1.بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ئەڭ مۇھىم ! لەمبورگىنى بولسا نېمە بوپتۇ؟ پەقەت نەچچە مىليونلۇق تۆمۈر ماشىنا خالاس، بالىلارنىڭ ماشىنىنى ئورىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا چىقارتىپ قويدۇم، پەقەت ئۇلار خۇشال بولسىلا مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى...
بالىلارنىڭ خۇشال-خۇرام سەكرەپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مەن مەمنۇنلۇق ئىلكىدە كېتىپ قالدىم، بەرىبىر بۇ بالىلارمۇ، ماشىنىمۇ مېنىڭ بولمىغاندىكىن.
2.سوتچى ئالىيلىرى، مەن راستتىنلا ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، مەن ئۇنى كۆمگەن چاغدا ئۇ تېخى ھايات ئىدى !
3.ئۆيدىكىلەر تونۇشتۇرغان قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا بېرىپ تازا چىقىشىپ قىززىق مۇڭدىشىۋاتقان چاغدا ئۈچ ياشلار چامىسىدىكى بىر كىچىك قىزچاق يېنىمغا كېلىپلا مېنى «دادا» دەپ توۋلىغانىدى، پۈتكۈل بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ تېزدىنلا قارشى تەرەپكە «ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئەمەس ! بۇ مېنىڭ قىزىم ئەمەس، مېنىڭ بالام يوق، ماڭا ئىشىنىڭ !» دېسەم ئۇ ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن ماڭا :
-بىلىمەن، بۇ مېنىڭ قىزىم.
4. قىز يىگىتكە :
-ئايرىلىپ كېتەيلى.
-بولىدۇ، ئەمىسە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم بولسىمۇ قول تۇتۇشۇۋالايلى...
قىز ماقۇل بولدى، بۇ چاغدا يىگىت قىزغا :
-ناۋادا قولۇمدىن قولىڭىزنى تارتىپ چىقىرالىسىڭىز مەن ئايرىلىپ كېتىشكە قوشۇلىمەن...
قىز پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرى قولىنى يىگىتنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقىرىۋالدى، شۇن ھامان يىگىت كەينىگە ئۆرۈلۈپلا چوڭ-چوڭ قەدەم بىلەن كەينىگىمۇ قارىماستىن كېتىپ قالدى، بۇ چاغدا قىز توساتتىن بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ يۇقىرى ئاۋازدا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاشقا باشلىدى، چۈنكى باياتىندىن بېرى يىگىت قىزغا سوۋغا قىلغان ئۈزۈكىنى قىزنىڭ قولىدىن ئېلىۋېلىپ قاچقانىدى...
5.دادىسى بالىسىغا :
-ئوغلۇم، مەكتەپتە گەپ ئاڭلاۋاتامسەن؟
-مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى نېمە دېسە شۇنى قىلىۋاتىمەن
-شۇنداقمۇ؟ مۇئەللىمىڭلار نېمە قىل دېگەنىدى؟
-كۆزۈمدىن يوقال دېگەنتى