باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

سوغۇق بېكەتتىن مۇزدەك يۇمۇرلار S.D

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:45:01

‹‹سوغۇق بېكەتتىن مۇزدەك يۇمۇرلار S.D›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

1. ئوغلى:-نېمىشقا بۇ تەرەپ بىلەن ماڭىمىز دادا؟          

ئەيسا:-ھېلىقى مەتلى باغۇ، ئۇنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەك بولمايدۇ.

ئوغلى: نېمىشقا؟          

ئەيسا: -ئۇنىڭغا پۇل قەرىز بەرگەنىدىم.

ئوغلى:-ھە بىلدىم، سىز ئۇنى قىيىنچىلىقتا قالغان بولسا پۇلنى قايتۇرالمىدى، شۇڭا ئۆزىمىزنى كۆرسەتكەندەك ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇنى خىجىل قىلمايلى دېمەكچىكەنسىزدە؟ دېدى-دە، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر پەزىلەتلىك ئېسىل ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ قالغىنىدىن سۆيۈنۈپ پەخىرلەندى.

ئەيسا:-كالۋا، مەتلىنىڭ مەندىن ئالغىنى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز، قانچە ئۇزۇندا قايتۇرسا شۇنچە ياخشى، بىكا دۇكىنىنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەم قەرىزنى قايتۇرىمەن دەپ تۇرۋالىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك، بىلدىڭمۇ؟ دەپ ۋارقىرىدى.

ئوغلى ئەمدى ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئەقىللىق ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ قالغىنىدىن تېخىمۇ پەخىرلىنىپ كەتتى.

دۇنيا مانا مۇشۇنداق گۈزەل …S.D

*****************************************

2. ‏مۇئەللىم:-يولۋاس، شىر، يىلپىز قاتارلىق ھايۋانلار مۈشۈك ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ۋارىس، مۈشۈك ئائىلىسىگە كىرىدىغان باشقا ھايۋانلاردىن يەنە ئۈچنى مىسال كەلتۈرۈپ باقە.

ۋارىس:-مۈشۈكياپىلاق، مۈشۈك ئېيىق، تاختا مۈشۈك.

مۇئەللىم:-خاتا، سوئالغا دىققەت قىل، مەن ھايۋان دەۋاتىمەن، تاختا مۈشۈك دېگەن بىر چاشقان تۇتىدىغان ئەسۋاپ، مۈشۈكياپىلاق دېگەن قۇش. مۈشۈك ئېيىق ئېيىق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، باشقىنى دە.

ۋارىس:-ئىسمىدىنلا چىقىپ تۇرمامدۇ مۇئەللىم، ئۇلارنىڭ مۈشۈك ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى؟

مۇئەللىم:-ئىسمى مۈشۈك بولسىلا مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە بوپ قالمايدۇ، بۇنى ساڭا كېيىن چۈشەندۈرۈپ قوياي.

ۋارىس:-ھە چۈشەندىم، بۇ خۇددى نىكاھسىز تۇغۇلغان شاۋمىڭنىڭ دادىسىنىڭ كىملىكى ئېنىقلىنىپ بولغۇچە، تاغىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىپ تۇرغاندەك بىر ئىشكەندە؟

مۇئەللىم:-چىقە سىنىپتىن…

S .D

*****************************************

3.بىر يىگىت بىر قىز بىلەن توردا  تونۇشۇپ قېلىپ ئاخىرىدا كۆرۈشۈپتۇ، قىز ئۆزىنى 25 ياشقا كىردىم دەپ تونۇشتۇرغان ئىكەن، لېكىن يىگىت قىزنى كۆرۈپلا ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ، قىز خىجىل بولغان ھالدا:-كەچۈرۈڭ، ئەمەلىيەتتە مەن 35 ياشقا كىردىم، سىزنى ئالدىغانلىقىمغا خاپا بولدىڭىزمۇ؟ دېسە، يىگىت خوشال ھالدا:-نېمىشقا خاپا بولغۇدەكمەن، ئەكسىچە خوشال بولۇۋاتىمەن، دەپتۇ.

قىز ھەيران بولۇپ:-نېمىشقا؟دەپتىكەن، يىگىت:-چۈنكى مەن ئاسار ئەتىقىلەرگە بەك ئامراق، دېگۈدەك.

S.D

*****************************************

4. ئايالى ئېرىگە قاقشاپ:-سىزدە ئازراقمۇ رومانتىكىلىق يوقكەن، قوشنىمىز مەمەتكە قاراپ بېقىڭە، كۈندە ئايالىغا بىر دەستە گۈل سوۋغا قىلىدىكەن، سىز نېمىشقا ئۇنداق قىلمايسىز دېسە، ئېرى:-كىم مېنى رومانتىك ئەمەس دەيدۇ، قاراپ تۇر ھە، دەپ چىقىپ كېتىپ، بىر ھازادىن كېيىن ئاغزى بۇرنى قان قايتىپ كىرىپتۇ، ئايالى جىددىيلىشىپ:-ۋاي نېمىش بولدى دېسە، ئېرى:-سەن دېگەندەك قىلغانتىم مەمەت ئۇردى، دېگۈدەك.

S .D

*****************************************

5. كونا شەكىل، يېڭى مەزمۇن 

جىنايەت گۇماندارى: ئەمدى «تىغ يارىسى ساقىيار، تىل  يارىسى ساقايماس» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ، گەرچە ئۇ مېنى تىللاپ ھاقارەتلەپ دىلىمنى قاتتىق يارىلاندۇرغان بولسىمۇ، مەن بىر ئوقۇمۇشلۇق، مەدەنىي، ئاقكۆڭۈل ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدەك قەبىھ ۋاسىتە قوللىنىشنى ئۆزەمگە لايىق كۆرمىدىم.

ساقچى:-مۇشۇ سېنىڭ باشقىلار بىلەن تىللىشىپ قېلىپ قارشى تەرەپكە پىچاق تىقىۋەتكىنىڭنىڭ سەۋەبىما؟

جىنايەت گۇماندارى:-شۇنداق ساقچى ئەپەندى.

ساقچى:-ماڭە گۇي، قاتىللىق قورالى ئىشلىتىپ باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن تۈرمىدە ياتىسەن.

جىنايەت گۇماندارى:-مەن تۈزىتەي …

ئالىمنىڭ دېگەنلىرى S.D 

*****************************************



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2