باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

سوغۇق بېكەتتىن يەكشەنبىلىك يۇمۇرلار (3)

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:42:42

‹‹سوغۇق بېكەتتىن يەكشەنبىلىك يۇمۇرلار (3)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

 

1. ۋارىس ئۆيىگە يىغلاپ كىرىپتۇ، دادىسى:

-نىم بولدۇڭ بالام؟

ۋارىس:

-ئىتىمىز چىشلىۋالدى.

دادىسى:

-ئىت ئىگىسىنى چىشلىمەيتتىغۇ؟ غالجىر بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ ئۇ سىنى قانداق چىشلىۋالدى؟

ۋارىس:

-ئىتمۇ ئوكۇل ئۇرسا ئاغرىق ھېس قىلامدىغاندۇ دەپ كاسسىسىغا يىڭنە سانجىپ باققانتىم...

دادىسى:

-ئەستاغپۇرۇللا ...ھېلىغۇ ئىتكەن، ھەرقانداق نەرسە جېنى ئاغرىسا ئادەمگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بىلدىڭمۇ؟

ۋارىس:

-بىلدىم دادا.

دادىسى:

-بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىسەن؟

ۋارىس يىغلاپ تۇرۇپ:

- دوختۇر ماڭا ئۇكۇل ئۇرسا مەنمۇ چىشلىۋالىمەن. S .D

*****************************************

2. يېڭى توي قىلغان چاغلىرىم ئىدى...

بىر كۈنى ئايالىمنىڭ بەزىبىر قىلىقلىرى قەتئىي كۆزۈمگە سىغماي ئازراق قايناپ قالدىم، بىراق ئايالىم گەپ تەسىر قىلغاندەك ئەمەس، چوڭ سۈپەت ھالدا:

-قەدىرلىكىم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،-دەپ قويدى.

تېخىمۇ ئوغام ئۆرلىدى:

-قارا مانىڭ ياسالمىلىقىنى، ساڭا گەپ قىلىۋاتسام ماڭا كۆيۈنگەن بولىۋېلىپ قۇتۇلماقچىما سەن...

گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولماي تۇرۇپ بېشىم قېيىپ كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم......

دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا يېتىپ شۇنى ئويلاپ يەتتىم، ئەسلى ئايالىم ياسالمىلىق قىلماپتىكەن، راستلا ماڭا كۆيىنىپ ئۆزەمنى ئاسرىشىمنى ئەسكەرتىپتىكەن... لىكىن مەن گەپ ئاڭلىمىغاچقا مۇشۇنداق قاتتىق ئۇرۋېتىپتۇ....

شۇنىڭدىن كېيىن ئايالىم ئەسكەرتمىسىمۇ ئۆزەمنى بەك ئاسرايدىغان بولۇپ كەتتىم.

ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S .D

*****************************************

3. ئەيسانىڭ چىشلىرى چۈشۈپ كىتىپتىكەن مەندىن:

-ئالتۇن چىش سالغۇزسام بولارمۇ سەدەپ چىش سالغۇزسام بولارمۇ؟-دەپ سورىدى.

مەن:

-ئالتۇن چىش سالغۇز،-دېدىم ئويلانمايلا...

نەچچە ئايدىن كېيىن سەمىرىپ ئاقىرىپ قالغان ئەيسا ئالتۇن چىشلىرىنى پارقىرىتىپ ھىجايغىنىچە كەپتۇ:

-رەھمەت ئاداش، سىنىڭ مەسلىھەتىڭ بىلەن ئالتۇن چىش سالغۇزۇپ ئاجايىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ كەتتىم.

مەن:

-ماڭە ۋاي، خەق ھازىر ئۇنداق ئالتۇن چىش سېلىۋالغانلارنى چوڭ بىلمەس بولۇپ كەتتى، كىممۇ چىشىڭغا قاراپ ھۆرمەتلەپ كىتەر سىنى.

ئەيسا:

-خوتۇنۇم ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ كەتتى، بۇرۇن داۋاملىق قاتتىق ناننى مەن يەيتتىم، گۆش يېسەكمۇ سۆڭىكىنى غاجىلايتتىم، ھازىر چىشىڭىز ئۇفراپ كەتمىسۇن دەپ ناننىڭ يۇمشىقىنى، گۆشنىڭ لوق يېرىنى ماڭا بىرىدىغان بولدى.

ئاداش راست دەۋاتامسەن...ئۇنداقتا ماڭا بىر ياردەم قىلىپ چىشلىرىمنى تۆكىۋېتە، مەنمۇ ئالتۇن چىش سالغۇزاي ...

ئالىم ئاۋاقنىڭ دېگەنلىرى S .D

*****************************************

4. بوۋاي نەۋرىسنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:

-قارا بالام، كىم بىلەن دوست بولغىنىڭغا دىققەت قىل، چۈنكى قاغا ئەخلەتخانىغا باشلاپ بارسا كېپىنەك گۈللۈككە باشلاپ بارىدۇ،-دېدى.

بالا بوۋىسىنىڭ بۇ ھېكمەتلەرگە تويۇنغان تەربىيەسىنى ئاڭلاپ كۆڭلى يورۇپ، بىر نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك بولدى.

بوۋىسى قەددىنى رۇسلاپ ئاسماننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:

-قارا بالام نىمىنى كۆردۈڭ؟

نەۋرىسىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇنىڭ ئەقىللىق بالا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى، دەرھاللا جاۋاپ قايتۇردى:

-قاغىنى كۆردۈم بوۋا، بىر توپ قاغىنى ...

بوۋاي:

-ئۇنداقتا سەن ھازىر نىمىنى چۈشەندىڭ؟-دەپ سورىدى بوۋاي نەۋرىسىگە سىنچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ.

نەۋرىسى:

-ھوشيار بولىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكى قاغا سۈپەت ئىنسانلاردىن يىراق تۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندىم،-دەپ جاۋاب بەردى ۋە بەرگەن جاۋابىدىن سۈيۈنۈپ بوۋىسىنىڭ ماختىشىنى كۈتۈپ تۇردى.

...

...

...

-كالۋا، ئۇ قاغىلارنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىدىن قارىغاندا ئۇ يەرگە يېڭى ئەخلەت تۆكۈپتۇ، بىز دەرھال ئىشقا چۈشىشىمىز كېرەك،-دېدى شوپىلەي بوۋاي خالتىسىنى ھارۋىغا باسقاش نەۋرىسىگە كايىپ ...S .D

*****************************************

5. يېڭى توي قىلغان چاغلاردا دائىم ئۇششاق ئىشلارنى دەپ ئايالىم بىلەن سوقۇشۇپ قالاتتۇق...

مانا ھازىر تۇرمۇش مىنى تاۋلىدى، خېلى چوڭ ئىشلاردىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئايالىمغا يول قويۇپ سوقۇشمايدىغان بولدۇم، چۈنكى مەن چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم.

...

...

...

...

...

ئۇرۇشساممۇ بەرىبىر ئايالىمغا كۈچۈم يەتمەيدىغانلىقىنى...

مەتلىنىڭ دېگەنلىرى S .D

 

-سادىر يۇمۇرلىرى.

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2