ھېسام ئاكا بىر كۈنى كونا بىر ۋەلىسپىتنى ساتقىلى ئېلىپ چىقىپتۇ. بۇ ۋەلىسپىت كونا بولغاندىمۇ ئىنتايىن كونا ئىكەن. بىردەمدىن كېيىن، ۋەلىسپىتكە بىر خېرىدار كېلىپ، ئۇيان ئۆرۈپ، بۇيان چۆرۈپ كۆرۈشكە باشلاپتۇ. ئاندىن ھېسام ئاكىغا:
-ھېسام ئاكا، ۋەلىسپىتىڭنىڭ ھەممىسى يېرى بولىدىكەن، لېكىن مۇشۇ قوڭغۇرىقى جىرىڭلىمايدىكەن، دەپتۇ.
ھېسام ئاكا:
- بۇ ۋەلىسپىنىڭ قوڭغىرىقى جىرىڭلىمىغان بىلەن، قالغان ھەممە يېرى جىرىڭلايدۇ،- دەپ جاۋابەن.