ئادەم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بوشاشماي تىرىشقاندىلا چوقۇم مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ، مەنمۇ شۇنداق تىرىشىپ، كەينىگە كىرىۋېلىپ زورلاپ يۈرۈپ ئاخىرى ...
...
...
...
خوتۇندىن قاتتىق تاياق يېدىم، ئەمدى ئىككى ئۈچ كۈنگىچە تاماق ئەتمەيمەن، كىرمۇ يۇيمايمەن يارامنى باھانە قىلىپ...
ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S.D
*****************************************
مىنىڭ ئىتتىن بەك قورقىدىغىنىمنى بىلىسىلەر...
قىز دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىپ باراتتۇق، تۇيۇقسىز باغلاپ قويغان بىر ئىت «ھاۋ» لا قىلىپ ئېتىلدى، مەن تۇيۇقسىز كېتىۋاتقاچقا بەكلا قورقۇپ كېتىپ، ئاپپام ...دەپ ۋارقىرىغىنىمچە قىز دوستۇمنىڭ بىلىكىگە ئېسىلدىم.
قىز دوستۇم:
-مەن ئاپىڭىز ئەمەس، ئەمدى كۆزىڭىزگە ئاپىڭىزدەك كۆرۈنۈۋاتامدىم؟ دەپ ئېسىلغان قوللىرىمنى زەردە بىلەن سىلىكىۋېتىپ كېتىپ قالدى.
ھەي بۇ ئەمدى ئۇنداق تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتكەندە قىز دوستۇم ياكى مۇھاببىتىم دەپ توۋلىغىلى بولمىسا يا؟ ھېلىمۇ ۋاي ئىت دەپ توۋلاپ سالماپتىمەن.
ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S.D
*****************************************
بىر بالا بىر قاپاق تېپىۋېلىپ ئاچسا ئىچىدىن بىر دىۋە چىقىپ:
-مېنى قۇتقۇزۋالغىنىڭ ئۈچۈن بىر تەلىپىڭنى ئورۇنلايمەن، ھەرقانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيت-دەپتۇ.
بالا:
-راستما؟ ئۇنداق بولسا مەن تاكى ئۆلگۈچە قېرىماي مۇشۇ ھازىرقى ھالىتىمدە تۇراي،-دەپتۇ.
دىۋە:
-بۇ ئاسانغۇ، كۆزۈڭنى يۇم، دەپ ...
...
...
...
بالىنىڭ بېشىغا بىرنى قويۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
تۈگەپتۇ .S .D
*****************************************
ئوغلى سىرتتىن يۈز كۆزى تىرناق يارىسى كىرىپتۇ، ئاپىسى:
-بالام نېمە بولدۇڭ؟
ئوغلى:
-بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم، مۇھاببەتلىشەيلى دېسەم ئۆيىدىكىلىرى ئۇردى.
ئاپىسى:
-نېمە؟ قانداق قائىدە ئۇخمايدىغان خەق ئۇ؟ قوشۇلمىسا چىرايلىق دېسە بولمىدىمۇ؟ تاتلىۋالغىنىغا قارىغاندا ئايال كىشىنىڭ قىلغان ئىشىكەن، ئېيتە، ئاپىسى ئۇردىمۇ ئاچا سىڭىللىرىمۇ؟
ئوغلى:
-ئايالى...
شۇنىڭ بىلەن ئاپىسى قان قۇسۇۋېتىپتۇ. S .D
*****************************************
ئۇنىڭ ئوقۇشى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى، داۋاملىق ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ دادىسىنىڭ ئۇرۇشىدىن قورقۇپ ئىمتىھان نومۇرىنى ئۆزى ئۆزگەرتىۋالاتتى، بۈگۈن يەنە ئىمتىھان قەغىزىنى ئەكەلدى، دادىسى ئۇنىڭ بۇنداق يۇقىرى نومۇر ئالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ سورىدى:
-ئىمتىھان نومۇرۇڭنى يەنە ئۆزەڭ ئۆزگەرتىۋالدىڭما؟
ئۇ:
-ئۆزەم ئۆزگەرتمىدىم...
دادىسى:
-راست گەپ قىل، ئۆزەڭ ئۆزگەرتىۋالدىڭمۇ؟ يالغان گەپ قىلساڭ تاياق يەيسەن؟
ئۇ يىغلامسىراپ:
-قەسەم قىلاي، راست مەن ئۆزەم ئۆزگەرتىۋالمىدىم...
دادىسى:
-يارايسەن ئوغلۇم، ئۆزەڭ ئۆزگەرتىۋالمىساڭلا بولدى، ئادەم تىرىشسىلا قىلالايدۇ.
ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۋاتقانلىقىنى بىلدى، كۆڭلىدە:
-راست، مەن تىرىشتىم... ئەمدى داۋاملىق تىرىشىپ كېلەر قېتىم تېخىمۇ يۇقىرى نومۇر......
...
...
...
قىلىپ ئۆزگەرتىپ بېرىشكە پارتدىشىمنى ماقۇل كەلتۈرەي، دەپ ئويلىدى .S .D
-سادىر يۇمۇرلىرى.