ئەتراپىمىزدىكىلەرگە قاراپ باقماي، بالىلىرىمىزغا ئوخشاش ئىسىمنى قويىۋېرىدىكەنمىز. ھازىر كۆپ قويىلىدىغان ئىسىملاردىن ئابدۇللا ئىسىملىك بالىلار بىر قەدەر جىقراق. ئەمدىلا 4 يېرىم ياشقا كىرگەن ئوغلۇمنىڭ ئابدۇللا ئىسىملىك ئىككى دوستى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرسى چوڭ بىرسى كىچىك بولغاچقا، ئوغلۇم ئۇلارنى «چوڭ ئابدۇللا»، «كىچىك ئابدۇللا» دەپ چاقىراتتى. لېكىن يېقىندا ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىغا يەنە بىر ئابدۇللا ئىسىملىك بالا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تەڭ كۆچۈپ كەلدى. مانا ئەمدى ئوغلۇمنىڭ ئابدۇللا ئىسىملىك دوستىدىن ئۈچى بار بولدى. ئۈچىنچى ئابدۇللا ھەممىدىن كىچىك ئىدى، ئۇ تېخى يېڭىلا كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا پالانچى ئابدۇللا دەپ تېخى ئېنىق ئىسىم بېكىتىلمىگەن ئىدى.
ئۈلۈشكۈنكى بىر ۋەقە بىردە كۈلگۈمنى قسىتىسا، يەنە بىردە بالىلارنىڭ تەپەككۈر كۈچىنىڭ ئاجىيىپ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ قالدىم.
بالىلار دەرەخنىڭ تۈۋىدە ئويناۋاتاتتى. ئوغلۇم ئۈچىنچى ئابدۇللانى چاقارماقچى بولۇپ، «ئابدۇللا» دەپ چاقىردى، لېكىن قالغان ئىككى ئابدۇللا تەڭلا «ھە» دەپ جاۋاب بەردى. ئوغلۇم قاراپ بېقىپ، ئەڭ كىچىك بولغان ئۈچىنچى ئابدۇللانى چاقىرماقچى بولۇپ، «كىچىك ئابدۇللا» دەپ چاقىردى، لېكىن ئۈچىنچى ئابدۇللا ھە دېمەي، بۇرۇن «كىچىك ئابدۇللا» ئاتىلىپ كەلگەن چوڭىراق ئابدۇللا ھە دېدى، ئوغلۇم ئۇلارغا يالت قىلىپ قاراپ سىكونت ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، «تېخىمۇ كىچىك ئابدۇللا» دەپ چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۈچىنچى ئابدۇللا ھە دېدى.
بۇلارنى ئاڭلاپ، ئۆزەمنى ئاران تۇرۇپ بىر ياقتا كۈلۈپ تۇرسام، ئوغلۇم «ئاتا، نېمە بولدۇڭ؟ قورسىقىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟» دەيدۇ. ئاندىن تېخىمۇ بەك كۈلىۋەتتىم.