1. ئوقۇتقۇچى:
-چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلماقچىسەن؟ قانداق ئارزۇيۇڭ بار؟
ۋارىس:
-مىنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىىسى بولغۇم بار.
ئوقۇتقۇچى:
-ھە ياخشى، ئوقۇتقۇچى بولىمەن دېگىن.
ۋارىس:
-ئوقۇتقۇچى ئەمەس تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ...
ئوقۇتقۇچى:
-ئوخشاشقۇ، ھەممىسى ئوخشاش مۇئەللىمغۇ؟
ۋارىس:
-ئوخشىمايدۇ مۇئەللىم.
ئوقۇتقۇچى:
-قانداق ئوخشىمايدۇ؟
ۋارىس:
-باشقا ئوقۇتقۇچىلار نورمال دەرس ئۆتىدۇ، بىراق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ دەرىسىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلار مەن دەرىسىمنى ئۆتىۋالاي دەپ ئېلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىشخانىدا بىكار ئولتۇرۇپلا مائاش ئالالايدۇ.
ئوقۇتقۇچى:
-چىقە سىنىپتىن ...S .D
*****************************************
2. بۇرۇن چوڭلار: ئايال كىشىگە بىرتال شاخ بەرسە دەرەخ ياسايدۇ ...دېسە نىمە دېگەن گەپكىن دەيتتىم.
توي قىلغاندىن كېيىن چۈشەندىم، ئايالىم يۈرەكنى يەپ بولدى، ھازىر ئايالىم بىر تال چوكىنى ئېلىپ شىلتىسا كۆزۈمگە نوغۇچ ئوينىتىۋاتقاندەكلا كۆرىنىپ كىتىدىغان بوپ قالدى، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كىيىنچە راستلا بىرتال شاخنى ئالسا كۆزۈمگە بىر تۈپ دەرەخنى قۇمۇرۋالغاندەكلا كۆرىنىدىغان بوپ كىتىدىغان ئوخشايمەن.
ئەيسانىڭ دېگەنلىرى. S .D
*****************************************
3. نەچچە ئاي بۇرۇن باشلىق:
-مىنىڭ ئۈندىدارىمنى قوشىۋال دېگەن ئىدى. مەن:
-مەن دوستلار چەمبىرىكىگە ساپلا ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى نەرسىلەرنى يوللايمەن، سەن يا چۈشەنمىسەڭ، قوشىۋالغىنىڭ نېمە پايدىسى؟ دېسەم باشلىق:
-ئاۋال قوشىۋالمامسەن، چوقۇم پايدىسى بولىدۇ، دەپ تۇرۋېلىپ قوشىۋالغان ئىدىم.
بۈگۈن يىغىندا يۇشۇرۇنچە تېلېفون ئويناپ ئولتۇرغان، چەمبىرەككە ئەمدى بىر يازما چىقىرىشىمغا باشلىق:
-يىغىندا تېلېفون ئويناپ ئولتۇردۇڭ، 50 يۈەن جەرىمانە تۆلە دېدى، مەن يا ئۇ مىنىڭ تېلېفون ئوينىغىنىمنى كۆرمىسە دەپ ئويلاپ:
-تېلېفون ئوينۇمۇدۇم، دېسەم باشلىق دوستلار چەمبىرىكىدىكى مىنىڭ يازمامنى كۆرسۈتۈپ:
-تېلېفون ئوينىمىساڭ بۇنى كىم چىقاردى؟ دەيدۇ، گەپ قىلالماي 50 يۈەن جەرىمانىنى تۆلىدىم.
يىغىن تۈگىگەندە باشلىق ئاستا يېنىمغا كېلىپ:
-ئۆتكەندە ئۈندىدارىمنى قوشىۋالغىنىڭنىڭ نېمە پايدىسى، دەۋاتاتتىڭ، قانداق پايدىسى بارمىكەن؟ دىمەسمۇ، ئاچچىقىمدا شۇ يەردىلا قارا تىزىملىككە تىقىپ يۇيۇپ تاشلىۋەتتىمغۇ، خەپ ...S.D
*****************************************
4. گاۋچۇ فاڭلانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرى ھەق بېرىپ قاتىل ياللايدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ. ئۇنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەپتۇ، پۈتۈن بەدىنىنى تۈك قاپلىغان سۈرلۈك بىرسى ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇپ:
-ئىسمىم چاۋگەي، مۇشۇ كەمگىچە ساناقسىز ئادەم ئۆلتۈردۈم، كۈزۈم مىت قىلىپ باقمىدى.
گاۋچۇ:
-ياخشى، بولىدىكەنسىز،-دەپتۇ.
ئىككىنچىسى زەبەردەس پالۋان سىياق بىر ئادەمكەن. گاۋچۇ ئۇنىڭدىن:
-نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ باققان، ئىسمىڭىز نېمە؟-دەپ سوراپتۇ.
-مەن ئۆلتۈرگەن ئادەملىرىمنى ساناپ باقمىدىم، لىكىن مەن قۇرۇق قول قاشقىلىق يولۋاستىن بىرنى ئۆلتۈرگەن، ئىسمىم ۋۇسۇڭ.
-ھە ئەسلى يۈز بېشى كەنلىدە، بولدى قۇبۇل قىلىندىلا، دەپ قارىسا ئۈچىنچىسى چىرايلىق نازۇك بىر ئايالكەن، گاۋچۇ:
-مەن ھازىر ۋەھشىي، ئۆتۈپ كەتكەن ياۋۇز تاش يۈرەك قاتىل ئىزدەۋاتىمەن، مۇلازىم قىزلارنىڭ لازىمى يوق، سىز نىمىگە كەلدىڭىز؟
ئايال:
-مەنمۇ قاتىل بولغىلى كەلدىم، مەنمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈپ باققان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇق تۇققان، ئەر-خوتۇنلۇق مېھرىگىمۇ تارتىشمايمەن، ئاقىۋىتىدىنمۇ قورقمايمەن.
گاۋچۇ:
-نەچچە ئادەم ئۆلتۈرگەن، ئىسمىڭىز نېمە؟
ئايال:
-پەقەت بىرنى، ئىرىمنى، ئى يولۋاس ئۆلتۈرگەن يۈز بېشىنىڭ ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن، ئىسمىم پەن جىنليەن.
گاۋچۇ:
-بولدى قوبۇل قىلىندىڭىز، مىنىڭ شەرتىمگە نەق چۈشىدىكەنسىز، غوجىدار، ماۋۇ ئىككى مېھماننى ئۇزۇتۇپ قوي. S .D
*****************************************
5. چۆچەكلەرنى بۇزايلى ...
شاھزادە كۈل قىزنى تېپىش ئۈچۈن كۈل قىزنىڭ چۈشۈرۈپ قويغان بىر پاي ئايىقى كىمگە پاتسا شۇنى ئەمرىمگە ئېلىپ خانىش قىلىمەن دەپ يارلىق چۈشۈردى، ۋەزىرلىرى ئاياقنى ئۆيمۇ-ئۆي كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، شەھەردىكى بارلىق قىزلارغا كىيدۈرۈپ باقتى، ئاياق ھېچقايسى قىزنىڭ پۇتىغا پاتماي ئاخىرى پاكار قارا چاچ بىر قىزنىڭ پۇتىغا پاتتى، ۋەزىرلەر شاھزادىگە ئاياقنىڭ ئىگىسى تېپىلدى دەپ خوش-خەۋەر يەتكۈزدى، شاھزادە كۈل قىزنى تاپتىم دەپ خوش بولۇپ كەتتى، لىكىن قىزنىڭ قارا چېچىنى كۆرۈپ:
-تانسا كېچىلىكىدە چېچىڭىز سېرىق ئىدىغۇ؟-دەپ سورىدى.
قىز:
-مىنىڭ چېچىم ئەزەلدىن قارا.
شاھزادە:
-سىز كۈل قىزمۇ؟
قىز:
-مەن كۈل قىز ئەمەس، مىنىڭ ئىنگىلىزچە ئىسمىم بولۇسى مېي.
شاھزادە:
-مۇمكىن ئەمەس، سىز كۈل قىز بولمىسىڭىز ئاياق پۇتىڭىزغا قانداق پاتتى؟
قىز:
-شۇ كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام قىز بالىنىڭ پۇتى يوغان بولسا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ دەپ پۇتۇمنى مەجبۇرى تېڭىپ مۇشۇنداق كىچىك بولۇپ قالغان.
شاھزادە ئامالسىز ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ قىز بىلەن توي قىلدى، ۋەزىرلىرى شاھزادىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىش ئۈچۈن مەشھۇر كۈل قىز چۆچىكىنى توقۇپ چىقتى. S.D-سادىر يۇمۇرلىرى.