باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

دۈشەنبە كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ قويالايدىغان سادىر يۇمۇرلىرى S.D

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:43:56

‹‹دۈشەنبە كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ قويالايدىغان سادىر يۇمۇرلىرى S.D›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

1. ئايالىم يۇرتىغا كەتكەن، ئۆيدە يالغۇز قېلىپ تۇرمۇشۇم شۇنداق قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئۆيلەر رەتسىز، يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق، مەيۈسلىنىپ ئولتۇرسام بىر ئاغىنەم تېلېفون قىپتۇ، ئۆيگە كەللا دېدىم، ئاغىنەم ۋەيرانە تۇرقۇمنى كۆرۈپ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن:

-مەيۈسلەنمە ئاداش، ساڭا ھەرقانداق چاغدا ئۈمىد بېغىشلايدىغان بىر ئېغىز سۆزنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟-دېدى.

مەن خوشياقمىغاندەك:

-ھە، نېمە گەپ ئۇ؟

ئاغىنەم سالماقلىق بىلەن:

-بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ-دېدى.

بۇ گەپ مىنى راستلا ئويلاندۇردى:

-توغرا، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ئايالىم قايتىپ كەلسىلا...

...

...

...

ھازىرقىدەك خالىغاندا كىرىپ چىقالايدىغان، ئاغىنەمنى ئۆيگە باشلىيالايدىغان ئەركىن كۈنلىرىم كەلمەسكە كېتىدۇ، شۇڭا مەن بۇ كۈنلىرىمدىن مەيۈسلەنمەي ئەكسىچە قەدىرلىشىم كېرەك. شۇنىڭ بىلەن كەيپىياتىم بىردىنلا كۆتۈرلۈپ ئاغىنەم بىلەن كۆڭۈللۈك ئولتۇردۇق.ئىشقىلىپ بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ دېگەن بۇ گەپ بەك قالتىس گەپكەن.

ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S.D

*****************************************

2. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن قىزلار كۆڭلۈمنى چۈشەنمەي مىنى كىچىك كۆرۈپ ئۇكام، ساقام دەپ چاقىرىپ ياش يۈرىكىمگە ئازار بېرەتتى، شۇ چاغلاردا خەپ مەنمۇ چوڭ بولۇپ قۇرامىمغا يىتەرمەن دەپ ئويلايتتىم....

ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ مەنمۇ ئاخىرى چوڭ بولۇپ قۇرامىمغا يەتتىم.

ھازىر كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگەن قىزلار مىنى بۇرۇنقىدەك ئۇكام، ساقام دەپ چاقىرمايدىغان بولدى.

...

...

...

...

بەلكى تاغا، چوڭ دادا دەپ چاقىرىپ يۈرىكىمگە ئازار بىرىدىغان بولدى.

ئىشقىلىپ مۇشۇنداق بويتاق ئۆتۈپ كىتىدىغان ئوخشايمەن...

ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S .D

*****************************************

3. ساتتار بەگنىڭ يېشى چوڭىيىپ ئاللبۇرۇن ئۆيلىنىش يېشىدىن ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ دادىسى ئۇنى ئۆيلەپ قويۇش توغرىسىدا ئېغىز ئاچماپتۇ، بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان ساتتار بەگ ئاچچىقى يامان دادىسىغا ئوچۇق ئېيتالماي:

-دادا، مەن تۇغۇلغاندا سىز نەچچە ياشتا ئىدىڭىز؟-دەپ سوراپتۇ.

دادىسى:

-مەن 23 ياشقا كىرگەندە سەن تۇغۇلغان.

ساتتار بەگ:

-ئۇنداقتا مەنمۇ بالىلىق بولۇپ بالام مەندەك بولغىچە سىزدەك ياش تۇرالارمەنمۇ؟

S.D

*****************************************

4. ئوقۇتقۇچى:

-جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا بەزى گۆشخورلار ئوتخورغا ئۆزگەرگەن، ۋارىس، سەن گۆشخوردىن ئوتخورغا ئۆزگەرگەن بىرەر جانلىقنى مىسال كەلتۈرۈپ باقە.

ۋارىس:

-تاڭسىڭنىڭ ئېتىنى يەۋالغان ئەجدىرھانىڭ ئاق ئاتقا ئۆزگىرىشى.

ئوقۇتقۇچى:

-چىقە سىنىپتىن ...S.D

*****************************************

5. بىلىسىلەر، ھازىر توردا ئادەم تىللاش قانۇنسىز، جىنايەت ھېساپلىنىدۇ.

ئەيسامۇ شۇنداق بىزەڭ بىرسىنى توردا تىللاپ قويۇپتۇ.

سوتچى:

-نىمىشقا توردا ئادەم تىللىدىڭ؟

ئەيسا:

-توردا ئۇرغىلى بولمىسا...S .D

 

-سادىر يۇمۇرلىرى.

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2