆۋەن.
مازارگاھلىق كەڭ كەتكەن سايلىققا ئورۇنلاشقان. شەرقىي تەرىپى 500 مېتىر كېلىدىغان يەردە بىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار. بىر يېزا يولى غەربىي تەرىپىدىن ئۆتىدۇ. ئالدى تەرەپتە بىر قۇرۇق ئېرىق بار. قەدىمىي شەھەر خارابىلىكىنىڭ ئوڭ قېتىدا ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقى بار.
ئانىجان خوجام مازىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 847 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
ئانىجان خوجام مازىرىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالى، ئاساسلىق قۇرۇلۇش گەۋدىسى خېلى ياخشى ساقلانغان. ئالدى تەرەپتىكى قوشۇمچە قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆرۈلۈپ كەتكەن. بۇ مازارگاھلىق غەربتىن شەرققە يۈزلەندۈرۈلۈپ جايلاشتۇرۇلغان. شەرقتىن غەربكە 38.5 مېتىر كېلىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا 22 مېتىر كېلىدۇ. يۇمىلاق تورۇسلۇق ئۆي ئىچىدە، ئوڭ ۋە سول تەرەپتە ئىككى ئېغىز سەل كىچىك يۇمىلاق تورۇسلۇق قىلىپ ياسالغان ئۆي بار. ئالدىنقى يېرىمى ئۆي، ئالدى تەرەپتىكى ئۆيلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن قەبرە قويۇلغان ئۆيگە كىرىدۇ. قورۇلۇشلىرى سەل يىرىك. ئاساسلىق قەبرە ئۆيى ۋە جەنۇبىي تەرەپلىرىدە ھەممىسىلا ھازىرقى زاماندىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد پائالىيىتى داۋامىدا قالدۇرۇپ كەتكەن داكا قاتارلىق بۇيۇملار بار. ھەر خىل يېمەكلىك ۋە يوغان مۈڭگۈزلۈك قوي بېشى قاتارلىق بۇيۇملارمۇ بار.
مازارگاھلىقنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەدەنىيەت قالدۇقلىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جانان چىنە چاقچۇقلىرى بار.
مازارگاھلىقتىكى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جانان چىنىدىن بىر دانىسى ئەۋرىشكە ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان.
مازارگاھلىقنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش داۋامىدا، مازارگاھلىقنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ⅩⅣ - ⅪⅩ ئەسىرلەرگىچە داۋاملىق قۇرۇلغان، كېڭەيتىلگەن ۋە ئىشلىتىلگەن دەپ قارالماقتا.

                                                       ================================
                          مەنبە: «تۇرپان ئاسارەئەتىقىلىرى»، ئابلىم قېيۇم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

更多

قاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى پاقىلىق ئانىجان خوجام مازىرى [ 2012-09-28 16:51:45 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] تۇرپاندىكى خېزىر خوجا مازىرى [ 2012-09-28 16:50:25 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى دىنىي خارابىسى [ 2012-09-28 16:48:59 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى مىڭئۆيى [ 2012-09-28 16:47:30 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددا ئىبادەتخانىسى (2) [ 2012-09-28 16:46:03 ]
[تارىخى بىلىملەر] تۇرپاندىكى سىڭگىم ئېغىزى بۇددىم ئىبادەتخانىسى (1) [ 2012-09-28 16:44:13 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى _ ئالپ ئارتۇ [ 2012-09-28 16:12:13 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھارۋىچىلىقى [ 2012-09-28 16:09:43 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] مەھمۇت مۇھىتى [ 2012-09-28 16:00:18 ]
[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] مۇسۇلمانلارنىڭ 10 چوڭ كەشپىياتىنى كىم بىلىدۇ؟ [ 2012-09-28 15:57:01 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
قاش تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2012-09-27 16:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-09-28 16:09
تەۋسىيەلەر