شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ كىتابقا ئوخشايدۇ ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاندىلا ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولىدۇ؛
ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ بىر تەڭلىمە، ئۇنى ھاياتنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا يەشكىلى بولىدۇ؛
فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ بىر ماگنىت، ئۆزئارا تارتىشىدۇ ھەم تېپىشىدۇ ھەم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛
خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ ئالاھىدە كاتالىزاتور قوشۇپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدىغان رېئاكسىيە؛
سىياسەت ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ زىدىيەتلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئىناق تەرەققىياتىغا ئىنتىلىش جەريانىدۇر؛ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ باشلىنىش ۋاقتى ئېنىق، ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى بېكىتىش تەس بولغان مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدۇر؛
ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ ئۆتكەن زاماننىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى زامانغا ئۈزلۈكسىز ئالمىشىش جەريانىدۇر؛
كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ ئەر خوتۇندىن ئىبارەت ئىككى ئاساسلىق قىسىمىدىن قۇراشتۇرۇلغان كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ، ئۆمرىنى بۇ ئىككى ئاساسلىق قىسىمنىڭ سۈپىتى بەلگىلەيدۇ؛
جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ ئەر خوتۇن ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يامىشىدىغان ئېگىز تاغدۇر؛
گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ ئەر خوتۇن ۋە پەرزەنتلەر بىرلىكتە سىزىپ چىققان زامانىۋى رەسىمدۇر؛مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ ئەر خوتۇن بىرلىكتە ئورۇنلىغان سىمفونىيە؛
بىئولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى: نىكاھ بىر ماددا ئالمىشىش جەريانىدۇر.