بىر ئورمانلىقنى ئوتتۇرىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر دەريا بار ئىكەن، دەريانىڭ بىر تەرىپىدە توشقان، يەنە بىر تەرىپىدە يولۋاس ياشايدىكەن.
توشقان بىر كۈنى ئەتتىگەندە دەريا بويىغا يۈزىنى يۇيغىلى چىقىپ يولۋاسنى چاقىرىپتۇ:
– ھەي يولۋاس! ھەي يولۋاس!
يولۋاس توشقاننىڭ چاقىرغىنىنى ئاڭلاپ دەريابويىچە چىقىپتۇ.
– ھە، نېمە دەيسەن؟ – دەپتۇ يولۋاس.
– سېنى يەۋىتەيمۇ – دەپتۇ توشقان.
يولۋاس ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا كىرىپ كېتىپتۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە توشقان يەنە شۇنداق قىپتۇ.يولۋاس نېمە قىلارىنى بىلمەي تازا ئاچچىغى كەپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى بۇ ئىش يەنەتەكرارلانغاندىن كېيىن يولۋاس زادى چىدىماي دەريانىڭ يۇقىرىسى تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. قارىسا ناھايىتى چوڭ بىر دەرەخ ئۆرۈلۈپ دەرياغا كۆۋرۈك بولۇپ قاپتۇ.يولۋاس ئۇ دەرەخكە يامىشىپ دەريادىن ئۆتۈپتۇ ۋە توشقاننىڭ ئۇۋىسىنىڭ كەينىگەمۆكۈنۈپ توشقاننىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ يېتىپتۇ. تۆتىنچى كۈنى ئەتتىگەندە توشقان يەنەدەريا بويىغا چىقىپ ئادىتى بويىچە يولۋاسنى مازاق قىلماقچى بولۇپ چاقىرىپتۇ:
– ھەي يولۋاس، ھەي يولۋاس!
يولۋاس ئاستا ئويغىنىپ توشقاننىڭ كەينىدىن كېلىپ مۈرىسىنى تۇتۇپ:
– ھە، نېمە دەيسەن، دەپتۇ.
ھودۇقۇپ كەتكەن توشقان دەرھاللا ئۆزىنى ئوڭشاپ:
– مېنى يەۋېتەمسەن؟ –دەپتۇ.