باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئورۇقنىڭ دەردى

مەنبە :       يوللىغۇچى : BAXLAN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-11 12:00:38

‹‹ئورۇقنىڭ دەردى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

/

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى: 

كىشىلەر قانداق قىلسا  ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ،  شۇڭا ئورۇقلاشنىڭ ئۇسۇللىرى، رېتسىپلىرىنى تېپىش ئانچىمۇ تەس ئەمەس، ھەتتا كۈچلۈك ئىرادە بولسىلا مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بىراق قانداق قىلغاندا سەمىرگىلى بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپمۇ قويۇلمايدۇ، بۇ دەل يىللاردىن بۇيان مېنى ققيناۋاتقان مەسىلە. 

ئانامنىڭ ئېيتىشىچە،كىچىكىمدە سېمىز ھەم ئ‍وماقكەنمەنتۇق، لېكىن ئ‍ېسىمنى تولۇق بىلگەندىن تارتىپلا ئورۇقلاپ كەتتىم، دائىم سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە دوختۇرلار "بۇ بالىنىڭ ئورۇقلىقىنى  ھېسابقا ئالمىغاندا ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ياخشى" دەپ كۈلۈشەكەندە تېنىم شۈركۈنۈپ كېتەتتى.

بالىلار باغچىسىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئاشپەز مېنى كۆرۈپلا تەبىئىي ھالدا تاماقنى باشقىلاردىن ئ‍از بېرەتتى، قىزلار يېنىمغا كېلىپ "قورقما،  سېنى قوغدايمەن" دەيتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا مەكتەپنىڭ ھەر قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مۇئەللىمىم ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ مېنى سەپنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا قوياتتى. ئ‍وتتورا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا بىر ئاغىنەمنى باشقىلار بوزەك قىلدى، ئاچچىقىمدا مەيدەمنى كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچى بولغاندا ئۇ ماڭا "كۆڭلۈڭ تېگىل بولدى، يارلىنىشىڭنى خالىمايمەن، مۇبادا يارىلىنىپ قىلساڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرارمەن؟" دېمەسمۇ، شۈكلىنىپلا كەتتىم. 

 بۇلارلا ئەمەس،ئورۇق بولغاچقا بەلبېغىمنى ئ‍ەڭ ئ‍ىچىدىكى ھالقىسىغا  ئېتىمەن،  ئ‍اياغنىڭمۇ كىچىك نومۇرلۇقىنى سېتىۋالىمەن، ئەلۋەتتە. بۇنىڭمۇ  ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار، مەن سوپۇن،يۇيۇنۇش سۇيۇقلىقى، رەخت قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى تېجەپ قالالايمەن. يەنە يەرشارىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان زېمىنىنى تېجەيمەن. ئەگەر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش ئورۇق بولغان بولسا، 13ئادەم كۆتۈرۈەلەيدىغان لېفىتقا 25ئادەم سىغقان بولاتتى، مەن يەنە تاماق تاللايدىغان ياش ئۆسمۈرلەرگە سەلبىي دەرسلىك بولالمايمەن،مەسىلەن يولداخكېتىۋاتقاندا ئانىلارنىڭ بالىلارغا مېنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ "تاماقنى جىق يىمسەڭ، ئاۋۇ ئاكاڭدەك ئاۋاق بولۇپ قالىسەن، ئۇ چاغدا قوتۇر ئىتلارمۇ سېنى بوزەك قىلىدۇ" دېگىنىنى ئاڭلاپ قالىمەن. 

ئاخشىمى كۆپرەك تاماق يىسە سەمىرگىلى بولىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندىن باشلاپ كۈنىگە تۆت ۋاخ تاماق يەيدىغان بولدۇم، ئەڭ ئاخىرىدا قورسىقىمغا ھېچنېمە سىغمىغاندا ئۈگرە ئىچىدىغان بولدۇم، ئانام ماڭا ھەرخىل تەمدىكى ئۈگرىلەرنى ئېتىپ بېرىپ ھېرىپ كەتتى. 

كۆپ ھەرىكەت قىلسا مۇسكۇلنى چوڭايتقىلى بولىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ھەر كۈنى كەچتە مەيداندا يۈگۈردۈم، بۇ جەرياندا ماڭا زىلۋا، گۈزەل قىزلار ئۇچرىماستىن، سېمىز ھەم سەت قىزدىن بىرى ئۇچرىدى ۋە ماڭا قىزغىن بولۇپ "يۈگۈرسە  ئورۇقلايدۇ،  دېگەن راست ئىكەن ھە"دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياتاققا قايتىپ ئاسمانغا قاراپ كۆز يېشى قىلدىم، ئارقىدىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم. 

 ئالىي مەكتەپتە بىر ساۋاقدىشىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، بىر كۈنى ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم ئولتۇرغېنىنى كۆرۈپ "يىغلۇغۇڭ بولسا ئاۋازىڭنى قويۇپ يىغلىغىن، مۈرەمنى ساڭا بېرىپ تۇراي دېدىم" ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈۋەتتى.  يۈرۈكۈم شۇ چاغدا پارە-پارە بولغاندەك بولۇپ كەتتى. كېيىن خىزمەتكە چىقىپ بىر لايىق تاپتىم، لايىقىم بىر كۈنى "بىللە لەگلەك ئۇچۇرۇپ كېلەيلى" دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم  دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇراتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى "سىزدەك ئورۇقلار بار يەردە لەگلەك ئ‍ۇچۇرۇشقا يىپ كەتمىگۈدەك"، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى.

 

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2