-ھەدە، سىز ئۇچرىشىشقا كەلدىڭىزمۇ؟-سورىۋىدى، گۈلمىرە ياق دەپ جاۋاب بەردى، بۇ چاغدا شاكىچىك سىرتتىكى كېلىشكەن بىر ئاكاشقا ۋارقىرىدى :
-ئاكا كىرىۋېرىڭ بولدى ! ئۇچرىشىشقا كەلگەن ھەدەش بۇ ئەمەسكەن...
2. قاتناش ساقچىسى خەلق مەيدانىدىكى يول بۆلىكىدە ھاراقتىن كېيىن ماشىنا ھەيدەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى، ھاراق ئىىچىۋالغان بىر ئاداشنىڭ ماشىنىسىنى ساقچى توسۇۋالدى-دە، ساقچى ئەمدى ئۆلچەي دەپ تۇرۇشىغا بۇ ئاداشمۇ ئەقىللىقكەن، يۈگۈرۈپلا خەلق مەيدانىدا كوللىكتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ ئۇسسۇل ئويناشقا باشلىدى، قاتناش ساقچىسىمۇ كەينىدىن بېرىپلا بۇ ئاداشنىڭ مەستىكىدىن پۇتلىرى قاملاشمايۋاتقانلىقىدىنلا تونۇۋالدى-دە نەق مەيداندا قولغا ئالدى، بۇ چاغدا بىر چەتتە بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىككى بوۋاي بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىشكن ھالا بىر-بىرىگە :
-ۋاي ئانىمەي ! ئۇسسۇل ئوينىيالمىسىمۇ ساقچى تۇتۇپ كېتىدىكە ھازىر...ياخشى ئوينا، ياخشى ئوينا !-دېيىشتى...
3. خوجايىن نەچچە كۈن بۇرۇن ماڭا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر ئاشخانىغا ئاپىرىپ مېھمان قىلدىم، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن مەن يۇقىرى ئاۋازدا :
-خوجايىن ھېساب قىلىۋېتىڭ !-دەپ ۋارقىرىدىم، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ خوجايىن ھېسابات قىلىۋەتكىلى چىقىپ كەتتى...ئىككىنچى كۈنى مەن ئىشتىن بوشىتىلدىم...
4. ئايالى : ئېرىم، تېز كېلىڭە، مېنى بىراۋ ئۇرىمەن دەيدۇ !
يولدىشى : قايسى قاپ يۈرەككەن ئۇ، مەن ئۈچۈن قىساس ئېلىپ بېرىمەن دېگەن؟ بىر مېھمان قىلىۋەتمىسەم ئەر بولماي كېتەي !
5. مەن مەمەتجاندىن :
-ئاداش، ئايالىڭنى ئۇرۇپ باقتىڭمۇ؟
-ئۇرۇپ باقمىغان، لېكىن قول ياندۇرۇپ باققان...