شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:
سېمىزلىكمۇ كۈلكە ئوزۇقى
باشقىلار بەدەن گۈزەللىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئىشتان پايپاق كىيسە، سېمىزلەر شۇ ئىشتان پايپاقنىڭ سۈپىتىنى سىنايدۇ.
ئاشىق-مەشۇقلار كىيىمنىڭ چوڭ نۇمۇرىنى كۆپ سېتىۋالدىم، قىز دوستۇم ئايالچىسىنى ھەر ۋاقىت كىيەلەيدۇ، بىراق ئەرەنچىسىنى سەل سەمىرگەندىكىن كېلىشىمگە توغرا كېلىدۇ.
زىيادە سېمىزلىكنى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق، دەپ ئاڭلىدىم. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، سېمىزلەر ياخشى يېمەكلىكنى قەيەرگە قويۇپ قويغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
ئەر: بىرئاز ئورۇقلىسىڭىز بولمامدۇ، سىزنى كۆتۈرەلمەيلا قېلىۋاتىمەن!
ئايال: نېمە ئۈچۈن مەنلا ئورۇقلىغۇدەكمەن، ئېغىرلىق كۆتۈرۈشنى ئۆگەنسىڭىزلا بولمىدىمۇ؟
ناھايىتى سېمىز بىر دوستۇم كېچىسى قوشۇمچە تاكسى ھەيدەيدۇ، بىر كۈنى كەچتە يولۇچىنى مەنزىلگە ئاپارغاندىن كېيىن، يولۇچى پىكىر دەپتىرىگە: سېمىزلەر تاكسى ھەيدىسە بولىدۇ، بىراق پىكاپنىڭ بېسىمى بەكلا ئېشىپ كەتكەچكە، ماي سەرپىياتى ئېشىپ،كىرا كۆپ چىقىپ كەتتى، دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
مۇئەللىم: سېمىزلىكنى قانداق تەسۋىرلەيمىز؟
ئوقۇغۇچى: تۇرسا باشقىلاردىن كەڭ، يايسا باشقىلاردىن قېلىن.
ئوغلۇم بەك سېمىز بولغاچقا، ئۇنىڭغا كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ ئىككى پۇتىنى ۋېلىسپىت مىنگەندەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويدۇم. بىر كۈنى ئوغلۇمنىڭ كارىۋاتتا ئوڭدىسىغا قاراپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ، «ھېرىپ كېتىپ ياتتىڭمۇ؟»دەپ سورىسام، ئۇ كۆزىنى توغرىسىنى ئۈزمەي «ياق، خالاستايغا كەلدىم» دەپ جاۋاب بەردى.