1. سوغۇق بېكەت ھېكمەتلىرى
1-ئەقىللىق ئادەملەر ئوخشاش خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدۇ.
شۇڭا بىز توختىماستىن يېڭى خاتالىقلارنى تېپىپ چىقىپ سادىر قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشىمىز كېرەك!
2-تاتلىق بولساڭ يالاپ تۈگىتىدۇ، ئاچچىق بولساڭ تالاپ تۈگىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ...
......
......
«ھېچكىم يېقىنلىشىشنى خالىمىغۇدەك دەرىجىدە لاۋزا بولۇشىمىز كېرەك!
3-ئەر كىشىنىڭ پادىشاھ بولۇشى مۇھىم ئەمەس، پەقەت يېنىدا ئۇنى پادىشاھتەك كۆرىدىغان بىر ئايالى بولسىلا كۇپايە.
لېكىن ئۇنداق ئايالنى تېپىپ ئۆيلىنىش پادىشاھ بولۇشتىنمۇ تەس.
سوغۇق بېكەت ھېكمەتلىرى
*****************************************
2. ساتتار بەگ:-ئادەمنىڭ دەردى چەتئەللىكنىڭ ناخشىسىغا ئوخشايدۇ، ئاڭلايدىغانلار شۇنچە كۆپ چۈشىنىدىغانلاردىن بىرسىمۇ يوق.
مۇھاممەت:-دېگىنىڭ راست بولسا ئۇنداقتا مېنىڭ دەردىم ھازىرقى بەزىبىر زامانىۋى ناخشىلارغا ئوخشامدۇ نېمە؟
ساتتار بەگ:-قانداق دەيسەن؟
مۇھاممەت:-چۈنكى مېنىڭ دەردىمنى ئاڭلاپ قويىدىغان ئادەممۇ يوق.
ئەيسانىڭ دېگەنلىرى S .D
*****************************************
3.ئەيسا:-ئىززەت ئابرويىڭغا دىققەت قىل، چۈنكى ئۇ سەندىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ.
مەتلى:-بىلىمەن، شۇڭا مەن ئىززەت ئابرويىمنى ساقلاشقا قەتئىي ئەھمىيەت بەرمەيمەن.
ئەيسا:-نېمىشقا؟ نام ئابروي قوغلاشماي ئاددىي ساددا ياشاي دەپما؟
مەتلى:-ياق، ئابرويىمدىن ئۇزۇنراق ئۆمۈر كۆرەي دەپ...
مەتلىنىڭ دېگەنلىرى SD
*****************************************
4. بۇرۇن ناھايىتى ئاقكۆڭۈل مېھرىبان بىر باي ئۆتكەن ئىكەن، ئۇنىڭ بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئېسىل نەسىللىك بىر ئارغىماق ئېتى بار ئىكەن، بىر كۈنى بىر ئالدامچىنىڭ باينىڭ ئېتىغا كۆزى چۈشۈپتۇ ۋە بايغا:-ئېتىڭنى ماڭا ئون تىللاغا سېتىپ بەر، دەپتۇ.
باي:-ئېتىمنى ھېلىغۇ ئون تىللاكەن، يۈز تىللاغىمۇ ساتمايمەن، دەپتۇ.
ئالدامچىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ، ئاتنى چوقۇم قولغا چۈشۈرۈشنى نىيەت قىپتۇ. باينىڭ ئاقكۆڭۈل مېھرىبانلىقىنى بىلگەن ئالدامچى باينىڭ ئۆتەر يولىدا كېسەل بولۇپ يىقىلىپ قالغاننى دوراپ يېتىۋاپتۇ، دەرۋەقە باي ئالدامچىنى كۆرۈپ، تېۋىپقا ئاپىرىپ كۆرسەتمەكچى بولۇپ يۆلەپ ئېتىغا مىندۈرۈپتۇ، ئالدامچى ئاتقا مىنىپلا قېچىپتۇ ۋە:-ئەينى چاغدا ئېتىڭنى ئون تىللاغا سېتىپ بەر دېسەم ئۇنىمىغانتىڭ، مانا ئەمدى ئېتىڭدىنمۇ ئايرىلدىڭ، تىللالاردىنمۇ قۇرۇق قالدىڭ، دەپتۇ.
شۇندىلا باي ئالدامچىنى تونۇپ ۋارقىراپتۇ:-بولدى ئات سېنىڭ بولسۇن، لېكىن ئۇنى قانداق قولغا چۈشۈرگىنىڭنى ھېچكىمگە ئېيتمىغىن، دەپتۇ.
ئالدامچى ھەيران بولۇپ:-نېمىشقا؟ دەپ سوراپتۇ.
باي:-ئەگەر كىشىلەر سېنىڭ مېنى ئالداپ ئاتنى قولغا چۈشۈرگىنىڭنى بىلسە بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشقا جۈرئەت قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دەپتۇ. ئالدامچى بۇنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلىنىپتۇ ۋە بۇ مەخپىيەتلىكنى چوقۇم ساقلاشقا ۋەدە بېرىپ كېتىپ قاپتۇ.
ئالدامچى ۋەدىسىدە تۇرۇپ بۇ مەخپىيەتلىكنى ھېچكىمگە ئېيتماپتۇ، بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاتنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ، ئالدامچى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەۋلادلىرى ئۇنىڭ ئاتنى قانداق قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىش ئارقىلىق زامانىمىزغا كەلگەندە، ماشىنىغا سوقۇلۇش ئارقىلىق باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىپ پۇل ئۈندۈرۋېلىش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىپتۇ، تۈگەپتۇ.S .D
*****************************************
5. ئەيسا يېزا ئىشخانىسىدا ئولتۇرسا، پۇزۇر كىيىنگەن بىرسى كىرىپ ئەيساغا دەپتۇ:-يېزاڭلاردىكى ئېغىر كېسەل، لېكىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار داۋالىتىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلارنىڭ تىزىملىكىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
ئەيسا:-ئوبدان، دېگىنىچە يېزىسىدىكى بارلىق شۇنداق ئائىلىلىكلەرنىڭ تىزىملىكىنى ھېلىقى كىشىگە بېرىپ سوراپتۇ:-سىز ھۆكۈمەتتىن قىيىنچىلىقى بار ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن كادىرمۇ؟
ھېلىقى ئادەم:-ياق، مەن كادىر ئەمەس
ئەيسا:-ھە، ئۇنداقتا بىرەر ساخاۋەت فوندىنىڭ ئەزاسىكەنسىزدە؟
ھېلىقى ئادەم:-مېنىڭ ھېچقانداق فوند بىلەن ئالاقەم يوق.
ئەيسا:-ئۇنداقتا ئۆز يېنىڭىزدىن چىقىرىپ قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەيدىغان ساخاۋەتچى بايلىرىمىزدىنكەنسىزدە؟
ھېلىقى ئادەم تىزىملىكنى يانچۇقىغا سالغاچ:-نېمىلەرنى دەيدىغانسىز؟ مەن يەرلىك ساتقۇچى.
ئەيسا:-يوقىلە گۇي، ئەكە تىزىملىكنى ...S.D
*****************************************