ئادەم بىلەن ئەينەك
قەدىمكىلەر ئوردا ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلار غا مۇنداق ئۈچ نەسىھەت قالدۇرغان ئىدى: مىس كۆرگۈنى ۋاسىتە قىلىپ ئۈستى بېشىنى تۈزەشتۇرۇش، قەدىمكىلەرنى ئەينەك قىلىپ، ئاسايىشلىق بىلەن زاۋاللىقنى ھېس قىلىش،جاھان ئەھلىنى ئەينەك قىلىپ ئېرىشىش بىلەن يوقىتىشنى چۈشىنىش ئاقىلانىلىك.
جاھان ئەھلىنى ئەينەك قىلىشىدا مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا ھالقىدۇر: بىرى، زادى كىمنى ئەينەك قىلىش مەسىلىسى، ھەييار ئەينەكمۇ ئەينەك، ئۇنى ھەقىقىي ئەينەك دېگىلى بولمايدۇ،چۈنكى ئادەمنىڭ ئوبرازىنى بۇرمىلاش ياخشى ئىش ئەمەس، ئادەمنىڭ روھىنى بۇرمىلاش تېخىمۇ قاباھەتلىك.
ئىككىنچى، قايسى ۋاقىتتا ئەينەككە قاراش مەسىلىسى، ئەلۋەتتە ئۆزىدە قانداق كەمچىلىكلەر بارلىقىنى بىلمەكچى بولغانلار، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنىلا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسە، ئاندىن باشقىلارغا ئۆزىنى توغرا سېلىشتۇرغاندا بولىدۇ، چۈنكى ئادەم باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنىلا تولۇقلاشنى بىلىدۇ، ئاندىن ئارتۇقچىلىقىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلىدۇ.
ئۈچىنچى، قىياپەت ۋە روھىي ھالەتنى سېلىشتۇرۇش مەسىلىسى، بۇنىڭ ئىچىدە قىياپەتكە سەل قارىغىلى بولمايدۇ، بىراق روھىي ھالەت تېخىمۇ مۇھىم.
دېمەك، ئادەم بىلەن ئەينەكنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئادەم ئەينەك بولالايدۇ، بۇ ئەينەك ئادەمنىڭ ئېرىشىش ۋە يوقىتىش كەچمىشلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ.