ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
سەۋر-تاقەت يېتىلدۈرۈش ئۇسۇللىرى
ساقال ئالغۇچنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەينەككە قاراپ ساقالنىڭ ئۆسۈشىنى كۈتۈش.
كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چېچىنى بىر قېتىم تولۇق ساناپ چىقىش.
30 يىل بۇرۇنقى گېزىتلەرنى تېپىپ،ئۇنىڭدىكى ئىملا خاتالىقىنى تېپىش چىقىش.
قېنىڭىزنى شوراۋاتقان پاشىغا بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى توغرىسىدا تەربىيە بېرىش.
بۇزۇلۇپ قالغان كومپيۇتېرنى توكقا چېتىپ، قوزغىلىشنى ساقلاش.
گىژىلداپ تۇرغان تېلېۋىزور ئېكراندىكى ئاق-قارا چېكىتلەرنى بىر بىرلەپ ساناش.
توردا كىنو كۆرۈش ئالدىدا ئېلانلار نى تولۇق كۆرۈۋېتىش.
ئەتىگەندە ئايالىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ، كەچ بولغىچە تەنقىد ئاڭلاپ ئولتۇرۇش.
توپقا قىزىقمايدىغان بىرى بىلەن دۇنيا لوڭقسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش.
كاج ئادەمگە ئىشنىڭ جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈش.