باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

سوغۇق بېكەتتىن يەكشەنبىلىك يۇمۇرلار

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:43:20

‹‹سوغۇق بېكەتتىن يەكشەنبىلىك يۇمۇرلار›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

1. مەن ئايالىمغا شۇنداق سادىق، ھەرقانچە چىرايلىق ناتونۇش ئايال بولسىمۇ قەتئىي قارىمايمەن.

-مۇشۇ سىنىڭ يولدا كىتىپ بارغان ئاياللارغا قالايمىقان سوقۇلغىنىڭنىڭ سەۋەبىما؟

-شۇ باشقا ئاياللارغا قارىمايمەن دەپ قارىماي مېڭىپ ئۈسىۋاپتىمەن.

-جەمئىيەت ئامانلىقىنى قالايمىقان قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن تۇتۇپ تۇرىلىسەن.

-مەن تۈزىتەي ساقچى ئەپەندىم، ئۇ ئاياللارنىڭ مىنى چۈشەنمەي تازا تىللىغىنى يەتمىگەندەك ئەمدى سىز تۇتىۋالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ مىنىڭ راستلا ئايالىمغا سادىق بولۇشتىن باشقا مەقسىدىم يوق.

مەتلىنىڭ دېگەنلىرى S .D 

*****************************************

2. ئەيسا مۇئەللىم:

-نىمىشقا تۇيۇقسىز كەسىپ ئۆزگەرتىپ رەسساملىقىنى ئۆگەنمەكچى بولۇپ قالدىڭ؟

قاۋۇل:

-كۆڭلۈمدىكى يۈكسەك ئارزۇيۇمغا يېتىش ئۈچۈن.

ئەيسا مۇئەللىم:

-ۋاھ، داڭلىق رەسسام بولۇپ بىر ئۇتۇق قازىناي دەپسەندە؟

قاۋۇل:

-مەن ئۇتۇق قازىنالماسلىقىم مۇمكىن، شۇڭا ئۇتۇق قازىنىشنىمۇ ئويلىشىپ باقمىدىم.

ئەيسا مۇئەللىم:

-ئەمىسە قايسى يۈكسەك ئارزۇيۇڭغا يەتمەكچى؟

قاۋۇل:

-رەسىمىنى سورىسام بەرمىگەن قىزلارنى ئۆزەم سىزىۋالايمىكىن دېگەن.

ئەيسا مۇئەللىم:

-چىقە سىنىپتىن ...S .D 

*****************************************

3. مەتلىنى يەنە خەق ئۇرىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ بارسام بىر قولۇپنىڭ زەنجىرىنى تۇتۇپ يېتىپتۇ. مەن كۆرۈشۈپ:

-يەنە نىمىش بولدى؟ سىنىلا ئۇرۇپ بوزەك قىلامدا بۇ گۇيلار؟-دەپ سورۇدۇم.

مەتلى:

-ئەمدى ئۇرۇپ باقسۇن، بۇرۇنقىدەك ئاچچىق يۈتۈپ تورۇسقا قاراپ ياتمايمەن، مانى كۆردۈڭما؟-دەپ قولىدىكى زەنجىرنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى، مەن:

-سەنمۇ مۇشۇ زەنجىر بىلەن ئۇرماقچىمۇ؟ خەقنى بىرنېمە قىلىپ قويما يەنە،-دېدىم سەل ئەنسىرەپ.

مەتلى:

-كىم خەقنى ئۇرىمەن دەپتۇ؟

مەن:

-ئەمىسە بۇ زەنجىرنى نېمە قىلىسەن؟

مەتلى:

-ئەگەر يەنە ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويسا زەنجىرىمنىڭ ھالقىلىرىنى ساناپ ئويناپ ياتىمەن، بۇرۇنقىدەك زىرىكىپ كەتمەيمەن،-دېمەكچى.

ئۇف ...يېتىۋېرە بولدى، خوش. S.D 

*****************************************

4. ئەيسا:

-نىم بولدۇڭ؟ يۈزۈڭ كۆكقۇ؟

مەتلى:

-بىر گۇي بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان، قولۇمنىڭ قايرىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن تاياق يەپ كەتتىم.

ئەيسا:

-قولۇڭ قايرىلىپ كەتمىسىمۇ تايىنلىقلا تۇرساڭ سەن؟

مەتلى شاققىدە چېچىنى قايرىپ پىشانىسىدىكى تاتۇقنى كۆرسىتىپ:

-نىم دەيدۇ ماۋۇ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ...دېيىشىگە ئەيسا:

-ۋاھ، بۇرۇن كارامەت مۇشلىشىدىكەنسەنتۇقتە؟

مەتلى:

-دەپ ھېكايەمنى بىر باشلىسام ھەممىسى ئاغزىمغا قاراپ ھاڭ تاڭ قالىتى، خوتۇنۇم ئۇرۇپ پىشانەمنى يېرىۋەتكەندىن بىرى خەق گىپىمگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدى.

ئەيسا:

-ئۇف ...يوقىلە گۇي. S .D

*****************************************

5. بۈگۈن مەن ئاكام بىلەن بالىسىنى ئېلىپ دادامنى يوقلاپ كەلمەكچى بولۇپ چوڭ ئۆيگە باردۇق، پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق ئاكامنىڭ بالىسى ئاغزى بېسىقماي ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى سورىغىلى تۇردى، ئاكام بالىسىغا ئىچى كۆيگەن ھالدا دادامغا قاراپ:

-دادا، ئاڭلىسام كۆپ سوئال سورايدىغان بالا ئەقىللىق بولارمىش، سىنىڭچە بۇ گەپ راستمىدۇ؟-دېدى. 

دادام خوشياقمىغاندەك ئاكامغا مانداق قاراپ قويۇپ:

-قۇرۇق گەپ، ئىشەنمە ئۇ گەپكە،-دېدى.

ئاكامنىڭ سەل كۆڭلىگە كېلىپ:

-قانداق دەيسەن؟-دېگەنتى، دادام ئىڭىكىدە مىنى كۆرسىتىپ:

-قارىمامسە ئۇكاڭغا، ئۇمۇ كىچىكىدە توختىماي سوئال سورايتتى، مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئويلاپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئۈمىد كۈتكەن، لىكىن، ھەي... كىيىن بىلسەم ئۇ ئەقىللىقلىقىدىن ئەمەس، شۇ ئاددىي ئىشلارنىمۇ چۈشەنمىگەنلىكتىن سورايدىكەنتۇق. 

ئاكام ماڭا بىر قارىۋېتىپ ئۇف تارتىپ كەتتى، ئەگەر دادامنىڭ تىللاپ كىتىشىدىن قورقمىغان بولسام، مۇشۇ تۇرقىدا يەنە نۇرغۇن سوئاللارنى سورىۋېتەتتىمدە ... S .D

-سادىر يۇمۇرلىرى.

 

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2