باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

چەۋەنداز بىلەن ئۈچ ئەما

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:58:51

‹‹چەۋەنداز بىلەن ئۈچ ئەما›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئۈچ ئەما بار بولۇپ، ئۇلار بىرگە تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. بىركۈنى بىر چەۋەنداز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلارنى كۆرۈپتۇ ۋە:

-دوستلار توختاڭلار! مەن سىلەرگە بىر تىللا بېرىمەن، چوقۇم ئۈچۈڭلار تەڭ بۆلۈشۈشىڭلار كېرەك، ھېچكىمنىڭ يالغۇز ئېلىۋېلىشىغا رۇخسەت يوق،-دەپتۇ.

ئۈچ ئەما بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلىدە «بۇ ئادەم تىللانى ئارىمىزدىكى بىرەيلەنگە بەردى» دەپ ئويلاپتۇ، ئەمەلىيەتتە چەۋەنداز ھېچكىمگە بىر تىيىنمۇ بەرمىگەنىكەن. چەۋەندازنىڭ مەقسىتى بۇ ئۈچ ئەمانىڭ زادى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئىكەن.

-بۈگۈن بۇ ئاق كۆڭۈل، سېخىي ئادەمنىڭ ھىممىتى بىلەن بىر تىللاغا ئېرىشتۇق. ياخشىسى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىر تويۇۋالايلى،-دەپتۇ بىر ئەما.

-مەيلى كىرسەكمۇ كىرەيلى، تۈزۈكرەك تاماق يېمىگىلى خېلى ئۇزاق بوپتۇ،-دەپتۇ قالغان ئىككى ئەما.

ئۈچ ئەما سىيپاشتۇرۇپ بىر ئاشپۇزۇلنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. خوجايىن ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزىگە قارىسا پۇلى يوقتەك قىلماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايرىمخانىغا باشلاپتۇ ھەمدە مول داستىخان راسلاپ بېرىپتۇ. ئۇلار مەززىلىك تائاملارنى ھۇزۇرلىنىپ يەپ، قورسىقىنى راسا تويدۇرۇپتۇ. تائاملار يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن خوجايىن ھېساب قىلىۋېتىشنى ئېيتىپتۇ.

-بىزدە بىر تىللا بار، سىز ئاشقان پارچە پۇللارنى بىزگە بەرسىڭىزلا بولدى،-دەپتۇ بىر ئەما.

ئۇلار شۇنداق دېگەن بىلەن ھېچكىم يانچۇقىدىن تىللانى چىقىرالماپتۇ. ئۇلاردىن پۇل چىقمىغانلىقىنى كۆرگەن خوجايىننىڭ راسا ئاچچىقى كەپتۇ-دە، ئۇلارنى كالتەك بىلەن دۇمبالاپ ئاچچىقىنى چىقارماقچى بوپتۇ.

بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ ئولتۇرغان چەۋەنداز ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى سېزىپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ خوجايىننى توسۇۋاپتۇ ۋە:

-ئۇلارنى ئۇرماڭ، بۇ پۇلنى مەنلا تۆلىۋېتەي،-دەپتۇ.

خوجايىن ئۇ ئۈچ ئەمانى قويۇۋېتىپتۇ.

-بۈگۈن يانچۇقۇمغا پۇل سېلىۋالماپتىمەن. مۇشۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ باشلىقىغا يېلىنماقتىن باشقا ئامال يوقتەك قىلىدۇ. ئۇ مېنىڭ قەدىناس دوستۇم ئىدى. سىز ئۇنى تونۇمسىز؟-دەپتۇ چەۋەنداز.

-تونۇمامدىغان، ئەلۋەتتە تونۇيمەن.ئۇ دېگەن داڭلىق دوختۇر تۇرسا،-دەپتۇ خوجايىن.

چەۋەنداز خوجايىننى باشلاپ دوختۇرخانىغا بېرىپتۇ. بۇ چاغدا دوختۇرخانا باشلىقى كېسەل كۆرۈۋاتقانىكەن. چەۋەنداز خوجايىننى سىرتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، ئۆزى دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپتۇ ۋە:

-دوختۇرخانا باشلىقى سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، قاراڭ ئۇ مېنىڭ قوشنام ئىدى، تۈنۈگۈن كەچتە تۇيۇقسىز ساراڭ بولۇپ قېلىپ، بىزنى بىر كېچە ئۇخلاتمىدى، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۇنى داۋالاپ قويغان بولسىڭىز،-دەپ سىرتتا ئولتۇرغان خوجايىننى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ. دوختۇرخانا باشلىقى سىرتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان خوجايىننى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ، ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. خوجايىن دوختۇرنىڭ باش لىڭشىتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ.

چەۋەنداز خوجايىننىڭ يېنىغا كېلىپ:

-قەدىناس دوستۇم مەن ئۈچۈن پۇلنى تۆلىۋېتىشكە قوشۇلدى، ئەمدى مەن ماڭاي،-دەپ يولىغا راۋان بوپتۇ.

چەۋەنداز كېتىپتۇ، دوختۇرخانا باشلىقى باشقا بىمارلارنى كۆرۈپ بولغۇچە خوجايىنغا قاراپ:

-قېنى كىرىڭ،-دەپ، ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىپتۇ.

خوجايىن كىرىپتۇ، دوختۇرخانا باشلىقى:

-تۈگمىڭىزنى يېشىڭ، تەكشۈرۈپ باقاي،-دەپتۇ.

خوجايىن غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ تۇرۇپ:

-نېمە،قەرز قايتۇرسىڭىزمۇ سالامەتلىك تەكشۈرەمسىز؟-دەپتۇ.

خوجايىننىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتىنى كۆرگەن دوختۇرخانا باشلىقى بۇ ئادەم راستىنلا «ساراڭكەن» دەپ ئويلاپ، سىپايىلىك بولغان:

-ماڭا ئىشىنىڭ، كېسىلىڭىزنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، دورا بېرىمەن، ئەقلى-ھوشىڭىز جايىغا كېلىدۇ،-دەپتۇ. خوجايىن:

-تولا قۇرۇق گەپ قىلماي پۇلۇمبى بەر،-دەپ ۋارقىراپتىكەن، شۇھامان ئىككى قوغدىغۇچى كىرىپ خوجايىننىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ، سۆرەپ ئاچىقىپ كېتىپتۇ.

خوجايىن شۇچاغدىلا ئۆزىنىڭ چەۋەندازنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ.

 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2