ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
كۈتكۈچى: يىگىت كېلىشىگە قىز دەرھال ئورۇندىن تۇرۇپ سوراپتۇ:- ياخشىمۇسىز، ئەپەندى سىلەر قانچە؟
قاتناش ساقچىسى: يىگىت سورۇندىن چىقىپلا قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىپتۇ، قىز يىگىتنىڭ ئازراق ئىچىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىپ:- ئەپەندىم، ناۋادا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسىڭىز پراۋىڭىزنى ئۈچ ئايلىق ۋاقىت تۇتۇپ تۇرىمەن دەپتۇ.
ئايرو خانقىز. يىگىت كىرىپ ئەمدىلا ئولتۇرۇشىغا، قىز دەپتۇ:-ئەپەندى، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋىلىڭ، قىممەت باھالىق نەرسىلىرىڭىزنى مۇۋاپىق جايغا قويۇڭ، بىرئازدىن كېيىن ئۇچىمىز.
بالىلار باغچىسىنىڭ مۇئەللىمى: يىگىت بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكچى بولغاندا قىز:- بىر، ئىككى، ئۈچ، ئورنىڭىزدا ئولتۇرۇڭ، ئۈچ، ئىككى، بىر گەپ قىلماڭ.
مال ساتقۇچى: يىگىت قىزنىڭ قولىنى تۇتقاندا،قىز ئوڭايسىزلانغان ھالدا:- سىز ناھايىتى تەلەيلىككەنسىز، سۈپىتى ئەڭ ياخشى ئىشەنچىلىك قىزغا ئېرىشتىڭىز، شۇنى ھۆددە قىلىمىزكى، كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا بىرىنىڭ ئورنىغا ئۇنى قايتۇرۇلىدۇ.