باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن بۇگۈن:5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چارشەنبە
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز ! (12)

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-07-25 00:07:53

‹‹يىغلاپ تۇغۇلغان، كۈلۈپ ياشايمىز ! (12)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

1. گۈلمىرە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن چوقۇم قاپقاراڭغۇ، كىچىك تار كوچىدىن ئۆتۈشى كېرەككەندە، بۇ تار كوچىدىن ئۆزى يالغۇز ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئارقىسىغا بىر ئەرنىڭ ئەگىشىۋالغىنىنى ھېس قىلىپ شۇ ھامان يۈگۈرگىنىچە تار كوچىدىن چىقىپتۇ، لېكىن قارىسا ھېلىقى ئەر يەنىلا كەينىدە تۇرغۇدەك، بۇ چاغدا گۈلمىرە يېڭىنى تۈرۈۋېتىپ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ :

-نېمىشقا ئارقامدىن ئەگىشىۋالىسە؟ نېمە مەقسىتىڭ بار؟-دېسە، گۈلمىرەنىڭ كەينىگە ئەگىشىۋالغان ئابلېكىم تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرۇپ :

-ئاچا...مەن قاراڭغۇدىن قورقاتتىم...

2. ئىككى يېقىن دوستلار مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇپ كەلگۈسى يولدىشى توغرۇلۇق سۆزلىشىپ قاپتۇ :

-مەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ تازا قەددىي-قامەتلىك، كېلىشكەن يىگىت بىلەن توي قىلمىسام بولمايدۇ-دېسە يەنە بىرى :

-لېكىن كېلىشكەن يىگىتلەرمۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى دەپ سەن بىلەن توي قىلىشقا پېتىنالمايدۇ...


3. بۈگۈن مەكتەپ دەرۋازىسىغا قارايدىغان بوۋاينىڭ يېنىدا ئۈندىدار ئويناۋاتسام، بوۋاي مەندىن نېمىش قىۋاتقانلىقىمنى سورىۋىدى :

-ئۈندىدار ئويناۋاتىمەن،

-ئۈندىدار دېگەن نېمىش قىلىدىغان نەرسە ؟

-يۇقىى پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى، قىزۋالا كەلتۈرىدىغان نەرسە،

-ئەمىسە كەلتۈرەلىدىڭمۇ؟

-ئوينىغىلى بىر يىل بولدى، تېخى بىرنىمۇ كەلتۈرەلمىدىم...

-يۇقىرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلىنىڭمۇ كارايىتى چاغلىق ئىكەن، مەن چېغىمدا خەلق مەيدانىدا ئۇسسۇل ئويناپ ئىككىنى كەلتۈرۈپ بولدۇم-دېمەسما...ما گېپى يۈرۈكۈمگە تەگدى

4. مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئايالىم ماڭا ئايالچە ئەتتىر سوۋغا قىلدى، ئەلۋەتتە، نەتىجىدە بۇ ئەتتىرنى ئۆزى ئىشلەتتى(ۋەھشىي كاللا ئويناتقاندە). شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان ساقال ئالغۇچ سوۋغا قىلدىم، نەتىجىدە قېيىنئاتامنىڭ بىر ساقال ئالغۇچى كۆپىيىپ قالدى...


5. شاسىڭ بىلەن جۇباجى ئىككەيلەن ساھىبجاماللار دۆلىتىدە ئارىشاڭغا چۈشكەش مۇڭدىشىپ قاپتۇ، شاسىڭ كۆينىكىنى سېلىپ بەدىنىدىكى چەكمىسىنى جۇباجىغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ :

-مەن ئەينى ۋاقىتتا بىر راھىبنى ئۆلتۈرۈپ يېگەندە بىر ئىسكىلىتنىڭ بېشىنى چېكىپ كەلدىم-دەپ توققۇز ئىسكىلىتنىڭ بېشى بەەن چەكمىسىنى كۆز-كۆز قىپتۇ.

بۇ چاغدا جۇباجىمۇ بوش كەلمەي، مەنسىتمىگەن ھالدا مىيىقىدا كۈلۈپ تۇرۇپ :

-سېنىڭ نېمىتى، ئەينى ۋاقىتتا غوجا ئاكاڭمۇ بەدىنىگە خەت چېكىۋالغان جۇما !-دېگىنىچە كۆينىكىنى سېلىپ بەدىنىدىكى «لاياقەتلىك مەھسۇلات» دېگەن خەتنى كۆرسىتىپتۇ...

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2