باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

سوغۇق بېكەتتىن مۇزدەك يۇمۇرلار (4)

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:43:37

‹‹سوغۇق بېكەتتىن مۇزدەك يۇمۇرلار (4)›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئەيسا:

-ئاكاڭ نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟

ئوغلى:

-سىزنىڭ كۈتۈپخانىڭىزدا بىر قېلىن كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇرىدۇ.

ئەيسا:

-نېمە؟ ھېي كىتاب ئىشكاپىدا نۇرغۇن كىتاب تۇرسا نىمىشقا تارتمامنى ئاختۇرۇشىسەن؟

ئوغلى:

-تارتمىڭىزنى ئاختۇرمىدۇق، شۇ كىتاب ئىشكاپىدىكى كىتابنى ئالدۇق، ئۆتكەندە ئۆزىڭىز قۇتادغۇبىلىك دېدىڭىزمۇ ئىشقىلىپ بەك ياخشى كىتاب دەپ ئەكەپتىكەنسىزغۇ، ئۇ كىتابنى بىز ئوقۇساق بولمامتى؟

ئەيسا:

-ۋوي ھە، قېلىن كىتاب دېسەڭ مەن تېخى ... ئوقىساڭلار بولىدۇ بالام ئوقۇڭلار، بىلىم ئالىدىغان ئىش بولسا كېچىسىمۇ ئوقۇڭلار... S.D

*****************************************

بۇرۇن «ئاياللار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ» دېگەن گەپنى پەقەت چۈشەنمەيتتىم، توي قىلغاندىن كېيىن چۈشەندىم ...

چۈنكى ئايالىم بىر قولىدا بالامنىڭ بۆشۈكىنى تەۋرەتكەچ بىر قولىدا ياقامنى سىقىپ سىلكىسە بېشىم قېيىپ دۇنيادا يەر تەۋرەۋاتقاندەكلا ھېس قىلىمەن.

ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S .D

*****************************************

ئايالىم بىلەن كىتابخانىغا بارغان، ئايالىم ئاياللار پىسخىكىسى دېگەن يوغان، قېلىن بىر كىتابنى سېتىۋالدى ۋە ئىشىكتىن چىقىپلا:

-بۇ كىتاب بەك ئېغىركەن، سىز كۆتۈرۋېلىڭ،-دەپ ماڭا كۆتۈرگۈزۈپ قويدى.

مەن چاقچاق قىلىپ:

-بۇ كىتابنى ماڭا كۆتۈرگۈزۈپ قويۇپ ئەنسىرمەمسەن؟

ئايالىم:

-نىمىدىن ئەنسىرەيمەن؟

مەن:

-كىتابنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە بارغۇچە ئوقۇۋېلىپ ئاياللارنىڭ پىسخىكىسىنى بەك چۈشىنىپ كىتىشىمدىنچۇ؟

ئايالىم:

-مەن ئۇ جەھەتتىن خاتىرجەم، كونىلارنىڭ بىر گىپى بارغۇ كىتاب ئارتقان ئىشەك قارى بولماس دەيدىغان.

ھا ھا ھا... قىززىقچى جۇمۇ سەن ....

ئەر كىشى دېگەن مانا مۇشۇنداق ئايالىغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان بولىشى كېرەك.

مەتلىنىڭ دېگەنلىرى SD

*****************************************

ئەيسا:

-يېقىندىن بېرى نېرۋام بەكلا چارچاپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ئۇخلىساملا توختىماي چۈش كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم.

ئالىم:

-ئۇ قانچىلىك ئىشتى، مەن ئۇخلىمايلا چۈش كۆرىدىغان بولۇپ كەتتىم. S .D

*****************************************

يېڭى كەلگەن بىر قىز خىزمەتدىشىم بار ئىدى، نەدە كۆرسە كۈلۈپ تۇرۇپ سالام قىلىدىغان، باياتىن تازلىق ئۆيىدە يۈزۈمنى يۇيۋاتسام شۇنداق ئالدىراش كىلىپ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ:

-تىشلىقمۇ؟-دەپ قويۇپ قىزلار ھاجەتخانىسىغا ماڭدى.

مەن ئۇنىڭ بۇنچە ئالدىراش كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

-قورسىقىڭىز ئاغرىپ كەتتىما؟-دېسەم دەرھاللا ئۆڭۈپ:

- ياق،-دەپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.

مەن «ئۇنىڭ قورسىقى ئاغرىمىسا نىمىگە بۇنداق ئالدىرايدىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ يۈزۈمنى يۇيۇپ بولۇپ ساقلاپ تۇردۇم، ئۇ خېلى ئۇزۇندا چىقتى، مەن:

-قورسىقىڭىز ئاغرىپ كەتتىما دېسەم ياق دەۋاتمامتىڭىز؟ چوقۇم چىچىپ چىقىپسىز، بولمىسا ھاجەتخانىدا بۇنداق ئۇزاق ئولتۇرمايتتىڭىز،-دىدىم.

ئۇ:

-ساراڭ،-دەپ قويۇپ كېتىپ قالدى.

باياتىن بېرى نەچچە قېتىم كۆرۈشتۇق، لېكىن بىر قېتىممۇ سالام قىلماي ئالىيىپ قويۇپ كىتىپ بارىدۇ، ئەمدى كۆيۈنۈپ ئەھۋال سوراپ قويغۇنۇم خاتاما؟

رۇستەم دوختۇرنىڭ دېگەنلىرى S .D

 

-سادىر يۇمۇرلىرى.

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2