1. بىمار:
-مەن كەچ ۋاقتى بېشىم ئاغرىپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
دورىگەر:
-ئەمىسە باش ئاغرىقى دورىسى يەپ يېتىڭ.
بىمار:
-لىكىن ئۇنى يىسەم ئاشقازىنىم ئاغرىپ ياتالمايدىكەنمەن.
دورىگەر:
-ئەمىسە ئاشقازان دورىسىنىمۇ قوشۇپ يەڭ.
بىمار:
-ئۇنى يىسەم قورسىقىم ئېچىپ ئۇخلىيالمايدىكەنمەن.
دورىگەر:
-ئۇنداق بولسا تاماق يىسىڭىز بولمىدىمۇ؟
بىمار:
-كەچلىكى تاماقنى جىق يەۋاسام قان بېسىمىم ئۆرلەپ يەنە بېشىم ئاغرىپ كېتىدۇ.
دورىگەر:
-ئۇنداقتا قان بېسىم دورىسىمۇ قوشۇپ يەڭ.
بىمار:
-بىرمۇنچە دورىنى بىللە يەۋالسام قورسىقىم غولدۇرلاپ باشقىلارنى ئۇخلىغىلى قويمايدىكەنمەن.
دورىگەر:
-ئەمىسە ئايرىم ئۆيگە چىقىپ يالغۇز ياتسىڭىز بولمىدىمۇ؟
بىمار:
-بولمايدۇ، يالغۇز ياتالمايمەن يالغۇزلۇقتىن قورقۇش كېسىلىم بار.
دورىگەر:
-ئۇف، دورا يەپ داۋالىنىمەن دېمەي ئۆلۈپلا كېتە بولدى. ھەممە كېسەلدىن بىراقلا قۇتۇلىسەن.
بىمار:
-شۇ مەن قاچان ئۆلۈپ كىتەرمەن دېگەننى تولا ئويلاپ بېشىم ئاغرىيدىغان تۇرسا...
S.D
*****************************************
2. ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇستا چىرايلىق بىر قىز بىلەن سەپەرداش بولۇپ قالدىم، پاراڭلىشىپ مەنزىلگە ئاز قالغاندا قىزنىڭ ئىسمىنى سورۇدۇم، قىز:
-مەن باشقىلارغا ئىسمىمنى دەپ بىرىشتىن قورقىمەن، بۇرۇن بىر قېتىم بۇرنۇمغا يەپ تويغان،-دېدى.
مەن كۈلۈپ:
-نىمىش بولغانتى؟
قىز:
-دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن، ھازىرقى يىگىتىم بىلەن مەكتەپتىكى چاغدا تونۇشقان، بىر مەزگىل ئارلاشقاندىن كېيىن سوقۇشۇپ قېلىپ ئايرىلىپ كەتتۇق، كېيىن ھەدەمنىڭ مەھەللىسىدىكى تەقى تۇرقى، چىرايى سىزگىلا ئوخشايدىغان بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ...
مەن:
-ھى ھى ھى، ماڭا ئوخشامدىكەن؟ كېيىن قانداق بولدى؟
قىز:
-شۇنىڭغا تېلېفون نومۇرۇمنى، ئىسمىمنى دەپ بەرگەن، بىر ئايدىن كېيىن يىگىتىم كەچۈرۈم سوراپ يارىشىپ قالدۇق، مەكتەپ پۈتتۈردۇق، توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ بولغاندا يىگىتىم سودا ئىشى بىلەن ئىچكىرگە كىرىپ كەتكەن، شۇ يەردە ھېلىقى سىزگە ئوخشايدىغان يىگىت بىلەن سورۇندا ئولتۇرۇپ قاپتۇ، مۇشۇنداق بىرسى بىلەن توي قىلىمەن دېسە پالانى يۇرتتىنمۇ، تېلېفون نومۇرى مانچىمۇ دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى شۇ يەردىلا ئۇرۇشۇپ كىتىپتۇ.
مەن:
-ھا ھا ھا، ما جاھاننىڭ تارلىقىنى، كېيىن قانداق بولدى؟
قىز:
-قانداق بولاتتى، يىگىتىم ھېلىقى سىزگىلا ئوخشايدىغان بالىغا پىچاق تىقىۋېتىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، بۈگۈن چىقاتتى، بەلكىم شۇ تاپتا بىكەتتە مىنى ساقلاۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
ھە ...شوپۇر ئۇستام، ماشىنىنى توختۇتۇڭ، مەن چۈشىمەن ...
ھەي، يېرىم يولدا ماشىنىدىن چۈشۈپ قېلىپ پىيادە نىكەمدە بارامەن ئۇ يەرگە؟
ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S.D
*****************************************
3. ئايالىم تېلېفون قىلىپ:
-ئۆپكە-زاسۈي ئالغاچ كىلىڭ، كەچتە ئۆپكە قويۇپ بېرەي،-دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشتىن چۈشۈپلا قاسساپنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆپكە-زاسۈي ئېلىپ ئالدىراش كىتىۋاتسام، بىر ئايال ئۇدۇل كىلىپ سۇقۇلدى-دە:
«كىيمىمگە پوق سۈركەپ قويدۇڭ، تۆلە» دەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كەتتى، غەزەپتىن تىترەپ كىتىۋاتاتتىم، ئاچچىقىمدا بىر چاچلىشىپ كىتەي دەپ تۇرسام يولنىڭ قىرىغا توختۇتۇپ قويغان يېپيېڭى بىر تۇلپار ماركىلىق پىكاپتىن بىر ئاداش چۈشۈپ:
-ئاداش، ئۆپكەڭلىنى بېسىۋېلىڭلا،-دەپ يېڭىمدىن تارتتى.
ئاچچىقىم كەپ تۇرسىمۇ خەق ئۇنداق دەۋاتقاندىكىن خەر بوپتۇ دەپ قولۇمدىكى ئۆپكە زاسۈينى ماشىنىنىڭ ئۇچۇق دېرىزىسىدىن ئارقا ئۇرۇندۇققا تاشلىدىمدە ئالدىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئەمدى تاماكا تۇتاشتۇراي دەپ تۇرسام ماشىنىنىڭ ئىگىسى ياقامدىن سۆرەپلا ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ:
-ساراڭمۇ سەن يېپيېڭى پاكىز ماشىنىغا پوق قانلارنى سۇۋاپ قويدۇڭغۇ؟-دېدى.
مەن خىجىل بولۇپ:
-ئاداش خاپا بولماڭلا، ئاچچىقىمدا دىققەت قىلماپتىمەن، دېسەم:
-خۇددى ئۆزەڭنىڭ ماشىنىسىدەك پوقلىرىڭنى بېسىپ قويۇپ چىقىپ كىرىلىپ ئولتۇرۇشۇڭ نىمىدىن؟-دىدى.
مەن ھەيران بولۇپ:
-ئۆزەڭلا ئۆپكەڭنى بېسىۋال دېدىڭلىغۇ، ئالدىراشچىلىقتا ماشىنىنىڭ ئىچىگىلا بېسىپتىمەن ...
ماشىنىنىڭ ئىگىسى:
-ھېي دەلتە، گەپ چۈشىنەمسەن يا؟ مەن سىنى ئاشۇ پوق ئۈچەيلىرىڭنى ماشىنامغا بېسىۋال دېدىمما، تۆلە گۇي،-دەپ ياقامدىن ئالدى، مىڭ تەستە قولىنى بوشۇتۇپ ئۆپكە زاسۈيلىرىمنىمۇ ئالماي ئاران قېچىپ قۇتۇلدۇم.
ئۆزى گەپنى ئۇچۇق قىلماي؟ ئۆپكەڭنى بېسىۋال دېسە مەن تېخى ئۆپكە-زاسۈيلىرىمنى ماشىنىسىغا بېسىپ ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ...
ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S .D
-سادىر يۇمۇرلىرى.